ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا سەل قارىماڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى دېگىنىمىز، كاناي، كانايچە شىللىق پەردىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك خاس بولمىغان ياللۇغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كىلىنىكىدىكى كېسەللىك ئىپادىسى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، دېمى سىقىلىش ۋە تەكرار قوزغىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل كېسەللىك نەپەس يولىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئوڭاي كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، قىسمەن بىمارلارنىڭ بالا چېغىدىلا يۇقىرى نەپەس يولى تەكرار يۇقۇملانغان، ھەر قېتىم كېسەل قوزغالغاندا ئۇزاق سوزۇلغان كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلار ھەر قېتىم زۇكامدىسا ئۇزاققىچە يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە بارا- بارا ھەرىكەت قىلغاندا نەپىسى تېزلىشىش، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

  كۆپ ساندىكى بىمارلار تاماكىنى ئۇزاق مەزگىل كۆپ چەككەچكە، دەسلەپتە قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ يۆتەلگەندە ئاق ماغزاپسىمان يېپىشقاق خەپرۈك تۈكۈرىدۇ. بۇنىڭ تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇ ئالامەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەلگۈسىدە داۋالاش قىيىن بولغان ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە تىقىلما خاراكتېرلىك يەللىك ئىششىقنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە بىپەرۋالىق قىلىدۇ. كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ يۆتەل ئارىلاش دېمى سىقىلغاندا كۆپىنچە ئۆپكە يەللىك ئىششىقى باسقۇچىغا يەتكەن بولىدۇ.

  بۇ خىل كېسەللىك ئۇزاق مەزگىل تەكرار قوزغىلىۋەرسە، تەرەققىي قىلىپ تىقىلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن نەپەس يولىنىڭ زەئىپلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قېلىپ داۋاملىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاچقا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە روھىي ئازاب ۋە ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ %90 ى ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىدىن پەيدا بولغان. شۇڭا، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەھىمىلىك كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. 

  ئەلداۋادىن سەمىڭىزگە : زامانىۋى سانائەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشى، دۆلىتىمىزدىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ نىسبىتى كۈنسايىن ئۆرلىمەكتە. مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تارقىلىش نىسبىتى %9 ~ %2.5 كېچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە نىسبىتى %4 بولغان. مەملىكىتىمىزدە بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شىمالدا جەنۇبقا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى، تاغلىق رايونلاردا تۈزلەڭلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ بارىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. 50 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %13 بولغان. شىمالىي جۇڭگودىكى قىسمەن يېزىلاردا ئوتتۇرا ياخشىلىق ئەرلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، بۇ كېسەللىكنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر