جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولۇشنىڭ 10 خىل سەۋەبلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بەدەننىڭ ساپا ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن، ئىممۇنىتېت ۋە ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقاندا كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرخىل ئامىللارنى تونۇشتۇرىمىز. كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۇ ئامىللاردىن ئاڭلىق ساقلانسا بولىدۇ.
1.  دائىم تۆۋەندىكىدەك دورىلارنى ئىچەمسىز؟
  ئاغرىق توختىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىغا قارشى دورىلار، مەسىلەن، ئاسپىرىن، ئىندومېتاتسىن  ( 消炎痛 )، پاراتسېتامول ( 扑热息痛 )، فېنىل بۇتازون قاتارلىقلار. يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالايدىغان دورا رېزېرپىن ( 利血平 )، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى، مەسىلەن، پىرېدنىزون ( 强的松 ) دېگەندەك؛ بەزى ئانتىبېيوتىكلار، مەسىلەن ئېرىترومىتسىن (红霉素) تېتراسىكلىن ( 四环素 )، كاربوسترىل ( 喹诺酮 ) تۈرىدىكى دورىلار ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئاشقازان ياللۇغى بارلار ئەگەر باشقا كېسەللىكلەر، مەسىلەن، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى ياكى زۇكام سەۋەبىدىن بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىچسە جىددىي خاراكتېرلىك دورا مەنبەلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەزىم قىلىش يوللىرى قانايدۇ. ئەگەر سىزدە ئاشقازان كېسىلى بولسا ئىمكان بار بۇ دورىلارنى ئىچمەڭ. ئىچسىڭىز ئاشقازان شىللىق پەردىڭىز شەلۋەرەپ قانىشى مۇمكىن.
   سىترىروئىدىسز ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى (NSAIDs ) ئاغرىق توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، دۇنيادا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، چىش ئاغرىقى ۋە ئوپېراتسىيە ئاغرىقى، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما NSAIDs نى ئىشلىتىپ كېسەل داۋالىغاندا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىمارلارنىڭ %30 نىڭ ھەزىم قىلىش يىلىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى ئېغىر بىمارلاردا يەنە نىكروزلىنىپ، ھەزىم قىلىش يولى ئېغىر دەرىجىدە قانايدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، NSAIDs ئىچكەن بىمارلارنىڭ %50 نىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەپ قالىدىكەن. %30 ~ %15 بىمارنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە ئاشقازان يارىسى بارلىقى بايقالغان. ئەمما، بۇ يارىدا كۆپىنچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. شۇڭا بىمارلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ، يەنە بىر كىلىنىكىلىق تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، ئاشقازىنى تېشىلگەنلەرنىڭ %70 نىڭ ئاسپىرىن ياكى باشقا NSAIDs خىلىدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەن تارىخى بار ئىكەن. بۇ بىمارلارنىڭ %80 نىڭ ئاشقازىنى ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچىيى قانايدىكەن.


2. ھاراق ئىچسە بولامدۇ؟
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن 400 مىليوندىن ئارتۇقراق ئادەم ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما، غەرب دۆلەتلىرىدە ھاراق ئىچىش تېخىمۇ ئومۇملاشقان. ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئالكوھول (乙醇 ) دۇر. كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ياكى ھاراق ئىچىشكە ئادەتلىنىش ئورگانىزمىغا ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، بۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان. مەملىكىتىمىزدە ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يېقىنلاشقان ياكى ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەن. كۆپ مىقداردا كۈچلۈك ھاراق ئىچىش ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ بىر قېتىملىق زىيادە ئىچىلگەن ھاراق ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان توشقۇزۇۋېتىدۇ، سۇلۇق ئىششىق، ھەتتا شەلۋەرەش ياكى قاناشنى پەيدا قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇزۇن مۇددەت 125 گىرامدىن ھاراق ئىچسە ئاشقازان ياللۇغى ۋە ھەزىم قىلىش مەنبەلىك ئاشقازان يارىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %12.86 ~ %2.24 بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق ۋاقىت ھاراق ئىچىش ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. جىگىرى قاتقانلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى ئادەتتە ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن. يەنە قاپقا ۋېنا يۇقىرى بېسىم خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى بىلەن قوشۇلۇپ ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدىكەن.
3.  قېنىق چاي ئىچىش
  چاي مەدەنىيىتى مەملىكىتىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە تارىخى ئۇزۇن مەدەنىيەت. قېنىق چاينى كۆپ ئىچسە ياكى بىۋاسىتە چاي يوپۇرمىقىنى چاينىغاندا ئومۇمەن ئاشقازان شىللىق پەردىسى قويۇق تېئوفىللىن ۋە چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى باشقا ئالكولوئىدلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدەش ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
4. قويۇق قەھۋە ئىچىش
  قويۇق قەھۋە ئىچىش ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە ئاشقازان ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاسانلا ئاشقازان كاۋىكىنى توسۇپ قويىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان كىسلاتاسى بېسىپ كىرگەن مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرسا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ، ھەتتا شەلۋەرەيدۇ.
5.  مىكروب ياكى ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش
  مىكروب ياكى ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشمۇ دېيىلىدۇ. كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروبلاردىن سالمونىللا باكتېرىيە ئائىلىسى، گالوگېنخۇمار باكتېرىيە ئائىلىسى ۋە كېسەل پەيدا قىلىش ئىقتىدارى زور بولغان ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى كۆپ ئۇچرايدۇ. توكسىنلاردا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە توكسىنى كۆپ بولىدۇ. بوتۇلىندىن پەيدا بولىدىغان كۆپ ساندىكى كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي يولىدىكى ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىشىمۇ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
6. ئاشقازان ئىچىدىكى غەيرىي ماددىلار ۋە ئاشقازان تېشى
  ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ياشانغانلار قورساق ئاچقاندا قارا چىلان، ھالۋابىدىت، پەمىدۇر، كۈدە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بىر قېتىمدا كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ئاشقازاندا تاش پەيدا بولىدۇ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك شەلۋەرەش، ھەتتا يارا پەيدا قىلىدۇ.
7.  چىرىتكۈچى دورىلارنى ئۇقۇشماي ئىچىش
  كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار قاتارلىقلارنى خاتا ئىچكەندە ئېغىز بوشلۇقى، قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغىچە بولغان ھەزىم قىلىش يولىنى زەخىملەندۈرۈپ، چىرىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. يېنىك بولغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا شەلۋەرەش، يارا، نىكروزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا تېشىلىپ كېتىدۇ.
8. رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش
  ئاشقازان رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچراشسا ياكى ئۆسمىنى رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالىسا جىددىي خاراكتېرلىك رادىيوئاكتىپلىق ئاشقازان ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
9. ئېغىر جىگەر كېسىلى
  ئېغىر جىگەر كېسىلى ياكى جىگەر قېتىش- ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ ياكى قاپقا ۋېناسى بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئومۇمەن ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا ئاسانلا قاپقا ۋېناسى بېسىمى يۇقىرىلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى شەكىللىنىپ، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.
10. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش
  سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن بىمارلارنىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن بەدەندىكى مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ئۈنۈملۈك چىقىرالماي ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاسانلا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر