جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ 4 خىل ئالامىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 
جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى - ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئاشقازان دىۋارىنىڭ شىللىق پەردە قەۋىتى، شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتى، مۇسكۇل قەۋىتى ە شىرىلىك پەردىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئاشقازان ياللۇغلانغاندا يېنىك بولغاندا قىسمەن ئاشقازان پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى ۋە مۇسكۇل قەۋىتى، ھەتتا شىرىلىك قەۋىتى تولۇق ياللۇغلىنىدۇ. بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىر- يېنىك بولۇشى ياللۇغلىنىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ. ئۇنداقتا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى ئۆزىمىز قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇنىڭدا ئاۋۋال جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى توغرىسىدىكى بەزى ئاساسىي ساۋاتلارنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
 
1. تۇنجى قېتىملىق كېسەللىك جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا كۆپىنچە تۇنجى كېسەللىك يۈز بەرگەن بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا قوزغىلىدۇ. كېسەللىك يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى كۆپىنچە ئېنىق ھالدىكى كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ياكى كېسەللىك ئامىللىرى تەكرارلىنىدۇ. 
2. كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى جىددىي، جەريانى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە بىر ھەپتە بولىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا كېسەللىك جەريانى بىرقانچە ھەپتىگە سوزۇلىدۇ. 
3. كېسەللىك ئامىلى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى - مەينەت ياكى كىسلاتالىق چىرىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن بولىدۇ. بەزىدە ئاشقازاننى كۈچلۈك غىدىقلايدىغان خىمىيەلىك دورىلارنى خاتا يېيىشتىن، بەزىدە زىيانلىق دورىلارنى ئۇزاق ۋاقىت يېيىشتىنمۇ ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.كېسەللىك ئامىللىرى دائىم مىكروب، زەھەرلىك ماددا، ئىسپىرت، كىسلاتا، كىسلاتا- ئىشقار قاتارلىق چىرىتكۈچى ماددا ياكى دورا قاتارلىقلار بولىدۇ. 
4. پۈتۈن بەدەن سىستېما مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاشقازاندىكى ئالامەتلىرى يەنە بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى ئېغىر 
دەرىجىدىكى پۈتۈن بەدەن سىستېما مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاشقازاندىكى جىددىي ئالامىتى ياكى سېزىمچانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ كېيىنكىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر