چوڭ مېڭىنىڭ قايسى بۆلىكى زەخىملەنسە، قانداق كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: چوڭ مېڭە زەخىملىنىش كىشىلەرگە داۋاملىق ئوخشىمىغان دەرىجىلەردىكى ئېغىر بولغان كېسەللىك ئاقىۋەتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋاللىرى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر تۆۋەندىكىچە: 
 
1) چوڭ مېڭە ماڭلاي بۆلىكى: ماڭلاي بۆلىكى يېڭى پوستلىقى ھەرىكەت ( يەنى بەدەننىڭ پائالىيىتى )، ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن كۆرۈش، كەيپىيات قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماڭلاي بۆلىكىنىڭ زەخىملىنىش ئالامەتلىرى ئاساسلىقى ھەرىكەت، سۆزلەش ۋە پىسخىك پائالىيەت قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى توسالغۇدىن ئىبارەت. 
  ماڭلاي بۆلىكى زەخىملەنگەن كىشىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئالدىن كۆرۈش ۋە ھېسسىيات-تۇيغۇلىرىدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلىدۇ. ئاشۇ ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىپ ھالدا ماڭلاي بۆلىكى زەخىملەنگەن بىمارلار ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلغاندا، ھەمىشە دېگۈدەك كونا قائىدە-يوسۇنلارغا ئېسىلىۋالىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە قاراپ ئىش-ھەرىكىتىنى تەڭشىمەيدۇ ياكى كونا تەجرىبىلەرگە غەرق بولۇپ كېتىپ، يېڭى شارائىتقا ماسلاشمايدۇ.  
  ئۇنىڭدىن باشقا، ماڭلاي بۆلىكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە ھەرىكەت فۇنكسىيەسى زەخىمگە ئۇچرايدۇ. مېڭە مۈچىلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى گىرەلەشمە ئىدارە قىلغانلىقى ئۈچۈن، سول تەرەپ ماڭلاي بۆلىكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە ئوڭ تەرەپتىكى مۈچىلەر پالەچلىنىدۇ؛ ئوڭ تەرەپ ماڭلاي بۆلىكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە سول تەرەپ مۈچىلەر پالەچلىنىدۇ. 
2) چوڭ مېڭە تۆپە بۆلىكى: زەخىملەنگەنلەرنىڭ سەزگۈ سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. لېكىن مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىگە نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە سەزگۈ بىلەن ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىدە كۆرۈلىدۇ، نورمال ئەھۋالدا بۇ خىل ماسلاشتۇرۇش تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. تۆپە بۆلەك پوستلىقى مەلۇم ئۇسۇل بىلەن ئىككى خىل سېزىم سىستېمىسىنى باغلاپ تۇرىدۇ ياكى سېزىم سىستېمىسى بىلەن ھەرىكەت سىستېمىسىنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدۇ، ئاشۇ پوستلاق رايونى بىرلەشمە پوستلاق رايونى دېيىلىدۇ. تۆپە بۆلىكى زەخىملەنگەنلەردە كۆرۈلىدىغان تونۇش-بىلىش توسالغۇسى ئۆز تېنىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: بىمارلار ئۆزىنىڭ قول-بىلەكلىرىنى باشقىلارنىڭ دەپ قارىشى قاتارلىقلار. دېمەك، شۇ نەرسە ئېنىقكى، تۆپە بۆلىكى پوستلىقى باشقا پوستلاق « بىرلەشمە » رايونلىرىغا ئوخشاش، ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ قىيىن فۇنكسىيە- بىلىش جەريانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. 
3) چوڭ مېڭە گەجگە بۆلىكى: گەجگە بۆلىكى يېرىم شارچىسىنىڭ تاشقى تەرەپ يۈزىدە كىچىكلا بىر قىسمىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئۇ يۇقىرى ئالدى تۆپە بۆلىكى ۋە ئاستى ئالدى چېكە بۆلىكى بىلەن ئېنىق ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئارقا ئۇچى گەجگە قۇتۇپى ھېسابلىنىدۇ. گەجگە بۆلىكىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان كۆرۈش سېزىمى توسالغۇسى - ئاساسلىقى پوستلاق مەنبەلىك تۇتقاقلىق ۋە روھىي كېسەل مەنبەلىك كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 
4) چوڭ مېڭە چېكە بۆلىكى: چېكە بۆلىكىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئەستە تۇتۇش ئۆزگىرىشلىرى بىلەن ئالاقىدار روھىي توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ، خاتا سېزىم، خىيالىي تۇيغۇ، چۈشەكەش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، كىلىنىكىدا چېكە بۆلىكى تۇتقاقلىقى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. 
  ئىككى تەرەپ چېكە بۆلىكىنىڭ ئالدى قىسمى زەخىملەنگەندە، يەنى چېكە بۆلىكى ئۆسمىسى ياكى چېكە بۆلىكى تۇتقاقلىقىدا ئىككى تەرەپ چېكە بۆلىكىنىڭ ئالدى قىسمىنى ياكى بىر تەرىپىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە بىر تەرىپىدىمۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولغاندا، ناچار ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشى، جۈملىدىن ئېغىر ھالدىكى ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى پەيدا بولۇپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ تونۇماسلىق، قاتتىق غەزەپلىنىش، قورقۇشنى بىلمەسلىك، جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىپ كېتىش ۋە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىش قاتارلىق كەيپىيات ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
  چېكە بۆلىكىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدە ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئەسلىدە كۆرەلەيدىغان بىر قىسىم رايونلاردا كېسەللىك پەيدا بولغاندىن كېيىن كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ تېببىي پەندە كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلۈكى دېيىلىدۇ. روھىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن كەيپىياتى مۇقىم بولماسلىق، ئوڭاي ھاياجانلىنىش ۋە كىشىلەرگە ئورۇنسىز چېقىلىش قاتارلىقلارمۇ يۈز بېرىدۇ، ھېسسىيات خاراكتېرلىك پارتلاش تۈپەيلىدىن، دائىم قوپال ھەرىكەت-قىلمىشلار كۆرۈلىدۇ. 
5) چوڭ مېڭە ئارالچە بۆلىكى: چوڭ مېڭە يېرىم شارچىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ماڭلاي، تۆپە، چېكە بۆلەكلىرى بىلەن ئورالغان. ئۇنىڭ تالالىق باغلىنىشى ھەم فۇنكسىيەلىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس. كىلىنىكىلىق ماتېرىياللاردا ئىچكى ئەزالارنى ئۆزلۈكىدىن باشقۇرىدىغان نېرۋا فۇنكسىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىك رايونى بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلگەن. 
6) گىرۋەك بۆلىكى ۋە گىرۋەك سىستېمىسى: 1878-يىلى چەت ئەل ئالىملىرى بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئات تۇيىقىسىمان مېڭە بۈدۈرىسى بولۇپ، يۇقىرىدىن مېڭە غولىنى ئوراپ تۇرغان گىرۋەكنى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلغان ھەم بۇنى گىرۋەك بۆلىكى دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئاساسلىق ئىزما بۈدۈرىسى، سەقەنقۇر يان بۈدۈرىسى ھەم سەقەنقورلاردىن تەركىب تاپقان. گىرۋەك سىستېمىسى ھەققىدىكى ئۇقۇم يەنىلا دېگەندەك ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭدا چوڭ مېڭە يېرىم شارچىسىنىڭ ئىچ يان تەرىپىگە يېقىن تۇرىدىغان مېڭە غولى ۋە قاداق تەنچە قىسمى، جۈملىدىن چېكە بۆلىكىنىڭ ئالدى ئىچى تەرىپىدىكى سەقەنقۇر يان بۈدۈرىسى، سەقەنقۇر قۇرۇلمىسى ( سەقەنقۇر ھەم چىشسىمان بۈدۈر )، ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسى، ئىزما بۈدۈرىسى، توسۇق رايون، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ( بولۇپمۇ شورىغۇچىسىمان تەنچە )، دۆڭچە مېڭە ئالدىنقى يادروسى، دۆڭچە مېڭە دۈمبە تەرەپ ئىچكى يادروسى، ئوتتۇرا مېڭە مەركىزىي كۈل رەڭ ماددىسى، پۇت ئارىلىق يادروسى، يېپىق دۈمبە يادروسى، يېپىق قورساق يادروسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىسىملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گىرۋەك سىستېمىسى ئاساسلىقى يەككە ھەم ھەرخىل سىستېمىدىكى ھاياتلىق قوغدىنىش رېئاكسىيەسى، ئوزۇقلۇق ئىزدەش ھەرىكىتى، ئوزۇقلىنىش، كۆپىيىش قاتارلىق ئۆزئارا باغلىنىشلىق مۇددىئا، كەيپىيات، ئەستە ساقلاش، ئىچكى ئەزا ۋە ھەرىكەت فۇنكسىيەلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلما ئىچكى ئەزالار فۇنكسىيەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەم ھەر خىل روھىي پائالىيەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، يەنە ئۇ ئىچكى ياقتىكى سەقەنقۇر ياك چېكە بۆلىكىگە يېقىن قۇرۇلمىلىرى زەخىملەنگۈچىلەردە ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى گەۋدىلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىشلارنى ئەسكە ئالالمايدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر