نورمال ئۇيقۇنىڭ 7 خىل شەرتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 

 
 
1.تۇراقلىق كەيپىيات:
مەيلى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ كەيپىيات بولسۇن، مەسىلەن، ھاياجانلىنىش، خۇش بولۇش، تەشۋىشلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، تىت- تىت بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ئۇيقۇغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ۋاقىتلىق بولىدۇ. بىز كەيپىياتىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇپ، روھىي ھالىتىمىزنى تەڭشەشنى، دىققىتىمىزنى باشقا ئىشلارغا يۆتكەپ، ئۆزىمىزنى تىنچىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
2. تىنچ مۇھىت:
تىنچلىقمۇ ئۇيقۇنىڭ زۆرۈر شەرتى. ھەرقانداق كىشى ۋاراڭ- چۇرۇڭدا ئۇخلىيالمايدۇ، ئايروپورت، ئاپتوبۇس بېكىتى ئەتراپى ۋە يول بويىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاۋاز ئۆتكۈزمەسلىك تەدبىرىلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
3.يورۇقلۇق ۋە تېمپېراتۇرا:
كۈچلۈك يورۇقلۇق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۇخلىغاندا چىراغنى ئۆچۈرۈش ياكى ئۆينىڭ يورۇقلۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كېرەك، كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەپ، كۈندۈزى ئۇخلايدىغانلار دېرىزە پەردىسىنى يېپىپ ئۆينى قاراڭغۇلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۆي بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولسىمۇ ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ.
4.مۇۋاپىق ئورۇن- كۆرپە:
ئوبدان ئۇخلاش ئۈچۈن ئورۇن- كۆرپە، مەسىلەن، ياستۇق، يوتقان- كۆرپە، كارىۋاتلار مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. قاتتىق- يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولغان كارىۋات ۋە يوتقان- كۆرپە تەنگە راھەت بېغىشلايدۇ، دورىلىق ياستۇق تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
5.ساغلام تەن:
كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ ئاغرىش، يۆتەل، دەم سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىكى بارلار، نېرۋىسى ئاجىزلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. بۇنداقلار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك.
6. زۆرۈر بولغان چېنىقىش:
ھەممىمىزگە ئايان ھاياتلىق ھەرىكەتتە. مۇۋاپىق تەنھەرىكەت قىلىش بەدەننى قۇۋۋەتلەپلا قالماي، ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىدۇ. تەنھەرىكەت چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
7.ئۇخلاش ئالدىدىكى ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش:
بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى، مەسىلەن، تاماق چېكىش، ھاراق ئىچىش، غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ ئۇخلاش ئالدىدا ئىمكانقەدەر ئۆزىنى يەڭگىل، ئەركىن، تەمكىن تۇتۇش كېرەك. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر