يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

نورمال ئەھۋالدا يۈرەكنى يۈرەكنىڭ قوماندانلىق مەركىزى-سىنۇس دالانچە تۈگۈنى قوزغايدۇ. سىنۇس-دالانچە تۈگۈنىنىڭ قوزغىلىشى مەلۇم چاستوتا قانۇنىيىتى بويىچە تەرتىپلىك يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە قوزغىلىشىنىڭ ھەرقايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈلۈش ۋاقتىدىمۇ مەلۇم چەكلىمە بولىدۇ.
ئەگەر، سىنوس دالانچە تۈگۈنى نورمال چاستوتا قانۇنىيىتى بويىچە قوزغالمىسا ياكى قوزغىلىشنىڭ مەنبەسى سىنۇس دالانچە تۈگۈنى بولماي، سىنۇس دالانچە تۈگۈنىدىن باشقا يەتكۈزگۈچى توقۇلمىلاردا بولسا، غەيرىي ئورۇندا قوزغىلىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ چاستوتا ۋە رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مانا بۇ يۈرەك رىتىمسىزلىقى دېيىلىدۇ.
 
يۈرەك رىتىمسىزلىقى- يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىدۇر. ئەمما، بۇ ئەھۋال سالامەتلىكى نورمال كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ.شۇڭا، يۈرەك رىتىمسىزلىقى بايقالسىلا ئەزا مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر