دىيابېت كېسەللىكىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دىيابېت كېسەللىكىنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، يەنى ئادەتتە ئېيتىلىدىغان « ئۈچ كۆپ، بىر ئاز » دىن ئىبارەت. 
  كۆپ يېيىش دېگەنلىك ئاچ كۆزلۈك بىلەن يېيىش، قورسىقى تويۇپ كەتسىمۇ يەنە بىرنەرسە يېگۈسى كېلىپ تۇرۇش، دائىم قورسىقى ئاچقاندەك تۇيغۇدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئە گىلۇكوزىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە نورمال ئايلىنالماي، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 
كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش دېگەندە، بىمارنىڭ دائىم ئېغىزى قۇرۇپ، سۇ ئىچكۈسى كېلىپلا تۇرىدۇ، بىر كۈندە ئىككى-ئۈچ كىلوگىرامدىن بەش-ئالتە كىلوگىرامغىچە سۇ ئىچىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىيىش قېتىم سانى ۋە سۈيدۈك مىقدارى كۆپ بولىدۇ، ھەتتا بىر-ئىككى سائەتتە بىر قېتىم سىيىپ، ھاجەتخانىغا كۆپ يۈگۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنلۈك سۈيدۈك مىقدارى ئىچكەن سۇ مىقدارى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. 
  يەنە بىر كېسەللىك ئالامىتى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىمار كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەدەندىكى زور مىقداردىكى گىلۇكوزا سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىپ، توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەر ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنالمايدۇ ۋە ئۇنى زاپاس ساقلىيالمايدۇ، گەرچە يېگەن تاماق مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتسىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ. 
  يۇقىرىقى تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە ئانچە ئېنىق بىلىنمەيدىغان ئالامەتلەر، مەسىلەن: ھېچ ئىش قىلمىسىمۇ دائىم ھارغىنلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، روھلۇق بولالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە كۆرۈش خىرەلىشىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىقلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 
   ئەلداۋادىن ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىشنىڭ چوقۇم دىيابېت كېسەللىكى بولۇشى ناتايىن. نېرۋا خاراكتېرلىك كۆپ سىيىش دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، كىچىك تەرەت قىلىشنى تەڭشەيدىغان مەركىزىي نېرۋا خىزمىتىنىڭ ماسلاشماسلىقى تۈپەيدىلىدىن كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك قىستاش، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك جامى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر بۆرەك كېسەللىكلىرىدىمۇ، بۆرەك قانالچىلىرىنىڭ قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن، سۈيدۈك مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە ياكى كۈچلۈك تەنھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللانغاندا ئادەم قاتتىق تەرلەپ، ئىچىدىغان سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىدۇ؛ ھاۋا سوغۇق چاغلاردىمۇ سۈيدۈك كۆپ كېلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئارتېرىيەسى قاتقانلىقتىن، كېچىدە تولا سىيىدۇ. 
يەنە بىر تەرەپتىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي تۇرۇپمۇ دىيابېت كېسىلى بولۇپ قېلىش مۇمكىن. ھالبۇكى، بەزى بىمارلاردا دىيابېت كېسەللىكىگە قارىتا توغرا تونۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قاراپ، ئۆزىدىكى كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى خاتا ھالدا بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، تېگىشلىك ئېھتىياتچانلىقى كەمچىل بولۇپ، ئۇزاققىچە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتمەيدۇ. ئايرىم بىمارلاردا بۆرەكنىڭ شېكەرنى سۈزۈشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، سۈيدۈكتە شېكەر بولمايدۇ، شۇڭا كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. 
  ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ: قىسقىسى، نوقۇل ھالدىكى كۆپ سىيىش، كۆپ سۇ ئىچىشنىڭ چوقۇم دىيابېت كېسەللىك بولۇشى ناتايىن؛ تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسىمۇ، بەلكىم ئاللىقاچان دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈپ قان شېكىرىنىڭ ئۆلچىنىشتىن ئىبارەت.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر