نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟ نېمە كېسەلنىڭ بېشارىتى؟ بۇ رەسىمگە قاراپ بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
 ئەسىلىدە دۈمبە ئاغرىش، سول  قول ئاغرىش يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن!

 

  ئەلداۋادىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر سەمىگە: ئادەتتە يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەيدە ئاغرىش پەيدا بولغاندا سىزدە بىۋاسىتە سېزىم پەيدا بولىدۇ، ياكى بۆرەكتىن مەسىلە كۆرۈلگەندە چوقۇم بەل ئەتراپىنىڭ ئاغرىقانلىقىنى ھېس قىلىسىز؟...  
  يۈرەكتىن مەسىلە چىققاندا، سول قولنىڭ بىلەك قىسمىدا ئاغرىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ بەلكىم سىزگە بىلەك گۆشى ئاغرىغاندەك بىلىنىدۇ ، خالاس.
بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى تېبابەتچىلىكتە « ئاغرىق ئورنىنى خاتا سېزىش » دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئاساسلىقى بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدا ئوخشاش ماددا « نېرىپ ئاغرىش » ھالىتى بولىدۇ، ئاغرىۋاتقان ئورۇن يۈرەك بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭىدە خاتا ھالدا باشقا جايلار ئاغرىغاندەك سېزىم بولۇپ « ئاغرىق ئورنىنى خاتا سېزىش » ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ.
  ئادەتتە دوختۇر دىياگنوز قويغاندا، ھەقىقىي ئاغرىق ئورنىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاغرىۋاتقان ئورۇننىڭ ئەتراپىنى بېسىش ۋە غىدىقلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغاندا، ھەقىقىي مەسىلە چىققان ئورۇن قاتتىق ئاغرىپ كېتىدۇ. لېكىن ئاغرىق ئورنىنى خاتا سېزىم قىلغان ئورۇندا بولسا ئاغرىش ياكى قاتتىق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
تۆۋەندە كۆپ كۆرۈلىدىغان 9 خىل « ئاغرىق ئورنىنى خاتا سېزىش » ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل، كېسەللىككە دەسلەپكى دىياگنوزنى توغرا قويۇپ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشىدىن كېلىپ چىقىرىدىغان، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
 
1. سول بىلەك ۋە كۆكرەك ئاغرىش:
  يۈرەكتە مەسىلە بار ياكى يۈرەك كېسىلى بار ئادەمدە ئادەتتە سول بىلىكى ۋە كۆكرەك ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.     
  ئەلداۋادىن تەكلىپ : مۇشۇنداق ئاغرىش كۆرۈلگەن ئادەم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىش زۆرۈر.
 
2. مۆرە (دولا ) ئەتراپى بويۇن ئاغرىش:
  بۇ ئورۇندا ئاغرىش پەيدا بولغاندا، ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالى تەڭ كۆرۈلسە، ئۆپكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. 
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: بىرلا ۋاقىتتا بويۇن ئەتراپى ئاغرىش بىلەن مۆرە قاتتىق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دىققەت ، بۇ بەلكىم نەپەس يولىدا مەسىلە چىققانلىقنىڭ ئالامىتى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، داۋالىنىڭ.
 
3. مۈرىسى بىلەن ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا ئاستى ئاغرىش :
  ئۆپكە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق ئورنىنى خاتا سېزىش ئادەتتە بويۇننىڭ ئالدى قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بويۇن ئاغرىش بىلەن بىللە ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا ئاستى ئاغرىش تەڭ كۆرۈلسە، جىگەر بىلەن ئۆت خالتىسىدا مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جەزمەن كەسپىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ دىياگنوز قويغاندىلا ئاندىن ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ:  ئەگەر پەقەت ئادەتتىكى مۇسكۇل ئاغرىقى بولسا، بۇنىڭغا زىيادە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز. پەقەت ئۇۋۇلاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت كىسلاتاسى توپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق تۇيغۇسىنى تارقىتىۋەتسىلا بولىدۇ.
 
4. ئالدى بەل ۋە ئارقا بەل بىر ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىش:
  بەلكىم ئاشقازان ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاتا ھالدا، تۇرۇش ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. ھەتتا قايرىلىپ كېتىش قاتارلىقلارغا سەل قارايدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: ئەگەر بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى بىر مەزگىل داۋاملاشقاندا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىش بىلەن بىرگە ۋاقتىدا داۋالاش قىلىش كېرەك.
 
5. كىندىك ئورنى ئاغرىش :
  كىندىك ئورنى ئاغرىش ئادەتتە كىچىك ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ ئىنچىكە ئۈچەي ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلانغاندا مۇشۇنداق ئىنكاس بولىدۇ.
 ئەلداۋادىن تەكلىپ: كىندىك ئورنى ئاغرىشنى قورساق قىسمى ئاغرىشقا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەل قارىغان بولىسىز. شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىككى ئاغرىقنى ئېنىق ئايرىش بىلەن بىرگە ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
 
6. ئوتتۇرا، تۆۋەن قورساق قىسمى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاغرىش :
  تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش چوڭ ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي قاتارلىق ئەزالاردىن چاتاق چىققانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.
 ئەلداۋادىن تەكلىپ: قورساق قىسمى داۋاملىق ئاغرىسا ياكى تۆۋەن قورساق قىسمى ئاغرىپ بىئارام بولسىڭىز، بۇنىڭغا سەل قارىماي دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
 
7. ئاغرىق كىندىك ئاستى تەرىپىدىن يوتىغىچە سوزۇلغان بولسا :
  بۆرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلگەندە، ئاغرىق ئالامىتى داس قىسمى ۋە تۆۋەنكى قورساق قىسمىدىن باشلاپ يوتا ئۈستى يېرىم قىسمىغىچە بولىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: بۇنداق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر ھەرگىز سەل قارىماي ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، داۋالىنىش كېرەك.
 
8. داس بوشلۇقى ئاغرىش:
  ئەگەر داس بوشلۇقىدا ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولسا، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۆرەك ۋە دوۋساق ياللۇغلىنىپ قالسا، بۇ ئورۇننىڭ ئاغرىق سېزىمى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: بۆرەك ۋە دوۋساق ياللۇغلىنىپ قېلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ ئېنىق دىياگنوز قويۇپ ۋاقتىدا داۋالانغاندىلا، كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
 
9. تۆۋەنكى قورساق قىسمىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپى ئاغرىش:
  تۇخۇمداندىن مەسىلە چىققان ۋاقىتتا، ئەڭ روشەن كۆرۈلىدىغان ئالامەتنىڭ بىرى، ئاستىنقى قورساق ئوڭ-سول ئىككى تەرەپتە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇش. بۇنى بەلكىم تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشى ياكى ئۆسمە پەيدا بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: سىزدە ئادەتتىن تاشقىرى ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولغاندا، سەل قاراپ دورا  ئىچسەم ئوڭشىلىپ قالىمەن دەپ ئولتۇرماي، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، دىياگنوزغا قاراپ ۋاقتىدا داۋالىنىڭ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر