جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىىن تېببىي ساۋات : جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى بولغاچقا، جىگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا ئاسانلا توسالغۇلۇق پەيدا بولىدۇ. جىگەر ياللۇغى ئادەتتە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. جىگەر ۋىرۇس، دورا، زەھەرلىك ئېلېمېنتلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 
  جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى پۈتۈن بەدەندە يېنىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، سەۋەبسىز قىزىتما ئۆرلەش، يەنە ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كېكىردەك بىئارام بولۇش، يېنىك يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق يۇقىرى نەپەسلىنىش يوللىرى يۇقۇملىنىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ياغدىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا قورساق كۆپۈش، جىگەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ئاغرىتىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ. بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر ۋە قىسمەن چوڭلارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ قالىدۇ. تىپىكلىرىنىڭ سۈيدۈكى قېنىق چاي رەڭگىدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆز، تېرىلىرى سارغىيىش ۋە تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇلار مېدىتسىنادا كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى ئالاھىدىلىكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلگەنلەر دەرھال دوختۇرغا بارسا ئادەتتە ئاسانلا دىياگنوز قويۇلىدۇ. لېكىن، ھەزىم قىلىش يولىدىكى كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىل بولسا، بولۇپمۇ سېرىقلىق كۆرۈلمىگەن بىمارلار، ئاسانلا ئۆزىنى ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىشىم ياخشى بولمايۋاتىدۇ، دەپ قاراپ دىياگنوز خاتالىقىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇلۇقى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلمەي داۋالاش ۋە ساقىيىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
  سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى دېگىنىمىز- كېسەل بولغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ساقايمىغان، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەندىكى ئالامەتلەر يېنىپ- يېنىپ كۆرۈلگەن، جىگەر ئىقتىدارى بەزىدە ياخشىلىنىپ، بەزىدە بۇزۇلۇپ تۇرىدىغان، تەن ۋە ساغلاملىق ئەھۋالى تەسىرگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلار كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر