ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك تارىخى تىپىك بولمىغاچقا كېسەللىك ئالامىتىدە روشەن ئالاھىدىلىك بولمايدۇ، بەدەن ئىپادىسىمۇ ئاز بولىدۇ. ئاساسلىقى بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامىتى، مەسىلەن، تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈش، ئاغرىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. رېنتىگېن بىلەن تەكشۈرۈش ئادەتتە باشقا ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. دىياگنوزنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئاساسلىقى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ توقۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.

 
 
 
ئاشقازان ياللۇغىنى قانداق داۋالايمىز؟
ئاۋۋال كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىلىنى، كېسەل پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئېھتىماللىقنى تۈگىتىش، ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىك ۋە دورىلارنى يېمەسلىك لازىم. ئەگەر ئۆت سۇيۇقلۇقى يېنىش كۆرۈنەرلىك بولسا ھىدروتالكىت ( 铝碳酸霉 )، سۇكرالفات ( 硫糖铝 ) ، دوپېرىدون ( 吗丁啉 )، مېتوكلوپىرامىد ( 胃复安 ) قاتارلىق دورىلارنى ئىچسە شىپا بولىدۇ. ئەگەر بىمارلاردىكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىقسا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مۇۋاپىق ھالدا ئومېپرازۇل ( 奥美拉唑 )، دىتسىفىبىسموخات (构橼霉素)، ئاموكسىتسىللىن (阿莫西林)، كلارتىرومىتسىن (克拉霉素)، مېترونىدازۇل ( 甲硝唑 ) ياكى تىندازۇل ( 替硝唑)، فۇرازولىدۇن ( 痢特灵 ) قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. يۇقىرىقى دورىلار ھەزىم قىلىش يولىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ياكى ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 
ئەلداۋادىن تەكلىپ:  ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟ 
ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا ئاشقازان كېسىلىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى، بىمارلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە چۈشۈرۈشى، كېسەللىك جىددىي قوزغالغاندا ياكى كېسەللىك ئالامىتى ئېنىق بولغاندا بىمارلار كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى، بىمارلار جىددىيلىك ۋە زىيادە ھېرىپ - چارچاشتىن ساقلىنىشى، كۆڭلىنى خۇشال- خۇرام تۇتۇشى لازىم. يېمەك- ئىچمەكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى، بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىكى، يىرىك ھەمدە ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق تاماقلارنى يېيىشى لازىم. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر