بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

    ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سۆڭىكى كىچىك بولۇپ، ئۇنى ھەجمى چوڭ ھەم ئېغىر باش سۆڭىكى بېسىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بويۇن ئومۇرتقىسى دائىرىلىك ئايلىنىش ھەمدە يانغا ئېگىلىش قاتارلىق چوڭ دائىرىدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا دىنامىكىدا مۇقىملاشمىغان سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. فىزىيولوگىيەلىك ھالەتتە ئۇلار بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ مۇستەھكەم سۆڭەك ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ياردىمىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن جىسمانىي ئەمگەك دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى ۋە باش سۆڭىكىنىڭ زىيادە ھەرىكەتلىنىشى ۋە ناچار تۇرۇش ھالىتى قاتارلىق سەۋەبلەر، بويۇن ۋە مۈرە-غول قىسىملىرىدىكى مۇسكۇل ۋە پەي قاتارلىق توقۇلمىلارنىڭ زورۇقۇشى ۋە تولغىنىشى سەۋەبىدىن، بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار زەخىملىنىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، بوغۇم خالتىسى ھەمدە پەي قاتارلىقلاردا ئۈزلۈكسىز چېكىنىش خاراكتېرلىك پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. 

 
ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك رولى 
   بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى بويۇن ئومۇرتقىسى ئومۇمىي ئۇزۇنلىقىنىڭ %40 ~ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئومۇرتقا تېنى ئارىسىدىكى ئاساسلىق ئۇلاپ تۇرغۇچى قۇرۇلمىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلاستىكلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئاستى قىسمىدىكى ئومۇرتقا تېنىگە چۈشۈرىدىغان بېسىم تەڭپۇڭ بولۇپ، سىرتقى ئۇرۇلۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە پۇتتىن كەلگەن سىرتقى كۈچنى تۆۋەنلىتىپ، باشنى سىلكىنىشتىن ساقلايدۇ. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يەنە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە ھەرىكەت ئامپىلىتۇدىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئالدى ئېگىز، ئارقىسى پاكار قۇرۇلما بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئالدىغا پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىككە ئىگە قىلىدۇ. 
 
باش ۋە بويۇن قىسمىنىڭ ھەرىكىتى 
   گەرچە قوشنا بولغان ئىككى ئومۇرتقا سۆڭەكنىڭ ئارىلىقىدىكى ھەرىكەت ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئومۇرتقىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، 3 تال ئوقنى بويلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ، يەنى ماڭلايسىمان ئوق ئۈستىدىكى ئېگىلىش- تۈزلىنىش ھەرىكىتى، باشاقسىمان ئوقتىكى يانغا ئېگىلىش ھەرىكىتى ۋە تىك ئوقتىكى ئايلىنىش ھەرىكىتىدۇر. بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى بوغۇملارنىڭ يۈزى قىيپاش بولغاچقا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئېگىلىش -تۈزلىنىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ئومۇمەن ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى ئوتتۇرىچە °110 ~ °100 بولىدۇ. ئالدىغا ئېگىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئامپىلىتۇدىسى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئىچىدە ئەڭ چوڭ بولىدۇ. تولۇق ئالدىغا ئېگىلگەن ۋاقىتتا ئاستىنقى ئېڭەك كۆكرەككە تاقىشىپ تۇرىدۇ. بويۇن قىسمىنىڭ ئوڭ-سول ھەر ئىككى تەرەپكە ئايلىنىش ھەرىكەت دائىرىسى تەخمىنەن °75 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. بويۇن قىسمى يانغا ئېگىلگەندە دائىم ئايلىنىش ھەرىكىتى بىللە كېلىدۇ. 
  باش بىلەن بويۇن تۇتاشقان جايدا 1-، 2- بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئالاھىدە بولۇش سەۋەبىدىن، گەجگە ھالقىسىمان بوغۇمى ۋە ئومۇرتقا ئوق قىسمى بوغۇمى شەكىللىنىپ، باش لىڭشىتىش ھالقا-گەجگە بوغۇمىدا ئورۇنلىنىدۇ. بۇ بوغۇمنىڭ ئېگىلىش-تۈزلىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئامپىلىتۇدىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن بويۇن ھەرىكىتىنىڭ 2/1 نى ئىگىلەيدۇ. باشنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى ئاساسلىقى ھالقا-گەجگە بوغۇمى بىلەن ھالقا-ئۈلگۈجەك بوغۇمىدا ئورۇنلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئامپىلىتۇدىسى بويۇن قىسمىدىكى ئايلىنىش ھەرىكىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. 
  بويۇن ئومۇرتقا ھەرىكىتىنىڭ ئەگرى سىزىقى ئومۇرتقا تېنىدىن ئۆتىدۇ، بۇ يىلىك يادروسىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىن ئۆتكەن بىلەن باراۋەر. شۇڭا، بويۇن ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئالدىغا ئېگىلگەندە ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۇزىرايدۇ. بويۇن ئومۇرتقا تۈۋرۈكى پۈتۈنلەي ئالدىغا ئېگىلگەندە ئومۇرتقا قانىلىنىڭ ئالدى گىرۋىكى 1.5 سانتىمېتىر ئۇزىرايدۇ.ئارقا گىرۋىكى 5 سانتىمېتىر سوزۇلىدۇ، ئومۇرتقا قانىلى ئىچىدىكى يۇلۇن سوزۇلۇپ، ئىنچىكىلەپ، جىددىيلىشىدۇ. ئارقىغا تۈزلەنگەندە ئومۇرتقا قانىلى قىسقىراپ، يۇلۇن بوشىشىپ سەل توملىشىدۇ. 
 
 بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى 
   ئادەم ئولتۇرغاندا ياكى ئۆرە تۇرغاندا بويۇنغا ياندىن قارىسا خۇددى تۈزدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى تۈز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان بىر ياي بار. بۇ ياي، تېببىي ئىلىمدا بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئەگمە دېيىلىدۇ. رېنتىگېن ئاپپاراتىدا سۈرەتكە ئالغاندا بۇ ئەگمىنى بويلاپ ماڭغاندا ھەر قايسى بويۇن ئومۇرتقىسى تېنىنىڭ ئارقا گىرۋىكىدە شەكىللەنگەن تۇتاشمىلار، ياي شەكىللىك پارقىراق ئەگرى سىزىق بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرى سىزىقى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ نورمال قىممىتى 12 ± 5مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئۇنى ئۆلچەش ئۇسۇلى: چىشسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئارقا گىرۋىكىدىن باشلاپ تۆۋەنلەيدۇ. ھەربىر ئومۇرتقا تېنى ئارقىسىدىكى گىرۋەك ئۆزئارا ئۇلىنىپ بىر ياي سىزىقى ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن چىشسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئارقا گىرۋىكىدىن 7-بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇرتقا تېنى ئارقىسىدىكى تۆۋەنكى گىرۋەككىچە بىر تۈز سىزىق سىزىمىز، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ياينىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن بۇ تۈز سىزىققىچە بولغان ئەڭ چوڭ ئارىلىقى دەل بويۇن ئەگرى سىزىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 
  بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنىڭ شەكىللىنىشى بويۇن 5 ~ 4 ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئالدى قېلىن، ئارقىسى نېپىز بولۇشىدىن بولىدۇ. بۇ ئادەم تېنى فىزىيولوگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ مەلۇم دەرىجىدە سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بويۇندىكى يۇلۇن، نېرۋا، قان تومۇر قاتارلىق مۇھىم توقۇلمىلارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجى. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇناسىپ ھالدا پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
 بويۇن يۇلۇنىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى 
  يۇلۇننىڭ ھەرىكىتى مېڭىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. پۇت-قول ۋە گەۋدىدىكى ھەرقايسى سەزگۈ ئىمپۇلسلىرى يۇلۇندىكى يۇقىرىغا ئۆرلىگۈچى تالالار ئارقىلىق مېڭىگە يەتكۈزۈلۈپ، يۇقىرى دەرىجىدە ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىنىدۇ. مېڭىنىڭ ھەرىكىتى يەنە يۇلۇندىكى تۆۋەنگە چۈشكۈچى تالا تۇتامى ئارقىلىق يۇلۇن نېۋرونلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەيدۇ. يۇلۇن نۇرغۇن رېفلېكسلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلايدۇ، ئەمما يەنە مېڭە ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر