بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىش سەۋەبى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا يايسىمان تومپىيىپ چىقىدۇ. ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسى قېتىۋېلىپ تۈز بولۇۋالىدۇ. رېنتگىن ئاپپاراتىدا بويۇننى ياندىن سۈرەتكە ئالغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تۈزلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 
 
1)جىددىي خاراكتېرلىك بويۇن مۇسكۇلى تولغىنىشى:
مۇسكۇل ئاغرىپ، تارتىشىش، مۇسكۇلنىڭ سۆڭەكنى تارتىشى بويۇننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنى تۈزلەيدۇ. 
2)بويۇن-مۈرە مۇسكۇل تالالىرى توقۇلما ياللۇغى:
ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇش ھالىتى ياخشى بولماسلىق، سوغۇق تېگىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بويۇن-مۈرە مۇسكۇل تالالىرى ياللۇغلىنىپ، مۇسكۇللار ئاغرىپ تارتىشىدۇ. بوغۇم خالتىسى، پەي ۋە كىچىك بوغۇملاردىكى ياللۇغ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بويۇن مۇسكۇللىرىنى مۇناسىپ ھالدا رېفلېكسلىق تارتىشتۇرۇپ، بوغۇملارنى ھېرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. شۇڭا، بويۇن مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىشى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
3)يىلتىزسىمان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى:
جىددىي مەزگىلدە ھارغان كىچىك بوغۇملار جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلانغاچقا بوغۇم-سۆڭەك پەردىسى ۋە بوغۇم خالتىسى ئىششىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېرۋا بېسىمغا ئۇچراپ غىدىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمارلارنىڭ كۆپىنچە بويۇن-مۈرە قىسمى جىددىيلىشىپ، ھەرىكىتى روشەن چەكلىمىگە ئۇچراپ، بويۇن ئومۇرتقا فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكنىڭ تۈزلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ. 
4)بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:
بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسمىسى، تۇبېركۇليۇز، يىرىڭلاش خاراكتېرىدىكى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار بويۇن قىسمىنىڭ ئاغرىشى، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشى، بويۇن مۇسكۇلى ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكنىڭ تۈزلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 
5)قېتىۋالىدىغان ئومۇرتقا ياللۇغى:
ئاخىرقى باسقۇچتا بويۇن ئومۇرتقىسىنى قاتۇرۇۋېتىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر