ئۇيقۇنىڭ مىجەز ۋە پەسىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئۇيقۇ بىلەن مىجەزنىڭ مۇناسىۋىتى. ئۇيقۇنىڭ ئاز- كۆپ بولۇشى مىجەز بىلەن روشەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈمىدۋار كېلىدىكەن، ئۇلار خىزمەتتە ئاكتىپ، ھارماي- تالماي ئۆگىنىدىغان، غايىلىك، كەڭ قورساق، تىرىشچان بولۇپ، جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىكەن. بۇنداق كىشىلەر تېبابەتچىلىكتە « تاش مىجەزلىكلەر » دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز- ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپىدىغان ئادەملەردۇر. بۇنداقلار خىزمەتتە ئىنچىكە، ئېھتىياتچان، ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ كىشىلەر بولۇپ، قۇرۇق خىيالنى تولا قىلىدۇ، ھەتتا يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدۇ، بەدىئىي ئىجادىيەتكە باي بولۇپ، ئۆزگىچە پىكىر قىلالايدۇ. لېكىن، كۆپىنچىسى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا غۇدۇڭشىپ، باشقىلارغا ئاغرىنىدۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن روھى چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە يالتىيىدۇ، كىچىككىنە ئاغرىقلارغىمۇ ئىڭراپ كېتىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر تېبابەتچىلىكتە « ئىچ مىجەزلىكلەر » دېيىلىدۇ.

 
  ئۇيقۇنىڭ مۇھىت ۋە پەسىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى . ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە پەسىل ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەتىياز بىلەن ياز پەسلىدە بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرغان ياخشى، كۈنىگە بەش سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ئۇخلىسا بولىدۇ. كۈز پەسلىدىمۇ بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرغان ياخشى، كۈنىگە يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەت ئۇخلىسا بولىدۇ، قىشتا بالدۇر ئۇخلاپ، كېيىن تۇرۇپ، كۈنىگە سەككىز- توققۇز سائەت ئۇخلىسا ياخشى.
ھاۋا ئۇچۇق ھەم ئىسسىق كۈنلىرى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ھاۋا ناچار بولغاندا، مەسىلەن، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى، ھاۋا سالقىن بولغان قىش پەسىللىرى كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ. رايونلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئازىيىدۇ. جۇغراپىيەلىك كەڭلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر