چىش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 

بالىلىق مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش، ماددا ئالمىشىش، نېرۋا، نەپەس سىستېمىسى، قان ئايلىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش قاتارلىق ھەرقايسى سىسىتېمىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ھەرىكىتى كۆپلىگەن  ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشكە موھتاج بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر كۈنى ئورگانىزمنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگىمۇ كۆپلىگەن ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئېنېرگىيە ئاساسلىقى يېمەكلىكتىن كېلىدۇ. يېمەكلىك چوقۇم ئورگانىزمنىڭ ھەزىم قىلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلىرى پايدىلىنالايدىغان ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. ئۇنداقتا يېمەكلىكلەرنى قايسى ئەزالار پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ؟
 
بۇنىمۇ ئالدى بىلەن ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئېغىز بوشلۇقى بولسا ھەزىم قىلىش يولىنىڭ باشلىنىش ئېغىزى، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى تەرىپى ( قوۋۇر ) دىكى چايناش مۇسكۇلى، چېكە مۇسكۇلى قاتارلىق چايناش مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش رولىدىن ئېڭەك سۆڭىكى ئۈستۈنكى چىشلار ھەرىكەتلىنىپ، ئېغىز بوشلۇقىغا كىرگەن يېمەكلىكلەرنى مېخانىكىلىق پارچىلاپ يانجىيدۇ. تىلنىڭ ھەرىكىتى يېمەكلىك بىلەن شۆلگەينى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن شۆلگەينىڭ ھەزىم قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېمەكلىكنى نەمدەپ سىلىقلاپ يېمەكلىك دانچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇتۇشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېيىلگەن نەرسىلەرنىڭ ئاسان ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈشىدە ياخشى رول ئوينايدۇ. « ئۇششاق پارچىلاپ ئاستا يۇتۇش » يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى، سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى قوغداشقا پايدىلىق.
ئەگەر چىشتا ھەر خىل كېسەللىك كۆرۈلسە ياكى چىش چۈشۈپ كەتسە، يېمەكلىك ئىنچىكە چاينالماي قېلىپ، ئاشقازان، ئۈچەينى نورمال ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىش بىلەن بىللە، يەنە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىمۇ زەخىملەندۈرىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن يېمەكلىكنىڭ نورمال ھەزىم بولۇپ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە ياخشى قوبۇل قىلىنماي ئوخشىمىغان دەرىجىدە ناچار ئوزۇقلىنىش كېلىپ چىقسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر