بۇ 5 خىل ئەھۋالدىن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلىقىڭىزنى بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى - ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئاشقازان دىۋارىنىڭ شىللىق پەردە قەۋىتى، شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتى، مۇسكۇل قەۋىتى ە شىرىلىك پەردىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئاشقازان ياللۇغلانغاندا يېنىك بولغاندا قىسمەن ئاشقازان پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى ۋە مۇسكۇل قەۋىتى، ھەتتا شىرىلىك قەۋىتى تولۇق ياللۇغلىنىدۇ. بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىر- يېنىك بولۇشى ياللۇغلىنىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ.

  ئۇنداقتا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى ئۆزىمىز قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇنىڭدا ئاۋۋال جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى توغرىسىدىكى بەزى ئاساسىي ساۋاتلارنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

1. تۇنجى قېتىملىق كېسەللىك: 
  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا كۆپىنچە تۇنجى كېسەللىك يۈز بەرگەن بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا قوزغىلىدۇ. كېسەللىك يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى كۆپىنچە ئېنىق ھالدىكى كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ياكى كېسەللىك ئامىللىرى تەكرارلىنىدۇ. 
2. كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالى:
  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى جىددىي، جەريانى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە بىر ھەپتە بولىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا كېسەللىك جەريانى بىرقانچە ھەپتىگە سوزۇلىدۇ. 
3. كېسەللىك ئامىلى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار: 
  دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى - مەينەت ياكى كىسلاتالىق چىرىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن بولىدۇ. بەزىدە ئاشقازاننى كۈچلۈك غىدىقلايدىغان خىمىيەلىك دورىلارنى خاتا يېيىشتىن، بەزىدە زىيانلىق دورىلارنى ئۇزاق ۋاقىت يېيىشتىنمۇ ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئامىللىرى دائىم مىكروب، زەھەرلىك ماددا، ئىسپىرت، كىسلاتا، كىسلاتا- ئىشقار قاتارلىق چىرىتكۈچى ماددا ياكى دورا قاتارلىقلار بولىدۇ. 
4. پۈتۈن بەدەن سىستېما مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاشقازاندىكى ئالامەتلىرى: 
  يەنە بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئېغىر دەرىجىدىكى پۈتۈن بەدەن سىستېما مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاشقازاندىكى جىددىي ئالامىتى ياكى سېزىمچانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ كېيىنكىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 
  ئەلداۋادىن سەمىمىي ئەسكەرتىش : 
  ئوخشىمىغان تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى جىددىي قوزغىلىدۇ، كېسەللىك تارىخى قىسقا بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: قورساق ئاغرىيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەزىم قىلىش يولى قانايدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا كۆپىنچە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئىپادىسى بولمايدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىقى قورساق بىئارام بولۇش، قورساق كۆپۈش، كېكىرىش، بولۇپمۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى يانغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئاز ساندىكىلەردە ئاشقازان قىسمى بوش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئۈستۈنكى، ئوتتۇرا قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بىرەر نەرسە يېگەندىن كېيىن دەرھال تەسىر قىلىدۇ ياكى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىدا كۆپىنچە ئېنىق بەدەن ئىپادىسى بولمايدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا ئادەتتە يۇقىرىقى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ. قورساق غولدۇرلاش كۈچىيىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا قورساق قىسمىدىكى ئىپادىسى جىددىي خاراكتېرلىك بىمارلارغا قارىغاندا يېنىكرەك بولىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا تىل ياللۇغى، تىل ئۆسۈكچىسى يىگلەش، كەم قانلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئاستا يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. قايسى خىلدىكى ئاشقازان ياللۇغى بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ۋاقىتدا داۋالىنىپ ، كېيىنكى كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز زۆرۈر.
 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر