ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قانداق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بار؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئاشقازان ياللۇغىغا كېسەللىك تارىخى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ھەمدە زۆرۈر تەكشۈرۈشلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ پىرىنسىپىمۇ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. 
ئاشقازان ياللۇغىنىڭ  كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى 
  ئوخشىمىغان تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى جىددىي قوزغىلىدۇ، كېسەللىك تارىخى قىسقا بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: قورساق ئاغرىيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەزىم قىلىش يولى قانايدۇ.
  ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا كۆپىنچە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئىپادىسى بولمايدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىقى قورساق بىئارام بولۇش، قورساق كۆپۈش، كېكىرىش، بولۇپمۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى يانغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە ئاشقازان قىسمى بوش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئۈستۈنكى، ئوتتۇرا قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بىرەر نەرسە يېگەندىن كېيىن دەرھال تەسىر قىلىدۇ ياكى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىدۇ.
   ئاشقازان ياللۇغىدا كۆپىنچە ئېنىق بەدەن ئىپادىسى بولمايدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا ئادەتتە يۇقىرىقى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ. قورساق غولدۇرلاش كۈچىيىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا قورساق قىسمىدىكى ئىپادىسى جىددىي خاراكتېرلىك بىمارلارغا قارىغاندا يېنىكرەك بولىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا تىل ياللۇغى، تىل ئۆسۈكچىسى يىگلەش، كەم قانلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئاستا يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر