تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى %15 نى، ئىجتىمائىي ئامىل %10 نى، كىلىمات ئامىلى %7 نى، داۋالاش شارائىتى ئامىلى %8 نى، ئەمما شەخسىي تۇرمۇش ئادىتى ئامىلى %60 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش « تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكى » ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
  تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىش، ئوزۇقلىنىش، يېتىپ- قوپۇش، مېڭىش- تۇرۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش، ئارام ئېلىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ناچار ھەرىكەتلەر، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، روھىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ناچار ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي ياكى مەنىۋى كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئامىللىرىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش ئالاھىدىكى تۆۋەندىكىچە: بىر خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ؛ ناچار تۇرمۇش ئادىتى ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئادەم ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خەتەرنى قىلچە سەزمەيدۇ، سەزگەن چېغىدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ؛ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېز ئەمەس، بەلكى ئاستا بولىدۇ ھەم ئاستا قايتىدۇ، ئاسانلا يىغىلىپ قالىدۇ، ئاخىر بېرىپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. كۆپ خىل ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغاندا، بۇ خىل ئورتاق تەسىرنىڭ ساغلاملىققا يەتكۈزىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئوخشاشلا، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىدىن ساغلاملىققا كېلىدىغان پايدىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن ئەكس ئېتىدۇ.
  ئېلىمىز شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى تاماكا چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، شېكەر، ياغ، خولېستېرىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەش، كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق، ئاق ئاشلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، روھىي جىددىيلىك، ساغلام بولمىغان كېچىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، يېزىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىلگىرىكى بەزى ساغلام بولمىغان ھەرىكەتلەر تەلتۆكۈس تۈزىتىلمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە ساغلام بولمىغان بەزى يېڭى تۇرمۇش ئادەتلىرى، مەسىلەن، پاكىزلانمىغان سۈتى ئىچىش، غىزالىنىشتىن ئىلگىرى قول يۇماسلىق، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق، بۇرۇن قارا ئاشلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئاق ئاشلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تاماكا چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار ئىللەتلەر قوشۇلۇپ قالدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان خەۋپلىك ئامىللارنىڭ كېسەللىكلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ بارىدىكەن.
نۆۋەتتە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەم ناچار تۇرمۇش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى مىسال ئالساق، يۇقىرى خولېستېرىنلىق، يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، تاماكا چېكىش، كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق، زىيادە جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئامىللارنىڭ كۆپىنچىسى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆۋەندە بۇلارنى تەرتىپ بويىچە تەپسىلىي شەرھلەپ ئۆتىمىز.
 
1.يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنىڭ نورمالسىزلىقى 
1)يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى
تارىختا دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل غۇربەتچىلىك ئۆتكەچكە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۆش، ماي، ئاق ئۇن ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۆزى « ئامەت»، قورساق سالغانلىقنىڭ ئۆزى « بايلىقنىڭ ئالامىتى» دەپ قارالدى. شۇڭا، يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، ئىستېمال قىلىدىغان ماي، گۆش ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، جىسمانىي ئەمگىكى ئازايدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر « ھۇزۇرلىنىۋاتقان» ئاشۇ چېغىدا « تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكى» نىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ... بۇنداق يېمەك- ئىچمەك ئادىتى « ئۈچ يۇقىرى» لىق مەسىلىسىنى، يەنى ياغ، تۇز ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىنى سەمرىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىشتىكى توسالغۇسىنى زورايتىۋېتىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىمۇ ئېشىپ، قان- ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىش ئېھتىياجى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. شۇڭا، سېمىز كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، سۈرلەنگەن گۆش، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلغان گۆش، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر داۋاملىق ئىستېمال قىلىنسا، قاندىكى خولېستېرىننى كۆپەيتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھايۋانات مېيى ياكى خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، گۆشسىز يېمەكلىكلەر ئاساس قىلىنغان تەقدىردىمۇ، قارا ئاشلىق ۋە كۆكتات ئاز ئىستېمال قىلىنسا قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىدۇ ھەمدە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇزاققىچە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىلا ئىستېمال قىلىپ، گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلمىسىمۇ خولېستېرىننىڭ تۆۋەنلىشى ناتايىن. چۈنكى، كۆپلىگەن كاربون- سۇلۇق بىرىكمىلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن جىگەردە بىرىكىپ ياغقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، گۆشسىز يېمەكلىكلەر بىلەن گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق.  دۆلىتىمىز خەلقى بۇرۇندىن گۈرۈچنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، گۈرۈچ تەركىبىدە شېكەر كۆپ. كىشىلەر نورمال يېمەك- ئىچمەكتىن يېتەرلىك شېكەرگە ئېرىشەلەيدۇ، ئېرىشكەن شېكەر بەزىدە بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ شېكەر تەركىبى كۆپ ئىچىملىك، مېۋە، پېچىنە- پىرەنىككە بولغان ئېھتىياجى ۋە سەرپىياتىمۇ كۈنسايىن ئاشقاچقا، قوبۇل قىلغان شېكەر مىقدارى بەدەنگە ئېھتىياجلىق مىقدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. زىيادە شېكەر بەزىدە ۋاقتىدا خوراپ بولۇنماي، خولېستېرىن ۋە ترى گلىتسېرىنغا ئايلىنىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېكەر ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە جۇغلىشىۋېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سەمرىپ كېتىش ۋە قان بېسىمنى يۇقىرىلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دىيابېت ئېغىرلىشپ كەتسە ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بەزى ئالىملار شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ بەدەنگە يەتكۈزىدىغان زىيىنىنىڭ تاماكا چېكىشنىڭكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان شېكەر مىقدارىنى 50 گىرامنىڭ تۆۋىنىدە كونترول قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
بوي ئېگىزلىكىڭىز ۋە بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ئۆلچەپ كۆرسىڭىزلا سەمرىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، سېمىزلىك دېگەندەك يالغۇز بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىلا ئەمەس، ئاساسلىقى تېرە ئاستىدىكى ماينىڭ يىغىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مېدىتسىنادا قارىلىشىچە: 
ئەرلەرنىڭ ئۆلچەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى (kg) = بوي ئېگىزلىكى ( cm- 105)
ئاياللارنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى(kg) = بوي ئېگىزلىكى (cm -105 - 2.5)
مۇشۇ ئاساستا %10 ئېگىز- پەسلىك بولسا نورمال بولىدىكەن، يەنى بىر ئەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى cm 1.55بولسا، ئۆلچەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى          50kgبولۇشى كېرەك ئىكەن؛ ناۋادا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىكىدىن %10 ئېشىپ كەتسە يېنىكرەك سېمىز، %20 ئېشىپ كەتسە ئوتتۇرھال سېمىز، %30 ئېشىپ كەتسە ئېغىر دەرىجىدىكى سېمىز ھېسابلىنىدىكەن. ئىسسىقلىق مىقدارى، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەك- ئىچمەكلەر سېمىزلەرنىڭ قېنىدىكى قان پىلازمىسى ياغ ئاقسىلىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ؛ باشتا سۆزلەنگەن تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياش ۋاقتىدا بەدەن ئورۇقراق بولسا، ياشانغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىر ئاز ئاشسا، 40 ياشتىن ئاشقاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى يىلىغا 0.5 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمىسە، ياشانغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىكىدىن %10 ئىچىدە ئاشسا نورمال بولىدۇ. سەمرىپ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىنى ئۆلچەشنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچ سانى بولۇپ: [ بەدەن ئېغىرلىقى ( kg) ÷ بوي ئېگىزلىكى (m ) ] نىڭ كىۋادرات سانى بويىچە ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.60 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام بولسا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچ سانى  (1.6×1.6)÷50، نەتىجە 19.53 بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچ سانى 18 دىن ئاز بولسا ئورۇق، 18~20 ئارىلىقىدا بولسا ئورۇقراق، 20~24 ئارىلىقىدا بولسا نورمال، 24 تىن ئېشىپ كەتسە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، 27 دىن ئېشىپ كەتسە سەمرىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچ سانىدىن ھەر ئىككىسى ئاشقاندا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىي خەۋپى %14 كۆپىيىدۇ.
سېمىزلەر ئارىسىدىكى مەركەز تىپلىق سېمىزلەر، يەنى قورساق سالغانلار تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. قورساقتىكى ماينىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ئاساسلىقى بەل ۋە ساغرىنىڭ نىسبەت قىممىتىگە ئاساسەن ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: تەكشۈرۈلگۈچى تاماق يېمەي، ساغىرداقتىن باشقا كىيىم كىيمەي، قەددىنى رۇسلاپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، قورسىقىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، نەپەس چىقارغان ھالەتتە تۇرغۇزۇلۇپ، يۇمشاق مېتىر كىندىكىدىن باشلاپ بىر ئايلاندۇرۇپ ئۆلچىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىر، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ساغرا ئايلانمىسىنى ئۆلچەشتە يۇمشاق مېتىر بىلەن ساغرىنىڭ ئەڭ كېڭەيگەن قىسمى ئايلاندۇرۇلۇپ ئۆلچىنىدۇ.
بەل ساغرىسىنىڭ نىسبىتى = بەل ئايلانمىسى (cm ) ÷ ساغرا ئايلانمىسى (cm)
ئەرلەرنىڭ 0.9 دىن، ئاياللارنىڭ 0.8 دىن يۇقىرى بولسا، قورساققا زىيادە ماي يىغىلىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە سېمىزلىك مەسىلىسى چوڭلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بولۇپ قالدى، بېيجىڭ شەھىرىدە سېمىز بالىلارنىڭ ئومۇمىي سان ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا ساغلام. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماقنى كۆپ يېمىسىمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى دەل ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، بەزىلەر تاماقنى كۆكتات شورپىسى بىلەن قوشۇپ يېيىشكە ئامراق، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇل. چۈنكى، كۆكتات شورپىسىدا قورۇما قورۇغاندا ئىشلەتكەن ياغ ۋە تۇزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قېلىپ قالىدۇ. سېمىزلىكنىڭ بالىلارغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى بەك زور بولۇپ، بۇ ئوزۇقلىنىشنىڭ زىيادىلىكىلا ئەمەس، بەلكى ساغلام بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. سېمىزلىك ماينىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا يىغىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىز مېڭە شەكىللەندۈرۈپ، چوڭ مېڭە ئېرىقچىسىنى پاسىلسىزلاندۇرۇپ، مېڭە پۇرمىلىرىنى ئازايتىپ، نېرۋا تورىنىڭ تەرەققىياتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، زېھنىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، پۇت- قوللارنىڭ ھەرىكىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى؛ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىش، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
2) يېمەك- ئىچمەك ئادىتى 
ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمۇ جىسمانىي ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن، داۋاملىق چىلانغان كۆكتات يېيىش، غىزالىنىش ۋاقتى تەرتىپلىك بولماسلىق، ئاچ- توق يۈرۈش، قورۇمىنى بەك تۇزلۇق، ئاچچىق قورۇپ يېيىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنى يېيىشكە ئادەتلەنمەسلىك، تاماق تاللاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە زىيانلىق. تاماقنى داۋاملىق قىزىق يېيىش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە پارچە- پۇرات يېمەكللىكلەرنى كۆپ يېيىش، كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كېچىلىك تاماق يېيىش، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يېيىشى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتى ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، زىيادە تويۇنۇۋېلىش غىزالىنىپ ئىككى سائەت ئىچىدە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆت ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. تاماقنى كۆپ يەۋېلىش، زىيادە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىشقا ئوخشاشلار تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غىزالىنىش ۋە يېگەن غىزانى ھەزىم قىلىش داۋامىدا يۈرەكنىڭ رىتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىغان داغ پارچىلىرى يېرىلىپ، قان نوكچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىقمۇ ئاسانلا سېمىزلىكنى پەيدا قىلىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تاڭ سەھەر قورساقنىڭ ئاچ ۋاقتى، شۇنداقلا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈم كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ئۇزاق ۋاقىت غىزالانماسلىق بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغانلاردا خولېستېرىن ناشتا قىلىدىغانلاردىكىگە قارىغاندا %30 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن ھەمدە ئۇلاردا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ئاسان قوزغىلىدىكەن. ناشتا قىلىشقا ئادەتلىنىش تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بەك مۇھىم. ئادەتتە ناشتىنى ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغىچە ئارىلىقتا قىلىش مۇۋاپىقراق. ناشتىدا يۇمشاق تائاملار بىلەن ئازراق غىزالانسىلا كۇپايە.
 
2.ئاز ھەرىكەت قىلىش 
ھازىر بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ چېنىقىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بوش ۋاقىتنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدا، ئائىلە ئاپتوموبىللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مېڭىشنىڭ ئورنىغا پىكاپ بىلەن يول يۈرۈشمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھورۇنلۇقىنىڭ بىر باھانىسى بولۇپ قالدى. تۇرمۇشتىكى ئەسلىدىكى بىر مۇنچە خىزمەتلەرنى ماشىنىلار ئىشلەيدىغان بولدى. ھازىرقى زامان كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ بىر مەسىلە مۇسكۇل ئاچارچىلىقى، يەنى پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشىنىڭ كەمچىل بولۇشى. جىسمانىي ھەرىكەت ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە زىيادە يەپ- ئىچىش ئاسانلا قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ خىل تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى قوزغىلىشىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، ئۇ ھەتتا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى مۇستەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىكەن. ئۇنىڭ بۇ مېخانىزمىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. يۇقىرى قان بېسىمى دېگەنلىك قان تومۇردىكى، ئاساسلىقى ئارتېرىيەدىكى قان ئېقىنى بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، دېگەنلىك. يۇقىرى بېسىملىق قان ئېقىنى قان تومۇر دىۋارىغا ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇلىۋەرسە، قان تومۇرنىڭ ئىچكى پەردىسىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، بېسىم زورايغانسېرى بۇ خىل زەخىملىنىش ئېغىرلىشپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، مايلار ئارتېرىيە دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇۋېلىپ، بوتقىسىمان قېتىشنى شەكىللەندۈرۈپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشمۇ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل؛ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمىدىكى تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىدىن پەيدا بولغان داغ پارچىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى خولېستېرىن.
قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يەردە قان مېيىغا ئائىت بەزى مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. قان مېيى قان پىلازمىسى تەركىبىدىكى ياغ تۈرىدىكى ماددىلار بولۇپ، بىر قىسمى يېمەكلىكتىن كېلىدۇ، يەنە بىر قىسمى بەدەندە بىرىكىپ ھاسىل بولىدۇ. ياغ ئاقسىل بىلەن بىرلەشكەندىلا قان پلازمىسىدا ئېرىپ، ئاتالمىش ياغ ئاقسىلى ھاسىل بولىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قان مايلىرى خولېستېرىن، ترى گىلتسېرىد، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ساغلاملىق جەھەتتە ياخشى رول ئوينايدۇ، ئۇ قاندىكى زىيادە خولېستېرىننى تازىلاپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ؛ تكۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارى نورمال قىممەتتىن ئېشىپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق، زىيادە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسىگە يىغىلىۋېلىپ، ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسى زەخىملەنگەندە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىچكى پەردىدىن ئارتېرىيە دىۋارىغا ئۆتىدۇ. تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى كۆپىيىپ كەتسە خولېستېرىننىڭ ئارتېرىيە دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى بىلەن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى قانچە تۆۋەن بولسا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قان پلازمىسىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ترى گىلىتسېرىد مىقدارىنىڭ ئېشىشى سېمىزلىك ۋە شېكەرنى زىيادە قوبۇل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ترى گلىتسىېرىد يالغۇزلا ئۆرلەپ كەتسە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما خولېستېرىنمۇ تەڭ ئۆرلىسە، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۈن بويى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئالدىراش ئىشلىگەچكە، ئەتىدىن- كەچكىچە كۈن نۇرىنى كۆرمەيدۇ، ئىشتىن چۈشكەندە پىكاپىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىدۇ، سىرتتا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى تولىمۇ ئاز بولىدۇ. بۇ سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا، ئۇلار سىرتقا چىقىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسا بەدەندىكى ئىسسىقلىق سەرپىياتى ئېشىپ، ماينىڭ يىغىلىۋېلىشى ئازىيىدۇ ھەم يۈرىكى چېنىقىپ، يۈرەك ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئازىيىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر