يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدىغان 5 خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن سەمىڭىزگە : ئادەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەممىسى يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. يۈرەك رىتىمسىزلىقى پەيدا بولۇشنىڭ تۈرى، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى دائىم يۈرەك كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولۇپ، كۆپىنچە ئېغىر ھالدىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئېغىر ھالدىكى ئەزا مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى يامان خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولغان يۈرەك كېسىلىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، دائىم ياخشى خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

1. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى:
  بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپىنچە سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش، سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈپ بېرىش توسۇلۇش، ھەر خىل تىپتىكى يۈرەك بالدۇر سوقۇش، قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، قىسقا مۇددەت تۇتقاقلىق قېرىنچە تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. 
2. رېماتىزم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى:
  بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا يۈرەك دالانچىسى تالالىق تىترەش ۋە يۈرەك دالانچىسى پۇلاڭلاش، دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈشى توسۇلۇش، دالانچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش، قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش، قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. 
3. يۇقىرى قان بېسىمى مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى:
  بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا يۈرەك مۇسكۇلى قېلىنلاش، يۈرەك يوغىناش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يۈرەك دالانچىسىنى تالالىق تىترەش، دالانچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش ياكى قېرىنچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش، ھەتتا قىسقا ۋاقىت تۇتقاقلىق قوزغىلىش مەنبەلىك قېرىنچە تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. يامان خاراكتېرلىك قان بېسىمىدا دائىم قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 
4. تۇغما مەنبەلىك يۈرەك قان تومۇر كېسىلى:
  كېسەللىك تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، دالانچىلار ئارا پاسىلى كەمتۈك بولغان بىمارلاردا ئوڭ تۇتام تارمىقىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشى پات-پات ياكى تولۇق توسۇلۇپ قالىدۇ. كۆكىرىش تىپىدىكى تۇغما مەنبەلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىدە دائىم قېرىنچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
5. ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان پولتىيىپ چىقىپ قېلىش:
  بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، دالانچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش ۋە يۈرەك دالانچىسى تىترەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ئاندا-ساندا دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر