جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى ئاسان داۋالىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە باكتېرىيە، خىلامىدىيە، مىكوپىلازما، بۇرما تەنچە ( سپروخېتا ) قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار پەيدا قىلغان جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى  بولىدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، دەسلەپكى دەۋرلىك سىفلىس، يۇمشاق شانكىر قاتارلىقلار. بۇ خىل جىنسىي كېسەللىكلەرگە مۇۋاپىق ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كىلىنىكىلىق ۋە ئېتىيولوگىيەلىك داۋالاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 
 
 
ۋىرۇسلار پەيدا قىلغان يەنە بىر تۈردىكى جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلار. بۇ يەردىكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان دېگىنىمىز ئېتىيولوگىيەلىك داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئارقىلىق كىلىنىكىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. ھازىرقى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بۇ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇسلارنى پەقەتلا تورمۇزلىيالايدۇ، ئۈزۈل- كېسىل يوقىتالمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كىلىنىكىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە يەنىلا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قىسمەن كېسەللەردە جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى ياكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ ئاسانلا قايتا قوزغىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىراق، ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ۋىرۇسلارغا قارىتا تەدرىجىي بىرقەدەر كۈچلۈك ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇپ، ۋىرۇسنى چەكلەش رولىنى ئويناپ، ئادەم بەدىنىنى قايتا زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر