يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم داۋالاش كېرەكمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يۈرەك رىتىمسىزلىقى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈرەك رىتىمسىزلىقىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ. ئۇنداقتا يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلسىلا چوقۇم داۋالىنىش كېرەكمۇ؟ 
 
  يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى قىسقىرىش ۋە كېڭىيىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى قاننى ئايلاندۇرىدىغانلىقى، ئەمما يۈرەك رىتىمسىزلىقى دائىم قان ئايلىنىشقا تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بىراق، كۆپىنچە ھاللاردا يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ قان ئايلىنىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. چۈنكى، ئادەم يۈرىكىنىڭ « سوقۇش » سائەت ياكى باشقا ماشىنىلارغا ئوخشاش قاتمال بولمايدۇ، ئۇ دائىم بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن « سوقۇش » نىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە سۈرئىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك بىر قېتىم بالدۇر سوقسا يۈرەك ھەر قېتىم سوققاندا چىقىرىدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازراق ئازلايدۇ. بىراق، بىر كومپېنساتسىيە باسقۇچىدىن كېيىن بالدۇر سوقۇشتىن كېيىنكى بىر قېتىملىق يۈرەكنىڭ سوقۇشى كۈچلۈكرەك بولۇپ، بالدۇر سوققان ۋاقىتتا ئاز سىقىپ چىقارغان قاننى دەرھال تولۇقلايدۇ. ئادەتتە تومۇرى ھەر مىنۇتتا بىرقانچە قېتىم ئارتۇق سوققان ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش مىقدارى يەنىلا نورمال بولىدۇ. 
  يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاش ياكى داۋالىماسلىقتا يەنىلا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراش كېرەك. بەزىلەرنىڭ يۈرىكى ھەر قېتىم بالدۇر سوققاندا بىئارام بولىدۇ، يۈرەكنىڭ ئالدى رايونى كۆتۈرۈلگەن، ساڭگىلىغان ياكى تولغانغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ يۈرەك رىتىمى ئازراق ئاستىلىسا بېشى قايغاندەك بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈرەك رىتىمى ئازراق تېزلەشسە يۈرىكى سېلىپ كەتكەندەك بولىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئازراق دورا بېرىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللەتسە ئەلۋەتتە پايدىسى بولىدۇ. 
زىيادە ئاستىلاش خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا مەسىلەن، سىنۇس دالانچە تۈگۈنىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى ھەر خىل يەتكۈزۈشنىڭ توسۇلۇش ئەھۋالى ئەگەر يېڭىدىن كۆرۈلگەن ياكى گاھىدا كۆرۈلۈپ، گاھىدا كۆرۈلمىسە بۇ ياخشىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىنىش لازىم. ئەگەر مۇقىملىشىپ بولغان، يۈرەك رىتىمى ناھايىتى ئاستا بولسا، دائىم ئارىلىقتا توختىۋالسا، باش قېيىش ياكى ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق كۆرۈلسە، يۈرەك قوزغاتقۇچ ئورنىتىپ كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. يۈرەك سوقۇش قېتىمى ھەر مىنۇتتا 50 قېتىمدىن يۇقىرى بولۇپ، ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، يەنە ئازراق ۋاقىت كۆزىتىپ ۋاقىتلىق داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلگەنلەرنىڭ داۋالىنىش ياكى داۋالانماسلىقىنى دوختۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى، بىمارلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خالىغانچە دورا يېمەسلىكى لازىم. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر