مېڭىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

1.   كىچىك مېڭە
   كىچىك مېڭىسى زەخىملەنگەن بىمارلار ھەرىكەت قىلالايدۇ، ئەمما ھەرىكىتى دېگەندەك قولاشمايدۇ، بولۇپمۇ سەزگۈ بىلەن ھەرىكەت ماسلىشىشقا تېگىشلىك ھەرىكەتلەردىن پىيانىنو چېلىش ياكى ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ياخشى ئورۇنلىيالمايدۇ. كىچىك مېڭە ئىزچىل سەزگۈ قايتۇرۇش تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرگە قارىتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ ھەرىكەتلەر يەنە كېيىنكى ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قولىڭىز بىلەن كۆزنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەغەزدىكى مۇرەككەپ رەسىمنى سىلىغانغا ئوخشاش. كىچىك مېڭىسى زەخىملەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىز قوغلاش ھەرىكىتى قىلمىقى بەكمۇ تەس. كىچىك مېڭىنىڭ مېڭىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ كىچىك مېڭىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، روشەنكى ئىنسانلاردىكى تېخىمۇ جانلىق ھەم كۆپ خىل ھەرىكەتلەر كىچىك مېڭىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرغان، شۇنداقتىمۇ كىچىك مېڭە يەنىلا مۇھىم. چۈنكى ئۇ پەيدا قىلغان سەزگۈ ھەرىكەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر مەشىق ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىختىيارسىز ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ، شۇنداق بولغانلىقتىن، كىچىك مېڭە « ئاپتوماتىك يول باشلىغۇچى » دەپ ئاتىلىدۇ.


2.  ئارىلىق مېڭە
   دۆڭچە مېڭە ئارىلىق مېڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپمۇ چوڭ مېڭىنىڭ سېزىش مەركىزىدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ سېزىش فۇنكسىيەسى بىلەن ئالاقىسى زىچ بولغان مېڭە قۇرۇلمىسىدۇر. ئارىلىق مېڭىنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە مېڭىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئارانلا 4 گىرام بولۇپ، پۈتۈن مېڭىنىڭ %0.3 ىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، ۋېگېتاتىپ نېرۋىنىڭ مۇھىم مەركىزىي ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش مەركىزى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئورگانىزمنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلاردا تەڭشەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە فۇنكسىيەلىك قىسمىدىن ئىبارەت.

3.   مېڭە غولى
   مېڭە غولى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بارلىق مۇھىم فۇنكسىيەلىرىگە قاتنىشىپ، كىشىلەر ئېڭىنىڭ سەگەك ھالەتتە تۇرۇشى ۋە ئويغاق-ئۇيقۇلۇق ھالىتىنىڭ رىتىملىق ئالمىشىشىنى ساقلايدۇ. ھەرىكەت ھەم سەزگۈ فۇنكسىيەسىنى تىزگىنلەپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇزۇنچاق مېڭە ئورگانىزمنىڭ نورمال نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىش قاتارلىق ئاساسىي ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغاچقا، ھاياتلىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. كۆۋرۈك مېڭە باش قىسىمدىكى سېزىش، ئاڭلاش ۋە تەڭپۇڭلۇق سېزىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئېغىر-يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللار ھەم كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئوتتۇرا مېڭە كۆرۈش سېزىمىنى قوبۇل قىلىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ، قارىچۇق رېفلېكسى بىلەن پىرامىدا سىرتقى سىستېمىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشقا قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئويغىنىش ھالىتىنى ساقلاش قۇرۇلمىسىغا ئىگە.
    مېڭە يەنە نېگىز نېرۋا تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەسى مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى، ھەرىكىتى، شۇنداقلا بەدەن قىياپىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، بۇ قۇرۇلما فۇنكسىيەسى ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان، يەنە كېلىپ ئۆزئارا بىر-بىرىنى تىزگىنلەيدىغان نېرۋا ھۈجەيرە توپىدىن تەشكىل تاپقان. نېگىز نېرۋا تۈگۈنى زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئاڭنى كونترول قىلمايدىغان مۇسكۇللار ھەرىكىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قوللىرىنى مەقسەتسىز پۇلاڭلىتىش، پۇتلىرىنى كۆتۈرۈش، تېپىش ياكى قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىشتەك كېسەللىك خاراكتېرىدىكى زىيادە مۇسكۇل ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدۇ ياكى ئەكسىچە ھەرىكىتى قىيىنلىشىدۇ، مۇسكۇللاردا قېتىپ قېلىش ۋە پاركىنسون كېسەللىكىگە ئوخشاش تىترەش قوشۇلۇپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەككە-يېگانە ھەرىكەت مەركىزى مەۋجۇت  ئەمەس. ھەرىكەتلەر ئوخشاش بولمىغان تىپلارغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان مېڭە رايونلىرى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. بىراق، ئاشۇ ئوخشاشمىغان مېڭە رايونلىرىدىن، مەسىلەن: مېڭە تاشقى قاتلىمىنىڭ ( پوستلىقى ) ئوخشاشمىغان قىسىملىرى بىلەن ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن: كىچىك مېڭە ھەرىكەت پوستلىقى ئالدىغا جايلاشقان تاشقى تەرەپ ھەرىكەت ئالدى رايونى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، نېگىز نېرۋا تۈگۈنى پوستلاقىنىڭ يەنە بىر رايونى - ياردەمچى ھەرىكەت رايونى بىلەن زىچ ئالاقىگە ئىگە. ئۇلار ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ، زىچ ماسلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانلىرىدا، ئوخشاشمىغان سۈرئەت، ئوخشاشمىغان دائىرە ۋە ئوخشاشمىغان ماھارەتلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرلىكتە تاماملايدۇ.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر