بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئۆزگىرىشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
  بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يىلىك يادروسى، تالا ھالقىسى ۋە كۆمۈرچەك تاختىيىدىن تۈزۈلىدۇ. جىددىي زەخىم ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك زورۇقۇش سەۋەبىدىن بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىدە چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ.


1) يىلىك يادروسى: يىلىك يادروسىدىكى سۇ مىقدارى ئازىيىدۇ، تالا تورى ۋە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقسىمان ئاساسىي ماددا بارا-بارا تالا توقۇلمىلىرى ۋە كۆمۈرچەكسىمان ئۇيۇل ماددىغا ئايلىنىپ بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى تارايتىدۇ. بۇ خىل پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھەرقايسى بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرىدە بالدۇرراق باشلىنىپ تېزرەك تەرەققىي قىلىدۇ. ئېغىر نەرسىگە كۈچىگەن ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئومۇمەن 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، 50 ياشتىن ئاشقاندا بۇ خىل ئۆزگىرىش ناھايىتى روشەن بولىدۇ.
2) تالا ھالقىسى: 20 ياشتىن كېيىن تالا ھالقىسى يېتىلىشتىن توختاپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. ئىپادىسى- تالا يىرىكلىشىدۇ، ئەينەكسىمان ئۆزگىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىلىدۇ. تالا ھالقىسى مەركەز خاراكتېرلىك يېرىلغاندا يېرىلىش ئادەتتە سىرتقى يان تەرەپ يېرىلىدۇ، يىلىك يادروسى بۇ يەردىن تومپىيىپ چىقىدۇ.
3) كۆمۈرچەك تاختىيى: كۆمۈرچەك تاختىيى ئۆزگىرىپ، تەدرىجىي ھالدا نېپىزلايدۇ، ھەتتا يىلىك يادروسىنىڭ چىرىشى بىلەن كەمتۈكلىشىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىككى خىل: ئاۋۋال كۆمۈرچەك زەخىملىنىدۇ ياكى زەخىملەنگەن قىسمەن تالا ھالقىلىرى چاپلاشماي ئاجىزلايدۇ. ئاندىن كېيىن يېرىم سۈزۈك پەردە ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تالا ھالقىسى ۋە يىلىك يادروسىدا ئۆزگىرىش ۋە نېكروزلىنىش تېزلىشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر