قايسى خىل دورىلار جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببى ساۋات: بەزى بىمارلار جىگىرى زەخىملەنگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، دوختۇرنىڭ تەپسىلىي سورىشى، بەدەن تەكشۈرتۈش ۋە لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، جىگەرنىڭ زەخىملىنىشى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن بولماستىن، مەلۇم دورىلارنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ.دورا يېيىشتىنمۇ « جىگەر ياللۇغى » كېلىپ چىقامدۇ؟دېگەن سوئالغا، ھەئە دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىمىز. 
 
   
دورىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن جىگەردە  ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىشتىن ھاسىل بولغان ماددا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا جىگەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن 500 خىلدىن ئارتۇق ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ جىگەرگە تەسىرى بولىدىكەن، مىقدارى ئاشۇرۇپ ياكى بەك ئۇزاق ۋاقىت يېسە، جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئىككى خىلدىن ئارتۇق مۇۋاپىق كەلمەيدىغان دورىنى ئۇلاپ ئىچسە زەھىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
 
 
  ئەگەر دورىنى ئىستېمال قىلغۇچى دورا رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشى بولسا، دورىنى نورمال دائىرىدە ئىچسىمۇ، جىگەر زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق خىلدىكىلەرنى « دورا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى » ياكى « دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىش » دەپ ئاتايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن،« قالايمىقان دوختۇرلارغا كۆرۈنىدىغان » ، « قالايمىقان دورا يەيدىغان » لارغا بەزىدە ئەكسىچە تەسىرى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزى بەدەننى كۈچەيتىدىغان ئوزۇق دەپ قارىلىدىغان دورىلارنىڭ جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ قويغاندەك ئىشلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
 
 
   تۆۋەندىكى دورىلار جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، مەسىلەن، بەزى ئانتىبىيوتىكلار، تۇبېركۇليۇزغا قارشى دورىلار، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرى، ئۇيقۇ، ناركوز دورىلىرى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش دورىلىرى، قۇرت ھەيدەش دورىلىرى قاتارلىقلار، بۇرۇن بىخەتەر دەپ قارىلىپ كەلگەن جۇڭيى دورىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مېدىتسىنا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە تارتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە ياكى دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئالغاندا، كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر