يۈرەك رىتىمسىزلىقىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 

 
1) ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش:
جۇڭگو تېبابىتىدە، يەتتە خىل ھېسسىيات ئورگانىزمىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، يەتتە خىل ھېسسىيات ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە، ئىچكى ئەزالاردىكى قان بىلەن خىلىتنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كېسەل پەيدا قىلىدۇ. يەتتە خىل ھېسسىياتنىڭ ئىچىدە خۇشاللىقلا ياخشى سۈپەتلىك غىدىقلىنىش بولۇپ، ئادەم دائىم ئۈمىدۋار بولغاندا ساغلاملىققا پايدىلىق. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت مەيۈسلىنىپ، ئالاقزادە بولۇپ، ئېچىنىپ، قايغۇرۇپ يۈرسە خىلىتنىڭ فۇنكسىيەسى ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئاز خىيال سۈرۈپ، ئۆزىنى ئۇپراتماسلىق، جاھان ئىشلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش، ھەسەتخورلۇق قىلماسلىق، ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، كۆڭۈلنى خۇش تۇتۇش لازىم. 
 
2)مۇۋاپىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش:
كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش- كۈتۈنۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، پەقەت يېتىپ-قوپۇش ۋاقتىدا بولغاندا، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولغاندىلا، كەيپىياتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشىلىغىلى، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
3)مۇۋاپىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش:
كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش-كۈتۈنۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، پەقەت يېتىپ-قوپۇش ۋاقتىدا بولغاندا، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولغاندىلا، كەيپىياتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشىلىغىلى، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
4)ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش مۇۋاپىق بولۇش:
ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش مۇۋاپىق بولۇش-ئورگانىزملارنىڭ خىلىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان ئايلىنىشىنى تەڭشەش، ئىچكى ئەزالارنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ھەددىدىن زىيادە پاراغەتلىككە بېرىلگەندە، زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا، قان ۋە خىلىتنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇۋاپىق ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇش لازىم. 
5) يېمەك- ئىچمەك مۇۋاپىق بولۇش:
يېمەك-ئىچمەك ھەممە جەھەتتىن تەڭشەلگەن بولۇشى، ئادەمگە ماس كەلگەن بولۇشى، تەملىك، ئوزۇقلۇقى تولۇق بولۇشى لازىم. 
 
 
 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر