يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىگە قانداق دىياگنوز قويىلىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن ئوقۇرمەنلەر سەمىگە: يۇقىرى قان بېسىمى ئىچكى سەۋەب ياكى تاشقى سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ. ئىچكى سەۋەب ئىرسىيەت، بەدەن تىپى، خۇلق-مىجەزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاشقى سەۋەب روھىي ئامىل، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە، دوختۇرنىڭ داۋالىشىدىن باشقا، تەڭ نىسبەتتە ئۆزىگە تايىنىش لازىم. 
 
 يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ 
  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1999-يىلى تەۋسىيە قىلغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى شۇكى، كۆڭۈلدىكىدەك قان بېسىمى 120/80 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى؛ نورمال قان بېسىم قىسقىرىش بېسىمى 130 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئاشماسلىق ( ئەڭ يۇقىرى قىممەت 139 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن بولۇشى لازىم )، كېڭىيىش بېسىمى 85 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئاشماسلىق ( ئەڭ يۇقىرى قىممەت 89 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن بولۇشى لازىم ). ئۇنىڭ ئىچىدە، كىرىتىك يۇقىرى قان بېسىم قىسقىرىش بېسىمى 149-140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولسا بولىدۇ، ئەمما كېڭىيىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئاشسا بولمايدۇ. 
 
  ئەلداۋادىن  سەمىمىي تەكلىپ: بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا پەقەت قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپلا كېسەللىككە دىياگنوز قويغىلى بولمايدۇ. كىلىنىكىدا مۇنداق بىمارلاردا دائىم ئۇچرايدۇ: باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئالاقزادە بولۇش ئالامەتلىرى يۈز بەرگەنلىكتىن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كېلىپ كۆرۈنىدۇ؛ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ئۆلچىنىپ، بەلگىلەنگەن يۇقىرى قان بېسىمى ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن، ئۇلارغا زۇكام دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، ئەمما ئۇزاققىچە داۋالىنىپ ساقىيالماي، دائىم دوختۇرخانىغا كېلىشكە مەجبۇر بولۇپ، نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بۇيرۇلۇپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىدىن گۇمان قىلىپ، مۇناسىپ چوڭ تەكشۈرۈشلەردىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈلسىمۇ، دىياگنوز يەنىلا ئېنىق بولمايدۇ، نەتىجىدە بىمارنىڭ قورقۇنچى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىدۇ.
  بۇنداق بىماردىن كېسەللىك تارىخىنى ئىنچىكىلەپ سورىسا، تولىسىنىڭ روھىي جەھەتتىكى سەۋەبى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتسا، ئارتېرىيەنىڭ زىيادە تولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ، بولۇپمۇ چېكە ئارتېرىيەسى كۈچلۈك سوقىدۇ. قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالىسا، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېز يوقىلىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويغاندا، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىنىلا ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئاساسىي قان بېسىمى 85/55 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولسا، قاننىڭ قىسقىرىش بېسىمى بىلەن كېڭىيىش بېسىمى بىرلا ۋاقىتتا 30 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئۆرلىگەن تەقدىردىمۇ، قان بېسىمى يەنىلا نورمال دائىرە ئىچىدە بولۇپ، تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭدا يۇقىرى قان بېسىمى يەنىلا نورمال دائىرە ئىچىدە بولۇپ، تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭدا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى بار دەپ قارالمايدۇ. لېكىن ئۇ فىزىيولوگىيەلىك ھالەتتىن پاتولوگىيەلىك ھالەتكە ئۆتكەن مەزگىل بولۇپ، ئەلۋەتتە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، دىياگنوز قويۇش جەريانىدا ئەسلىدىكى ئاساسىي قان بېسىمى نەزەرگە ئېلىنمىسا، خاتا دىياگنوز قويۇشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. 
بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بىمارغا بىمارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى تۈپەيلىدىن باشقا ئەزالارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. 
(1) بىماردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، قولاق غوڭۇلداش، كۆز تورلىشىش، ئالاقزەدە بولۇش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە يۇقىرى چىقمايدۇ. 
(2) بىمار روشەن بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ، ئەمما قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ئەسلىدىكى ئاساستا %30 ~ %20 ئاشقان بولىدۇ. 
(3) بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتسا، تومۇرنىڭ زىيادە بولغانلىقى، كېرىلىش كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى بىلىنىپ، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى قوزغىشى، بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم. 
 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر