يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ. قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشى مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش ئاخىرقى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، مېڭە قان تومۇرلىرى قىسقىرىشتىن پاسسىپ كېڭىيىشكە ئۆزگىرىپ، مېڭىدىكى قان مىقدارى ئېشىپ، قاننىڭ مېڭىگە ئارتۇقچە قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق سىرتقا سىرغىپ چىقىپ، تېزلىكتە مېڭىنىڭ سۇلۇق ئىششىقى ۋە باش ئىچكى يۇقىرى بېسىمىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە كېڭىيىش بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، باش قاتتىق ئاغرىش، قۇسۇش ۋە ئەس-ھوشى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
  يېنىك ھالدىكىلەردە پەقەت ئىچى تىت-تىت بولۇش، ئەس-ھوشى غۇۋالىشىش يۈز بەرسە، ئېغىر ھالدىكىلەردە تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىش مۇمكىن؛ بىمارلاردا يەنە ئۆتكۈنچى قارىغۇلۇق، گەپ قىلالماسلىق، يارتا پالەچلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر