دورا خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 

دورا خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىشنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ دەرىجىسىدە پەرق چوڭراق بولۇپ، ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك دورىدىن زەخىملىنىش، جىددىي جىگەر ياللۇغى تىپلىق، جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىش تىپلىق، جىددىي جىگەرنى ماي قاپلاش تىپلىق ۋە بىرىكمە تىپلىق قاتارلىق تىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىددىي جىگەر ياللۇغى تىپلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، كىلنىكىدا دىياگنوز قويۇش تەسرەك بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئانچە پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىش، تاماق ھەزىم قىلالماسلىق، جىگەرنىڭ ئورنى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىز بولۇشى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە بولىدىغان جايلىرى يوق بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكىتىمىز ئاھالىسىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ سىرتقى يۈز ئانتىگېنىنى ( HBAg) ئېلىپ يۈرۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇنداق ئۆزىدە HBAg ئېلىپ يۈرگۈچىلەردە دورا خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىش يۈز بەرسە ئادەتتە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىگەر زەخىملەنگەن بىمارلاردىن جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان دورا ئىشلەتكەن- ئىشلەتمىگەنلىكىنى سوراشقا ئېتىبارسىز قارالسا، ناھايىتى ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
 
دورا خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىشكە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ: ① جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن 1~4 ھەپتىگىچە ( ئاز ساندىكى بىمارلاردا يوشۇرۇن مەزگىل تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ ) جىگەر زەخىملىنىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.② جىگەر ياللۇغىنىڭ ئادەتتىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن باشقا، كېسەللىك دەسلەپ پەيدا بولغاندا قىزىش، ئەسۋە چىقىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ③ ئەتراپ قان رايىدىكى كىسلاتاخۇمار ھۈجەيرىلەر %6 تىن چوڭ بولىدۇ. ④ جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىش ئالامىتى ۋە ياكى جىگەرنىڭ ئۇيۇل ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىپ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ. ⑤ ھەر خىل ۋىرۇس ئىندىكاتورلىرى تەكشۈرگەندە مەنپىي چىقىدۇ. ⑥ يەنە دورا يېگەندىن كېيىن يەنىلا جىگەر زەخىملىنىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك دورىدىن زەھەرلەنگەن جىگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. جىگەر زەخىملىنىشتىن سىرت يەنە جىگەردىن باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئايرىم بىمارلاردا تەرەققىي قىلىپ جىگەر قاتىدۇ، ئادەتتە جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا توختاتمىغانلىق سەۋەبىدىن بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ ياللۇغ داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دورا خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىش دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتىشى كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر