بۇ 5 خىل كىشىلەر ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
1. تاماكىنى ئۇزاق مەزگىل كۆپ چەككۈچىلەر:

   زامانىۋى تېببىي تەتقىقات تاماكا چېكىشنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا، كىشىلەر تاماكىنى قانچىكى بالدۇر، كۆپ، ئۇزاق چەكسە، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەگەر تاماكىنى تاشلىۋەتسە، كېسەللىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئاستىلاتقىلى، ھەتتا يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


2. قىسمەن زاۋۇت، كانلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر:

   مەسىلەن، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈرلۈك قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر ۋە ئىشچىلارنىڭ مۇھىتتىن مۇداپىئەلىنىشى يېتەرسىز بولسا، بۇ ئىشچىلار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ.


3. تېنى ئاجىز، بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەن كىشىلەر:

   بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تەكرار زۇكامدىغاندا ياكى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملانغاندا داۋالىنىپ ئۈزۈل- كېسىل ساقايمىسا، تەكرار يۇقۇملىنىشتىن ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.


4.  دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەر:
   دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا قىش پەسلىدە ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولۇش، ئوچاققا ئوت قالىغاندا تۈتۈننى بىر تەرەپ قىلىش ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، نەپەس يولى شىللىق پەردىسى دائىم غىدىقلىنىپ تۇرغاچقا، نەپەس يولىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.


5.  نامراتلار:

   نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسى كۆپ، ئىقتىسادىي ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا پەرق بولغاچقا، يەنىلا قىسمەن نامرات رايونلار مەۋجۇت. شۇڭا، بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن ئورگانىزمىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوچاقتىن چىققان ئىس- تۈتەك نەپەس يولىغا ئاستا- ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ يېزىلارنىڭ داۋالاش شارائىتى بىرقەدەر ناچار بولغاچقا، بىمارلار نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا، ئۈزۈل- كېسىل داۋالىيالمىغاچقا، ئوڭايلا ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.



iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر