ھەددىدىن ئارتۇق راھەت- پاراغەتتە ياشاشنىڭ زىيىنىغا يەنە سەل قارامسىز؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا بەزىلەر « خىزمەت قانچە يەڭگىل بولسا شۇنچە ياخشى، ھەرىكەت قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى » دەپ قاراپ، قورسىقىنى تويغۇزۇشنىلا بىلىپ ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي، تاماقنى كۆپ يەپ، ئاز ھەرىكەت قىلىپ، كەچ ئۇخلاپ، ۋاقچە قوپۇشنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزىلەر ھەتتا ۋاقتىنى كېچە- كۈندۈز سافا بىلەن كارىۋاتتا ئۆتكۈزۈپ، تېلېۋىزور ۋە سىنئالغۇنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالىدۇ. ئۇلار بۇ خىلدىكى ھەددىدىن ئارتۇق راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىسىز.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن بىرى  بولغان ھەددىدىن ئارتۇق راھەت- پاراغەتتە ياشاشنىڭ زىيىنى 
1) زېھنىي كۈچ تۆۋەنلەش:
  ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسنىڭ ئىقتىدارى مېڭىنى ئىشلەتكەنسېرى جانلىنىپ، ئىشلەتمىگەنسېرى ئاجىزلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەك تىرىشچان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئېنكېفالىن قاتارلىق ئالاھىدە بىيوخىمىيەلىك ماددىلار كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، مېڭىسىدىكى رىبونۇكلىئېك كىسلاتانىڭ مىقدارى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نورمال مىقدارىدىن %10-%20 يۇقىرى بولىدۇ. بۇ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ نېرۋا گارمونى- پولى پېپتىدنى تەشكىل قىلىدىغان يېڭى ئاقسىل مولېكۇلالىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل ئاقسىل كىشىلەر تەرىپىدىن « ئەستە تۇتۇش مولېكۇلاسى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئەستە تۇتۇش ۋە زېھنىي كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. ئەكسىچە، قورسىقىنى تويغۇزۇشنىلا بىلىپ ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي، مېڭىسىنى ئاز ئىشلىتىدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلمىغاچقا، ئېنكېفالىن بىلەن مېڭىسىدىكى رىبونۇكلىئېك كىسلاتا قاتارلىق بىيولوگىيەلىك جانلاندۇرغۇچى ماددىلارنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇبادا ئۇزاق مەزگىل مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى، ئەقلىي قابىلىيىتى چېكىنىپ، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئادەتتە ئىچى تار، ئىنكاسى ئاستا، ھۇرۇن، ئۇنتۇغاق بولۇپ، پىكىر قىلىشى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ.
2) ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش:
  ئادەمنىڭ ئىمونىتېت كۈچى ھەرىكەت قىلغانسېرى كۈچىيىپ، ھۇرۇنلۇق قىلغانسېرى ئاجىزلايدۇ، غەم- قايغۇسىز، راھەت- پاراغەتتە ياشىغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئاز بولىدۇ. بۇنداق ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ، ئاسانلا قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، دىيابېت، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقى قاتارلىق نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قورسىقىنى تۇيغۇزۇشنىلا بىلىپ، ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان ھۇرۇن كىشىلەرنى ئوڭايلا تاپىدۇ.
3) پىسخىكا جەھەتتىكى توسالغۇ:
  پىسخىكا جەھەتتىكى توسالغۇنىڭ قاندا ماينىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. راھەت- پاراغەتكە بېرىلگۈچىلەر ھەمىشە دېگۈدەك ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئاسانلا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئائىلە ئەزالىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۆزىدە ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، جىمىغۇرلۇق، روھسىزلىق، ئۆچمەنلىك، تىت- تىت بولۇش، غەزەپلىنىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ناچار كەيپىياتلار دائىم دېگۈدەك زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، خىزمەتداشلار ئوتتۇرىسىدىكى، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرۇپ، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4) ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش:
  نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى جىددىيلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. راھەتكە بېرىلىپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ مېخانىزمى يەنىلا ناچار پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىشىدىن ئىبارەت. ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشى بولسا ئادەمنىڭ جىددىيلەشكەن روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، ناچار ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئورگانىزمدىكى بىر قاتار ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،  ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزۈپ، بالدۇر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئادەتتە روھىي ھالىتى ناچار، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يۈرىكىنىڭ 10~15 يىل بۇرۇن زەئىپلىشىدىغانلىقىنى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئادەتتىكى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا بىر ھەسسە، ھەتتا تۆت- بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 
5) ئوزۇقلۇقنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى :
  تۇرمۇشتا راھەت- پاراغەتكە بېرىلىدىغانلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېسىل تائاملارنى كۆپ يەپ، ماي تەركىبى كۆپ، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئەكسىچە، بۇلارنىڭ بەدەندىكى سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قېلىپ، ئىسسىقلىقنىڭ «كىرىمى» «چىقىمى» دىن كۆپ بولۇش تۈپەيلىدىن ئوزۇقلۇق ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ، ماينىڭ ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن، بەدەن خۇددى ئىششىپ قالغاندەك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئادەم قوش ئېڭەك، يوغان قورساق بولۇپ، ئازراقلا ھەرىكەتلەنسە نەپەس سىقىلىدىغان، ئاسان تەرلەيدىغان بولۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا سېمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.
  سېمىزلىكنىڭ قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىگە بولغان تەسىرى چوڭ، ئادەتتە ئۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ يەككە خەتەرلىك ئامىلى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سېمىزلىك يەنە ھورمون ۋە ماددا ئالمىشىشلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، ھەر خىل خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرلىشىپ تەسىر قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قاندىكى ماينىڭ ئالمىشىشىغا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
  ئەلداۋادىن ساغلاملىقنى سۆيگۈچىلەرگە سەمىمىي تەۋسىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش : 
   بىز ئۆزىمىزنىڭ سېمىز ياكى سېمىز ئەمەسلىكىمىزگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ 18 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەر ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ( BMI) بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى(BMI )  = بەدەن ئېغىرلىقى kg(  ) ÷ بوي ئېگىزلىكى cm(  )
  قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى 25 تىن چوڭ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى 24 تىن چوڭ بولسا سېمىز ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى 25~30 بولغانلار يەڭگىل دەرىجىدىكى سېمىز، 30~40 بولغانلار ئوتتۇرھال سېمىز، 40 چوڭ بولغانلار ئېغىر دەرىجىدىكى سېمىز ھېسابلىنىدۇ. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى 20 دىن كىچىك بولغانلار نورمال، 20~30 بولغانلار يەڭگىل دەرىجىدىكى سېمىز بولىدۇ. 
  سىتاتىستىكىلىق ماتېرىياللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەل ئايلانمىسىنىڭ ساغرا ئايلانمىسىغا بولغان نىسبىتى يۇقىرىلىغانلار ( ئەرلەرنىڭ 1.0 دىن چوڭ، ئاياللارنىڭ 0.8 دىن چوڭ بولغانلار ) دا ئادەتتە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قورساق بوشلۇقى تىپلىق سېمىزلەر( ئىچكى ئەزالارغا ماي يىغىلىپ قېلىشنى ئاساس قىلىدۇ ) نىڭ قان شىرىسىدكى ترى گىلىتسېرىد ۋە قان شېكىرى تېرە ئاستى تىپلىق سېمىزلەر ( تېرە ئاستىغا ماي يىغىلىپ قېلىشنى ئاساس قىلىدۇ ) نىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ھال قورساق بوشلۇقىدىكى مايلارنىڭ ياغ تەنچىسى بىلەن شېكەرنىڭ ئالمىشىشىغا بولغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، بۇ خىل خەتەرلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن ماينىڭ تارقىلىشىنىڭ سېمىزلىكنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ماينىڭ تارقىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتكۈچ- بەل ئايلانمىسى بىلەن ساغرا ئايلانمىسنىڭ نىسبىتى ( WHR ) بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتكۈچ ( BMI ) گە قارىغاندا، ئۇنىڭ قان شىرىسىدىكى ترى گىلىتسېرىد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە بەزىلەر 50 ياشتىن ئاشقان سېمىزلەردە يۇقىرى قان شىرىسىنىڭ ترى گىلىتسېرىد قان كېسەللىكىنىڭ بايقىلىش نىسبىتى بەل ئايلانمىسى بىلەن ساغرا ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى ( WHR ) گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى.
  بارلىق تەتقىقاتلار ئەر- ئايال، ياش- قېرى سېمىزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قان زەردابى، قان شىرىسىدە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. سېمىزلەرنىڭ قان شېرىسىدىكى ترى گىلىتسېرىد مىقدارى ئۆرلەپ، قان زەردابى، قان شىرىسىنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى گىلىتسېرىن مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ بەدەن ئېغىرلىغان ۋاقىتتا جىگەردىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ يۆتكىلىپ كەلگەن ئىنتايىن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىدىكى قان زەردابى ترى گلىتسېرىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. سېمىز كېسەللەردە ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنىڭ ئەركىن ھالەتتىكى ياغ كىسلاتاسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشى ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇ ھال قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلەر كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاچقا، قان شىرىسىدىكى ترى گىلىتسېرىد مىقدارى روشەن ھالدا ئېشىپ كېتىدۇ. سېمىزلەردە تاماقتىن كېيىن قان شىرىسى خىلۇس مىكرو دانچىلىرىنىڭ تازىلىنىش ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىپ، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئۆرلەيدۇ. قاندىكى ترى گىلىتسېرىد بىلەن خولېستېرىننىڭ ئېشىش دەرىجىسى سېمىزلىك دەرىجىسى بىلەن توغرا تاناسىپ بولىدۇ. 
  ساغلاملىق ئۈچۈن، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەممىمىز چوقۇم سېمىزلىك بىلەن قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كونترول قىلىشىمىز، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى داۋالىتىشىمىز كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر