بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 

بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى- بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: يىلىك يادروسى تەركىبىدە سۇ مىقدارى ئازىيىدۇ. تالا ھالقىسىدىكى تالالار يىرىكلىشىپ ئەينەكسىمان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يېرىلىپ ئېلاستىكلىقنى يوقىتىدۇ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى نېپىزلەيدۇ. ئارقىدىن بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى بېسىلىپ ئۆزگەرگەن تالالىق ھالقا پۇلتىيىپ چىقىپ، ئومۇرتقا تېنىنىڭ گىرۋىكىدىكى سۆڭەك پەردىسى ۋە پەيلەر كۆتۈرۈلۈپ، قاناپ، ئاسسىمىلياتسىيەلىشىدۇ، تەدرىجىي ھالدا ئومۇرتقا تېنىنىڭ گىرۋەكلىرىدە سۆڭەك تىكىنى پەيدا بولۇش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئاساسىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. 
1) بىرلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، يەنى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش، تومپىيىپ چىقىش، ئاجراپ كېتىشى قاتارلىقلار.
(1) يىلىك يادروسى ۋە تالا ھالقىسى سۇ مىقدارىنى يوقىتىدۇ: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ قېرىشى يىلىك يادروسى ۋە تالا ھالقىسىدىكى سۇ يوقىتىشتىن باشلىنىدۇ. يىلىك يادروسىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاساسىي ماددىسى ۋە تالا توقۇلما تورلىرىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي تالا توقۇلمىلىرى ۋە كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرى ئىگىلەپ، تالالىق كۆمۈرچەكنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقلۇق ۋە سۇيۇقلۇق بېسىم رولىنى يوقىتىپ، تالا ھالقىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. تالا ھالقىسىدىكى سۇ يوقالغاندىن كېيىن ئېلاستىكلىق تالالار توملىشىپ، ئەينەكسىمان ئۆزگىرىپ، ئېلاستىكلىقنى يوقىتىپ، يىلىك يادروسىنىڭ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ مەركىزىدىكى چەكلەش ئىقتىدارىنى ساقلاشنى يوقىتىدۇ. 
(2) تالا ھالقىسىنىڭ سۈركىلىپ زەخىملىنىشى ۋە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تومپىيىپ چىقىشى، كېڭىيىشى، ئاجراپ كېتىشى: يىلىك يادروسىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى تالا ھالقىسىدىن كۆپ بولىدۇ، يىلىك يادروسىنىڭ سۇ يوقىتىشىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، باش ۋە بويۇننىڭ ئېغىرلىق مىقدارى ۋە ھەرىكىتى بارا-بارا تالا ھالقىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. بويۇننىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تالا ھالقىسى سۈركىلىپ يېرىلىدۇ. كىچىك يېرىقلار چوڭ يېرىقلارغا ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چوڭىيىپ، تومپىيىپ چىقىدۇ ياكى ئاجراپ كېتىدۇ. ئومۇرتقا تېنى ئارقىسىدا تىك پەيلەر بولۇپ، مەركىزىدە بىر ئېرىقچە بار. شۇڭا، يىلىك يادروسى ئادەتتە ئاجىز بولغان ئارقا تىك پەينىڭ سىرتقى يېنىدىن تومپىيىپ چىقىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە ئارقا تەرەپ ئوتتۇرىسىدىن تومپىيىپ چىقىدۇ. بۇ ئىككى ئورۇندىن تومپىيىپ چىقىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. باشقا ئورۇندا، مەسىلەن، ئالدى، يېنى، ئۈستى ياكى ئاستى تەرەپلەردە تومپىيىپ چىققاندا مۇھىم قۇرۇلمىنى بېسىۋالمايدۇ. بۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئارقا سىرتقى يان تەرەپ ۋە ئارقا يان ئوتتۇرىسىدىكى تومپىيىپ چىقىشتەك ئېغىر بولمايدۇ. ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى تومپىيىپ چىققاندىن كېيىن مەزكۇر ئورۇندا 3 خىل ئوخشاش بولمىغان تىپىك ياللۇغلىنىش ئىنكاسى بولىدۇ: ① يارىلىنىش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش. ② توقۇلمىلار يېرىلغاندا ئۇلارنىڭ گېستامىن قويۇپ بېرىشى پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك ياللۇغلىنىش. ③ تومپىيىپ چىققان يىلىك يادورسى توقۇلمىسى پەيدا قىلىدىغان ئۆز-ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى. شۇڭا، يېرىلىش ئېغىزى ئېغىر سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلغاندا نېرۋا بېسىلىدۇ ۋە غىدىقلىنىدۇ. ئەمما سۇلۇق ئىششىق يوقىغاندىن كېيىن تومپىيىپ چىققان نەرسىلەر بەزىدە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. 
(3) ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىشى: ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تومپىيىپ چىقىشى ئەڭ دەسلەپتە بىر يۆنىلىشتە تومپىيىپ چىقىدۇ، ئەمما ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، تۆت ئەتراپ چوڭىيىپ، تومپىيىپ چىقىدۇ. چېكىنگەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقى تېخىمۇ يوقايدۇ. ھەتتا ئاستى-ئۈستى كۆمۈرچەك تاختىسى ئۆزئارا بىۋاسىتە سۈركىلىپ تېخىمۇ چوڭ زەخىم پەيدا قىلىدۇ. رېنتىگېن ئاپپاراتىدا رەسىمگە ئالغاندا، ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقىنىڭ تارايغانلىقىنى ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

 
2) ئىككىلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىشى: 
(1) سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى: بۇنى رېنتىگېن ئاپپاراتىدا ئەڭ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئومۇرتقا تېنىنىڭ ئۈستى-ئاستى گىرۋەكلىرىدە ۋە بوغۇم گىرۋەكلىرىدە يۈز بېرىدۇ. شەكلى باتنىغان بالىنىڭ كالپۇكىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، بۇ ئۆزگىشلەر كالپۇكسىمان ئۆزگىرىش، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئۆسۈشى، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى، سۆڭەك تىكىنى قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇلار سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىدۇر. ئومۇرتقا تېنى بىلەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى مىسالغا ئالساق، بۇلار ئومۇرتقا تېنى بىلەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاسىتىلىك باغلىنىشچان بوغۇمدۇر. ئومۇرتقا تېنىدە مەيلى ئالدى-ئارقا، مەيلى ئوڭ-سول بولسۇن ھەممىسىدە سۆڭەك سىرتقى پەردىسى ئومۇرتقا تېنى يۈزىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئومۇرتقا تېنىنىڭ ئاستى-ئۈستى گىرۋىكى، ئۇنىڭ سىرتقى قەۋىتى بىلەن ئالدى، ئارقا تىك پەيلەر ئۆزئارا ئۇلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سىرتقى سۆڭەك پەردىسى بولمايدۇ، ئەمما ۋاسىتىلىك باغلىنىشچان بوغۇم خالتىسىنىڭ رولى سىرتقى سۆڭەك پەردىسى بىلەن ئوخشاش. ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى نېپىزلەپ ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقى تارىيىدۇ. يەنە كېسەل بولغان بۆلەكنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش رولى يوقىلىپ، كېسەل بولغان بۆلەكنىڭ ئادەتتىكىچە ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ئۆزگىرىپ كەتكەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى بېسىلىش سەۋەبىدىن تۆت ئەتراپىغا قىسىلىپ چىقىدۇ. ئومۇرتقا تېنىنىڭ قىرغاقلىرىغا چاپلىشىپ تۇرغان سىرتقى سۆڭەك پەردىسى قايرىلىپ، سۆڭەك پەردىسى ئاستىدا كالپۇكسىمان سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئومۇرتقىنىڭ كېسەل بولغان بۆلىكىنىڭ بىنورمال ھەرىكىتى سۆڭەك پەردىسىنىڭ قايرىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ سۆڭەكنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ۋاسىتىلىك ئۇلىنىشچان بوغۇملارغا قارىتا، يەنى بوغۇمدىكى ئۆسۈكچە بوغۇم ۋە ئىلمەك ئومۇرتقا بوغۇمى ئومۇرتقا بوغۇمى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى رولىنى يوقاتقاچقا، بوغۇمدىكى ئۆسۈكچە بوغۇم ئاستىغا ۋە ئۈستىگە خاتا يۆتكەلگەچكە، بوغۇم خالتىسى تولغىنىپ سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىلمەك ئومۇرتقا بوغۇمىمۇ بېسىلىپ زەخىملىنىدۇ. بۇ ئىككى بوغۇم ئوخشاشلا سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئاغرىمايدۇ، ئاغرىش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى يېقىن ئەتراپتىكى نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنىڭ بېسىلغانلىقىدىن ھەم ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ۋە پەيلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدىن تولغىنىشنىڭ رېفلېكسىلىق مۇسكۇل تارتىشىشىنى پەيدا قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى تومپىيىپ چىققان يۆنىلىش ئارقا، سىرتقى يان يۆنىلىشتىكىلىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ يۆنىلىش ئومۇرتقا قانىلىنىڭ ئەڭ تارايغان يېرىدىكى بىر يان يوشۇرۇن ئۇۋىدىن تاكى ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىگىچە بولغان بۆلەك بولۇپ، ئالدىدا ئىلمەكسىمان ئومۇرتقا تېنىنىڭ گىرۋەكلىرى بار، ئارقىسىدا بوغۇمدىكى ئۆسۈكچە بوغۇم بار. مەسىلەن، بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تومپىيىپ چىقىشى ۋە سۆڭەك ئۆسۈكچىسى سۆڭەك قانىلىنىڭ ئىچىدىكى نېرۋا يىلتىزىنى بېسىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى توغرىسىغا بولغان قاتتىق نۆكچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇلۇننى بېسىپ يۇلۇندا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئالدى يېنىدىكى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى قىزىلئۆڭگەچنى باسىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى قاتارلىقلارنى باسىدۇ.
(2)بوغۇمنىڭ چىقىپ كېتىشى ۋە پەيلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ھەمدە تولغىنىپ كېتىشى: ھەربىر بويۇن ئومۇرتقا بۆلىكىدە 5-ئورۇندا يېپىق سىستېما بولىدۇ. شۇڭا، بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقىنى تارايتىدۇ. باشقا تۆت ئورۇندا ( ئىككى يان ئىلمەكسىمان ئومۇرتقا ۋە بوغۇمدىكى ئۆسۈكچە بوغۇم ) ئاستى-ئۈستىگە جىپسىلىشىپ چىقىپ كېتىش، بوغۇم خالتىسى تولغىنىش ۋە سۆڭەك ئۆسۈكچىسى قاتارلىق پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىدىكى تالا ھالقىسى، ئارقا تىك پەي ۋە بوغۇم خالتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھالقا ئومۇرتقا نېرۋىسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى گەرچە بىۋاسىتە ئاغرىق پەيدا قىلمىسىمۇ، ئەمما ئاغرىيدۇ.
(3)تارىمۇشنىڭ بوشىشىشى، قېلىنلىشىشى، كالتسىيلىشىشى ۋە سۆڭەكلىشىشى: ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقى تارىيىپ بۇ بۆلەكتىكى مۇقىم بولغان ئالدى-ئارقا تىك تارىمۇشنى قوغداپ، سېرىق تارىمۇش ھەم تىكەن ئارىلىقى ۋە تىكەنلىك پەينى بوشاشتۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى ئومۇرتقا مۇقىملىقنى يوقاتقاندىن كېيىن بىنورمال ھەرىكەتلەر بۇ پەيلەرنى غىدىقلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار كومپېنساتسىيەلىنىش ئۈچۈن قېلىنلايدۇ، كالتىسيلىشىدۇ ۋە سۆڭەكلىشىدۇ. چەكلىمىلىك ئومۇرتقا كانىلى ئىچىدە سېرىق تارىمۇش بوش بېسىلىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسى زىيادە سوزۇلۇپ، بويۇن يۇلۇنى پۇرلىشىپ بېسىلىدۇ. سېرىق تارىمۇشنىىڭ قېلىنلىشى ۋە ئارقا تىك پەيلەرنىڭ سۆڭەكلىشىشىمۇ بويۇن يۇلۇنىنى بېسىۋالىدۇ.
(4)چاپلىشىپ قېلىش: بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئارقا يان مەركىزىدىن تومپىيىپ چىقىپ، بويۇن يۇلۇنىنىڭ قاتتىق يۇلۇن پەردىسى بىلەن چاپلىشىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئارقا سىرتقى يېنى چىقى نېرۋا يىلتىزى ياكى يىلتىز غىلىپى بىلەن چاپلىشىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە، يۇلۇن ۋە نېرۋا يىلتىزلىرى تالالىشىدۇ. كېسەللىك ھالىتى ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىدۇ، ئۇزارغانسېرى ساقىيىش تەسكە توختايدۇ.
(5)مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشى: نېرۋا ۋە نېرۋا يىلتىزىنىڭ غىدىقلىنىشى رېفلېكسلىق مۇسكۇل تارتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى گۇمانلىق تاغاق كېسەللىكلىرىدە تاغاق نېرۋىسى ياكى تاغاق بوغۇمىنىڭ كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا ئاستىنقى بويۇن قىسمىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى رېفلېكسلىق مۇسكۇل تارتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى « بوينىغا يەل تۇرۇپ قېلىش » ھادىسىسىنى ئادەتتە يۇقىرىقى بويۇن قىسمىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ رىفلېكسلىق مۇسكۇل تارتىشىشى پەيدا قىلىدۇ. رىفلېكسلىق مۇسكۇل تارتىشىشى ئورگانىزملارنىڭ بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ئىنكاسىدۇر. 
(6)سېزىملىك ئاغرىق: بۇ يۇلۇن نېرۋىسىنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى غىدىقلانغاندىن كېيىن، ئوخشاش بىر نېرۋىنىڭ باشقا تارمىقى ئىدارە قىلىدىغان ئورۇندا ئاغرىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما مەزكۇر ئورۇندا باسقاندا ئاغرىش ۋە نېرۋا ئالامەتلىرى ئېنىق بولمايدۇ، مۇسكۇللار تارتىشىدۇ.
ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى كۆپىنچە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككىلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئارقا يېنى تومپىيىپ چىقىپ، ئىلمەكسىمان ئومۇرتقا بوغۇمىدىكى ئۆسۈكچە بوغۇمنىڭ سۆڭەك ئۆسۈكچىسى قاتارلىقلار يىلتىز خاراكتېرلىك بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئارقا تىك تارىمۇشلارنىڭ سۆڭەكلىشىشى قاتارلىقلار ئىككىلەمچى پاتولوگىيەلىك سۆڭەك سۇنۇش، ئومۇرتقا كانىلىنىڭ تارىيىشى، بويۇن يۇلۇنىنىڭ بېسىلىشىنى ( يۇلۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ) قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئومۇرتقا تېنىنىڭ ئارقا سىرتقى يان گىرۋىكىدىكى سۆڭەك ئۆسمىسى بويۇن ئارتېرىيەسىنى بېسىپ ياكى غىدىقلاپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تىپىك بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ ياكى بويۇن سىمپاتىك نېرۋا زەنجىرىنى غىدىقلايدۇ. ئومۇرتقا تېنىنىڭ ئالدىدىكى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى قىزىلئۆڭگەچ قاتارلىقلارنى باسىدۇ ياكى غىدىقلايدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر