كۆپ ئۇچرايدىغان جىگەرنىڭ زەخىملىنىش سەۋەبلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسىدىن تەۋسىيە: جىگەرنىڭ مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى بىلىۋالساق، جىگەرنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالغان بولىمىز. تەبىئىي مۇھىتتىكى جىگەرگە تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك ئامىللار، مەسىلەن، ۋىرۇس، باكتېرىيە ۋە ئۇلاردىن پەيدا بولغان بىر قىسىم ماددا ئالمىشىشتىن كېلىپ چىققان ماددىلار، زەھەرلىك، زىيانلىق گاز ۋە مېتاللار، زىيادە ھاراق ئىچىش، قالايمىقان دورا يېيىش قاتارلىق جىگەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇنلىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئىچىدە ئەڭ تەھدىتلىكى ۋىرۇس بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ داۋالاشقا ئەكىلىدىغان قىيىنچىلىقى ئەڭ چوڭ. چۈنكى، ئىشلىتىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار نۆۋەتتە پەقەت ۋىرۇسنىڭ قايتا ياسىلىشىنى تورمۇزلاپلا تۇرىدۇ، ۋىرۇسنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرۈشى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇس « ساختا قىياپەت » كە كىرىۋېلىشقا ئىنتايىن ماھىر كېلىدۇ، يەنى پەيدا بولغان ۋىرۇس ئۆزگىرىۋېلىپ بىز ئىشلەتكەن دورا بىلەن قارشىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى تونۇپ بىلىۋالغاندا، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قوغدىنىش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىگىلى، شۇ ئارقىلىق جىگەرنىڭ ساغلاملىق ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغىلى بولىدۇ، يەنى تېنىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم قورغان ياسىغانغا باراۋەر بولىدۇ.
 
ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى 
  جىگەرنى تاجاۋۇز قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، جىگەردە روشەن ياللۇغنى، نېكروزلىنىش، تالالىق ئۆسۈش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغان، شۇ ئارقىلىق جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان جىگەر خۇمار ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەرياللۇغى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى دېيىلىدۇ. ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان جىگەرخۇمار ۋىرۇسلار بەش خىل بولۇپ: 
ئۇلار A تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى (HAV  ).
B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى(HBV ).
C تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى ( HCV)
D تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى (HDV )
Eتىپلىق جىگەر ۋىرۇسى (HEV ) لاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا  G تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ( HGV)، قان بېرىش ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ( TTV) قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ ئىككى خىل ۋىرۇسنىڭ جىگەر زەخىملىنىشى پەيدا قىلىش- قىلماسلىقى ياكى باشقا ۋىرۇسلار بىلەن بىرلىكتە بىمارنىڭ تېنىدە « يولدىن ئۆتىدىغان » بىر خىل ھالەتنى پەيدا قىلامدۇ، دېگەن مەسىلىدە ھېلىغىچە تالاش- تارتىشلار بولۇپ، « جىگەرخۇمار » ۋىرۇسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. ئالدىدىكى بەش خىل جىگەر ۋىرۇسى جىگەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى بىلەن C تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىنىڭ جىگەرگە سالغان زىيىنىدىن ئاسانلا سوزۇلما كېسەللىك پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، قىسمەن بىمارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى مۇداپىئەلىنىدىغان مۇھىم نۇقتا بولىدۇ.
A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن E تىپلىق جىگەر ياللۇغى - يېمەكلىك ئارقىلىق يوقىلىدۇ
  ھاياتلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈندە ئوزۇقلىنىپ تۇرۇش كېرەك. لەززەتلىك تائاملاردىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا « كېسەللىك يېمەكلىكتىن يۇقىدۇ» دېگەن بۇ سۆزگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HAV ) بىلەن E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HEV) بۇلغانغان يېمەكلىكلەر ياكى ئىچىدىغان سۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىدىغان ۋىرۇس دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ھەزىم قىلىش يولىدا كۆپىيىدۇ. ئاندىن قانغا ئۆتىدۇ، قان بىلەن بىرلىكتە جىگەرگە كىرىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە قايتىدىن ئىشلىنىپ كۆپىيىدۇ، قايتىدىن ئىشلىنىپ چىققان ۋىرۇس ئۆت يولى نەيچىسى ئارقىلىق ئۆت سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۈچەي يوللىرىغا ئۆتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەرەت بىلەن چىقىرىلىپ، يېمەكلىك ۋە سۇ مەنبەسىنى يەنە بىر قېتىم بۇلغاپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. كېسەل پەيدا بولۇشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ( يوشۇرۇن ھالەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ) ۋە جىددىي كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە، تەرەت بىلەن چىقىرىلغان ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى يۇقۇملۇقلۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. ۋىرۇستىن بىۋاسىتە بۇلغانغان ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بۇلغانغان، سۇ بۇلغىغان يېمەكلىك A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ بولغانغان سۇدا يېتىلگەن سەدەپ خىلىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، سەدەپ قۇلۇلىسى، مۇلى قۇلۇلىسى، يۇڭلۇق ئۇستىرىتسا، دەريا سەدەپ قۇلۇلىسى، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 1988-يىلى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن تارقىلىشچان A تىپلىق جىگەر ياللۇغى A تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان يۇڭلۇق ئۇستىرىتسادىن كېلىپ چىققان. سۇ مەنبەسى ۋىرۇسلانغان تەرەتتىن بۇلغانسا، A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىنى ئاسان پەيدا قىلىپلا قالماستىن، E تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭمۇ شىددەت بىلەن تارقىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ يېزىلاردىكى سۇ مەنبەسى ئاسراش تەدبىرلىرى ناچار بولۇپ، ئاسانلا تەرەتتىن بۇلغىنىدۇ، كېسەللىكنىڭ تاقىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ مەلۇم رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق E تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشى شۇ جاينىڭ تازىلىق شارائىتى، سۇ ئىچىش ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. 
  بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئاياللىرى، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يەسلىلەردىكى خىزمەتچىلەر بۇ ئىككى خىل جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىدىغان كىشىلەرگە ناھايىتى ئاسان يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بەزى خام يەيدىغان ياكى خام سەي قىلىپ يەيدىغان كۆكتاتلار، مېۋىلەر پاكىز يۇيۇلمىسا، ئوخشاشلا  A تىپلىق ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تارقىتىدۇ. بىمارنىڭ قولى گەندىدىن بولغاندىن كېيىن تاماق قاچىلىرى، تۇرمۇش ماتېرىياللىرى، ئويۇنچۇق، كارىۋات بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنى بۇلغايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا تارقىلىشقا ۋاسىتە بولىدۇ.
B تىپلىق، C تىپلىق، Dتىپلىق جىگەر ياللۇغى - قان مەنبەسىنى ئاساس قىلىپ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ
   مەملىكىتىمىز  تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى يۇقىرى بولغان رايون بولۇپ،  تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى (HBV ) نىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %10~%14 گىچە بولىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى زادى قايسى يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ؟ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تاقىلىش يوللىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى: ① قاندىن تارقىلىدۇ: B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى ئىندىكاتوردىدا مۇسبەت چىققان قان، قان پىلازمىسى ياكى قاندىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن تارقىلىدۇ، %50 ئەتراپىدىكى قان بېرىلگەن بىمارلار شۇنداق قاننى ئىشلەتكەندىن كېيىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولان ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلى يۈرگۈچى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، قان ئارقىلىق تارقىلىش B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشتىكى ئاساسلىق يول بولىدۇ. ② تازا بولمىغان ئوكۇل ئارقىلىق تارقىلىدۇ: شىپىرىس ياكى ئوكۇل قىلىش ئەسۋابلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ قېنىدىن بۇلغانغان ئوكۇل يىڭنىسى، ئۇستىرا قاتارلىق ئەسۋابلاردىن تاقىلىدۇ. ③ سۇيۇقلۇق ئارقىلىق تارقىلىدۇ: B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قېنى، جىنسىي يولىدىكى ئاجراتما سۇيۇقلۇقلىرى ۋە باشقا كۆپ خىل سۇيۇقلۇقلاردا B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن سۈركىشىپ يۈرۈشمۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ④ ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى مۇسبەت چىققان ھامىلىدار ئاياللار، مۇۋاپىق قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا، بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى مەملىكىتىمىزدىكى ئائىلىگە مەركەزلەشكەن B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە زور بىر تۈركۈمنىڭ ئانىدىن بالىغا تارقىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
  قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ قېنىدىكى B تىپلىق ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قان بېرىلگەنىدىن كېيىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولىدىغانلار كۆپ كۆرۈلمەيدىغان بولدى، لېكىن  C تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى (HCV ) يەنىلا قان بېرىلگەندىن كېيىن جىگەر ياللۇغى بولۇشتىكى ئاساسلىق كېسەللىك مەنبەسى بولۇۋاتىدۇ.  تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش، مەملىكىتىمىزدىكى %90 تىن ئارتۇق C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ يۇقتۇرۇۋېلىش مەنبەسى قان سېلىش يولى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. قاندىن ئىشلەنگەن ماددىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تارقىتىدۇ، بولۇپمۇ قان ئۇيۇتۇش فاكتورىنى قويۇلدۇرۇش دورىسىنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. باشقا %10 ئەتراپىدىكى C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى قان بېرىشتىن باشقا يوللار ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئادەتتە قان مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەھۋاللار، بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش، قۇلاق تېشىش، ئۇستىرا ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، قان دىئالىزى، چىش داۋالىتىش، ئەزالارنى كۆچۈرۈش قاتارلىق داۋالاش چارىلىرىمۇ C تىپلىق جىگەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. پاكىز بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىشمۇ C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇملىنىش يولى بولىدۇ. مەسىلەن، جورىسى HCV بىلەن يۇقۇملانغان، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنىڭ HCV بىلەن يۇقۇملىنىشى ئادەتتىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولى ئارقىلىق C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
  ئەلداۋادىن سەمىمىي ئەسكەرتىش :  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ HCV بىلەن يۇقۇملىنىش ئىندىكاتورنىڭ تەكشۈرۈلۈشى بىلەن، قان بېرىلگەندىن كېيىن C تىپلىق جىگەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. قان بېرىشتىن باشقا يوللار ئارقىلىق C تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا يۇقۇملىنىش دىققىتىمىزنى زور دەرىجىدە قوزغاۋاتىدۇ. D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HDV ) كەمتۈك ۋىرۇس بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدە قايتا ياسىلىشى ئۈچۈن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى قېپى بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن D تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنلا D تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۇنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇش يوللىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.
 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر