ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان 5 خىل سەۋەب

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن ئوقۇرمەنلەر سەمىگە: كاناي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى كۆپ. شۇڭا، بىمارلاردىكى كېسەللىك پەرقى ئوخشىمايدۇ. نۆۋەتتە كىلىنىكىدا ئېنىقلانغان كېسەللىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
 
1. ئۆسمۈرلۈك چېغىدا يۇقىرى نەپەس يولى تەكرار يۇقۇملىنىش: كىچىك چېغىدا كاناي ياللۇغى ئۈزۈل- كېسىل ساقايتىلمىسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېسەللىك بارا- بارا ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار جىددىي خاراكتېرلىك ۋىرۇسلۇق كانايچە ياللۇغى بولغاندا، نەپەس يولى دىۋارى پەردىسى زەخىملەنگەن بولسا چوڭ بولغاندا ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ. 
2. ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى: قايسى رايوندا ھاۋا تەركىبىدىكى: زەھەرلىك گاز، چاڭ- توزان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، شۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ھاۋا تەركىبىدىكى كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدى، خىلور، ئۇزۇن، ئىس- تۈتەك، گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىدى قاتارلىق زھەرلىك گازلارنىڭ كىشىلەردە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. 
3. تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش ياشانغانلاردا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بىلەن توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە يەللىك ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تاماكا چەككەن ۋاقتى قانچىكى ئۇزاق بولسا، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشى شۇنچە بالدۇر بولىدۇ. نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. 
4. كەسپىي ئامىل: قىسمەن ناچار خىزمەت مۇھىتىدا ئىشلىگۈچى: 
زور مىقداردىكى زەھەرلىك گاز بىلەن چاڭ- توزانلارنى نەپەس ئارقىلىق سۈمۈرگەچكە، بۇ زەھەرلىك ماددىلار كانايچە شىللىق پەردىسىنى داۋاملىق غىدىقلاپ، زەخىملەندۈرۈشى بىلەن كانايچىدا ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. 
5. ئىرسىيەت ئامىلى: ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى قىسمەن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىرسىيەتتىنمۇ پەيدا بولىدۇ. گەرچە ئىرسىيەت مېخانىزمى ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن كىلىنىكىدا بىمارنىڭ جەمەتىدە بۇ خىل كېسەللىك كۆپ بولۇش ئەھۋالى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، دوختۇرلار جەمەتىدە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بار كىشىلەرنى تاماكا چەكمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ كىشىلەردە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بىلەن ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ كىشىلەر ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ۋە زىققە كېسەللىكلىرىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ. 
 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر