سەكتىنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى ۋە ئاقىۋىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  كېسەللىك پەيدا بولۇشىنىڭ جىددىي ۋە ئاستىلىقىغا ئاساسەن، سەكتە جىددىي خاراكتېرلىك سەكتە ۋە ئاستا خاراكتېرلىك سەكتە دەپ ئىككى تۈرگە؛ كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە ( مېڭە تىقىلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) ۋە مېڭە قاناش خاراكتېرلىك سەكتە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سەكتىنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 

سەكتىنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى 
① قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتىنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى 
  قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە مېڭە قان نۆكچىسى شەكىللىنىش، مېڭە قان تومۇرى كەپلەشمىسى ۋە مېڭىگە قىسقا ۋاقىت قان يېتىشمەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنى ئايرىم- ئايرىم تونۇشتۇرىمىز. 
  مېڭە قان نۆكچىسى شەكىللىنىش دېگىنىمىز مېڭە قان تومۇرىنى ئۇيۇپ قالغان قان نۆكچىسى  توسۇۋالغانلىقتىن، بۇ قان تومۇرى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان يېتىشمەي، نېكروزلىنىش ۋە يۇمشاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى مەلۇم سۇ تۇرۇبا يولىدا مەسىلە كۆرۈلسە، شۇ تەۋەدىكى بارلىق ئاھالە رايونلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىشىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنگە ئوخشايدۇ. سۇ تۇرۇبىسىدىكى سۇنىڭ ئېقىن مىقدارى چوڭ بولمىسىمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. سۇ تۇرۇبىسىدىكى ئېقىن مىقدارى بارغانسېرى ئازايسا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدكى سۇ تۇرۇبىسىدىن چىقىدىغان سۇنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئازىيىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تۇرۇبا يوللىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالسا مۇناسىۋەتلىك رايونلاردا سۇ توختاپ، قىسمەن ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى ئاستا بولۇپ، تەدرىجىي كۈچىيىدۇ، ئادەتتە بىر قانچە مىنۇت ياكى بىرقانچە سائەتتە ئاندىن بىلىنىدۇ، ھەتتا بەزى بىمارلار بىر- ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن كېسەللىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ پۈتۈنلەي سەكتە بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش سۈرئىتى باشقا خىلدىكى سەكتىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولسىمۇ، بىراق بۇ ياشانغانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل مېڭە سەكتىسى ھېسابلىنىدۇ. مېڭە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئارتېرىيە قېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى 40 ياشلاردىكى كىشىلەردىمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. كېسەللىك يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى يارتا پالەچلىنىش، تىلى تۇتۇلۇش، بىر تەرەپتىكى قول- پۇتنىڭ ئۇيۇشۇشىدۇر. بىراق، قان تومۇر توسۇلغان ئورۇن ئوخشاش بولمىغاچقا، مېڭە توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. مېڭە قان نۆكچىسى پەيدا بولغان ئىككى نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىك دەرىجىسى تامامەن ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، دوختۇرلاردىن كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەسلىھەت ئېلىش لازىم. 
  مېڭە قان تومۇرى كەپلەشمىسى دېگىنىمىز غەيرىي ماددىلارنىڭ قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ مېڭىدىكى ئارتېرىيە ياكى مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان بويۇن ئارتېرىيە تومۇرىغا كىرىپ ۋە ئۇنى توسۇۋېلىپ، قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇناسىپ رايوندىكى مېڭە ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىشنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي ماددىلار نۆكچە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۆكچە يۈرەك كېسەللىكى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۆكچە شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلاردىن يەنە ئۆسمە پارچىسى، ماي تامچىسى، پارازىت قۇرتلار، قۇرت تۇخۇمى، ھاۋا ياكى باكتېرىيە قاتارلىقلار بار. نوكچىدە باكتېرىيە بولسا قان تومۇر دىۋارىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، يىرىڭلىق ئىششىق ياكى چوڭ مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يۇقۇملىنىش توسۇلغان قان تومۇردا بولسا ئۆسمىسىمان كېڭىيىشنى پەيدا قىلىپ، ئارتېرىيە ئۆسمىسى يېرىلىپ مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆكچىنىڭ ئالاھىدىلىكى مېڭە قان تومۇر كەپلەشمىسىنىڭ ھەرقانداق ياشتىكىلەردە يۈز بېرىشىنى بەلگىلەيدۇ. كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئاز، ئەمما كېسەللىك تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى 30 ~ 10 سېكۇنت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، بارلىق سەكتىلەر ئىچىدە بۇ خىل سەكتىنىڭ قوزغىلىشى ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ. كېسەللىك ئادەتتە بىمار ئۇخلاۋاتقاندا ياكى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كىلىنىك ئالامەتلىرى يارتا پالەچلىنىش، تىل تۇتۇلۇش، بەدەننىڭ بىر تەرىپىنىڭ سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، بەدەننىڭ پالەچلەنگەن تەرىپىدىكى كۆز كۆرمەسلىك، باش ئاغرىش، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئەس- ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلاردۇر. بىمارنىڭ دەسلەپكى كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئىپادىسى ۋە بەدەن ئالامەتلىرى نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ، نۆكچە قاننىڭ ئېقىشىغا ئەگىشىپ ئارتېرىيەنىڭ يىراق ئۇچىغا بارغاندا ياكى پارچىلىنىپ ئىنچىكە ئارتېرىيەگە تارقالغاندا كېسەللىك ئەھۋالىمۇ بارا- بارا يېنىكلەيدۇ. 
  مېڭىگە قىسقا ۋاقىت قان يېتىشمەسلىك ئارىلىق خاراكتېرلىك تىقىلما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ داۋاملىشىشچان يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇششاق ئارتېرىيە قېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئالاھىدە تىپتىكى مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىدۇر. كېسەللىك قوزغالغاندا بەزىلەر قىلچە سېزەلمەيدۇ، بۇ كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان مېڭە تىقىلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا يېنىك بولغان نېرۋا كېسەللىك ئالامىتى، مەسىلەن، نوقۇل بىردەملىك ياكى داۋاملىشىشچان بەدەننىڭ يېرىمى، بىر تەرەپ پۇت ياكى قولنىڭ يەڭگىل پالەچلىنىشى ياكى سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش، يول مېڭىش مەزمۇت بولماسلىق، تىلى كالۋالىشىش ياكى ئەستە تۇتۇشى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى ئاساسلىقى نوقۇل ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، قولنىڭ ئىنچىكە ھەرىكەتلىرى قولاشماسلىق، يول ماڭغاندا دەلدەڭشىپ مېڭىش قاتارلىقلاردۇر. مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، %50 تىن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ئارىلىق خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر ئېنىقلىتىشى، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى لازىم. 
 
② قاناش خاراكتېرلىك سەكتىنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى 
  قاناش خاراكتېرلىك سەكتە مېڭە قاناش، ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ قانىشى، قاتتىق پەردە سىرتىدىكى قاناش ۋە قاتتىق پەردە ئاستىدىكى قاناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈرلۈك قاناشنى ئاساسلىقى سىرتقى جاراھەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە ئاساسلىقى ئالدىنقى ئىككى تۈرلۈك قاناش تونۇشتۇرۇلىدۇ.
 مېڭە قاناش مېڭىگە قان چۈشۈش دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىدىن ئىبارەتتۇر. قان بېسىمى توساتتىن يۇقىرىلاپ كەتكەندە، مېڭە قان تومۇرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەڭشەپ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز كېلىپ قېلىپ، ئۇششاق ئارتېرىيە ئۆسمىلىرىنىڭ يېرىلىپ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خۇددى شەھەر مەمۇرىيىتىدىكى تۇرۇبا يوللىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە سۇ ئېقىپ كەتسە مۇناسىپ تەمىنلەش رايوندىكى سۇنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازايغانغا ئوخشايدۇ. مېڭە قاناشنىڭ قوزغىلىشىغا كۆپىنچە كەيپىياتى جىددىيلىشىش، بەك كۈچەپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبچى بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ھەرىكەت قىلىۋاتقان چاغدا جىددىي يۈز بېرىپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىرقانچە مىنۇتتىلا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. كېسەللىك دەسلەپتە قوزغالغاندا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇسۇش، ئەس- ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، يارتا پالەچلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۇيۇقسىز ھوشىنى يوقىتىش مېڭە قاناشتىكى ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتىدۇر. مېڭە قاناش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنىڭ نەپەسلىنىشى، تومۇر سوقۇشى، كۆز قارىچۇقىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. مېڭە قانىغاندا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئەكىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب مېڭە چۇقۇقىنىڭ شەكىللىنىشىدۇر. مېڭە قاناش يۈز بەرگەندە قان مېڭە ئۇيۇل ماددىسىدىكى نېرۋا تالالىرىنى بويلاپ تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى مېڭە توقۇلمىلىرىنى بېسىۋېلىپ ياكى يىرتىۋېتىپ، كىچىك تىقىلما ياكى يېڭى قاناش نۇقتىسىنى پەيدا قىلىدۇ. قاناش مىقدارى كۆپرەك بولسا قانلىق ئىششىقنى پەيدا قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مېڭە توقۇلمىلىرىدا نېكروزلىنىش يۈز بېرىپ سۇلۇق ئىششىق بەلبېغى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قانلىق ئىششىق ۋە سۇلۇق ئىششىق مېڭىنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىشى ۋە باش سۆڭىكىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىدىكى قان ئايلىنىش ۋە مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، مېڭە چۇقۇقىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. 
  ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ قانىشى قاننىڭ ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىدىكى بوشلۇققا ئېقىپ كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. قاناش سەۋەبى ئېھتىمال سىرتقى زەخىم بولۇشى ياكى مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولۇشى مۇمكىن. مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئارتېرىيە ئۆسمىسى، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ غەيرىيلىكى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ئەڭ ئاساسلىق كېسەل پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردۇر. ئالدىنقى ئىككى خىل ئامىل ياش- قىران بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان بىمارلاردا كۆپىنچە ئۈچىنچى خىل ئامىل كۆرۈلىدۇ. كەيپىياتنىڭ جىددىيلىكى، كۈچەپ ئىشلەش، يۆتىلىش، قەۋزىيەت سەۋەبىدىن كۈچەپ تەرەت قىلىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى باش تۇيۇقسىزلا قاتتىق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىسقا ۋاقىت ھوشىنى يوقىتىشتۇر، كۆرۈش تور پەردىسىمۇ قانىشى مۇمكىن. ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىكى شۇكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردا كېسەللىك قوزغالغاندا كېسەللىك ئالامىتى ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن، بەزىلەردە پەقەت روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر كېسەلگە ئاسانلا ئېتىبارسىز قاراپ دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بېشى ئاغرىش كېسەللىك تارىخى بولمىغان ياشانغانلاردا قان بېسىمى يۇقىرى بولمىسىمۇ، توساتتىنلا داۋاملىشىشچان باش ئاغرىقى، روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشى، بىپەرۋالىق قىلماسلىقى لازىم. 
 
 سەكتىنىڭ كېسەللىك ئاقىۋىتى 
   كېسەللىك ئاقىۋىتى مەلۇم بىر خىل كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسىنى مۆلچەرلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تاسادىپىي سەكتىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھەربىر بىمارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن ئورۇن، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە ھەمدە دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنگەن ياكى كۆرۈنمىگەنلىكى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن كونكرېت تەھلىل قىلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، سەكتىنىڭ كۆپ قېتىم قايتىلانغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سەكتىنىڭ قوزغالغان قېتىم سانىنى بىلگەندىلا ئاندىن توغرا جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولغان بىمارلار داۋالانمايلا ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن، بىراق كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىمارلاردا كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ قېلىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. 
  بىزنىڭ قارىشىمىزچە، قاناش خاراكتېرلىك سەكتىنىڭ كېسەللىك ئاقىۋىتى قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە سەكتىگە قارىغاندا خەتەرلىك بولىدۇ. ئومۇمەن، مېڭە قاناش خاراكتېرلىك سەكتىدە ئۆلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %40 ~ 15 بىمار سەكتىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك باسقۇچىدا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. تېز ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مېڭە چۇقۇقىدا، كېيىنرەك ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەركىزىي نېرۋا زەئىپلىشىش ياكى مېڭە قايتا قاناش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئۆلۈش ئاساسلىقى بىرىنچى ھەپتىنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىنكى 48 سائەت ئىچىدە يۈز بېرىدىكەن. سەكتىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك باسقۇچىدا ئەس- ھوشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلاردىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار %25 تىن ئاشىدىكەن. ھايات قالغانلارنىڭ يېرىمى تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن مەھرۇم بولىدىكەن. چۈنكى، مېڭە قاناش چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ كەڭ كۆلەمدە توسالغۇغا ئۇچرىشىنى، ھەتتا بىمارلارنىڭ ئۆمۈر بويى مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، مېڭە تىقىلمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېڭە قاناشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىر، ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ ئاستا ئاستا بولىدۇ ھەمدە سالامەتلىكنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ ھەمدە سالامەتلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش ھەمدە مېيىپ بولۇش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. مېڭە قاناش ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ قانىشى قايتا قوزغالغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. 
  مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئاقىۋىتى قاناش خاراكتېرلىك سەكتىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ. تەخمىنەن %20 ~ %6 بىمار تۇنجى قېتىم كېسەل قوزغالغاندا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ قاناش خاراكتېرلىك سەكتىنىڭ خەتىرىگە قارىغاندا %50 تۆۋەن. مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان قان تومۇرلارنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا سۇلۇق ئىششىق ۋە قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتىنىڭ كېسەللىك ئاقىۋىتى توسۇلغان ئارتېرىيەنىڭ ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەم تېنىنىڭ نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىش قاتارلىق مۇھىم ھاياتلىق مەركىزى- مېڭە غولىنىڭ مۇناسىپ قان تومۇرى بىردىنلا توسۇلسا ھاياتلىققا بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا، كېسەللىك ئاقىۋىتى نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. بىراق، مېڭىنىڭ باشقا ئورنىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشتىن كېيىنكى كېسەللىك ئاقىۋىتى نىسبەتەن يېنىك بولىدۇ. 
  مېڭە سەكتىسىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئاسارىتى يارتا پالەچلىنىشتۇر. ئاز سانلىق بىمارلاردا سۆزلىيەلمەسلىك، تۇتقاقلىق، پىسخىكىلىق توسالغۇ ياكى سەكتىدىن كېيىنكى دېۋەڭلىك كۆرۈلىدۇ. نېرۋىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئالامىتى كېسەللىك قوزغىلىپ يېرىم يىل ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ، 3-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا يەنە بىرئاز ياخشىلىنىدۇ. سەكتىدە ھايات قالغانلارنى ئۈچ يىل كۆزىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىم بىمار پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ پەرۋىشىگە موھتاج بولىدىكەن، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم بىمار قىسمەن تۇرمۇشنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن. يېرىمىدىن ئازراق بىمار ئۆز تۇرمۇشىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، سەكتە بىمارلىرى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە خېلى ئازابلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك بولىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر