قانداق قىلغاندا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

ساغلام تۇرمۇش ياخشى ئادەتكە باغلىق. كۆپچىلىككە مەلۇم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىر خىل ياشانغانلار كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتە 50~ 60 ياشلاردا پەيدا بولىدۇ. تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش تەبىئەتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قېرىشنى ئاستىلىتىپ، ساغلام ياشىيالايمىز. بىر ئادەم ياشانغان چېغىدا ئاغرىق- سىلىقى ئازراق بولسا، تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. ھازىر بەزىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش ياشانغانلارنىڭ ئىشى، ياشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساغلاملىق ئۆمۈرلۈك ئىش. بىر ئادەم ياش ۋاقتىدا كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلماي، پېنسىيەگە چىققاندا « كۈتۈنىمەن » دېسە كېچىكىپ قالىدۇ. ساغلاملىقنى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسى ساغلاملىق ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.


  چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار
تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن خەۋپلىك ئامىللار ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزىگىلى بولىدۇ. فىنلاندىيە ئىلگىرى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى كۆپ پەيدا بولىدىغان دۆلەت ئىدى، 20- ئەسىرنىڭ 70-80- يىللىرى يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تاماكا چېكىشنى ئازايتىش، سەمرىپ كېتىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنى كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلغانلىقتىن، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆلۈم نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. دېمەك، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن.
1) كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپلىك بولۇش كېرەك
ھازىرقى ياشلار، بولۇپمۇ بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت رىتىمى ئىنتايىن تېز، ئۇلار ئۇلار ھە دېگەندىلا ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەيدۇ، كاماندىروپكىغا چىقىدۇ، دائىم دېگۈدەك كېچىلەپ تۈنەيدۇ ياكى زىيادە سودا- تىجارەت مېھماندارچىلىققا قاتنىشىدۇ، تاماقنى قەرەللىك، نورمىلىق يېمەيدۇ، بىردە ئاچ، بىردە توق يۈرىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، كۈنىگە ئاران ئىككى- ئۈچ سائەت ئۇخلايدۇ، ھەتتا كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ، ئويۇن ئويناپ، ھاراق ئىچىپ تاڭنى ئاتقۇزۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى بەدەن مۇھىتى قالايمىقانلىشىش، گورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشى تەڭپۇڭسىزلىشىش قاتارلىق بىر قاتار زەنجىرسىمان ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇر دىۋارىنى ئىزچىل قىسقىرىش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. قان تومۇرلار ئۇزاققىچە قىسقىرىپ تۇرسا، تەدرىجىي قېتىۋېلىپ، ئېلاستىكلىقىنى يوقىتىدۇ، ياشانغاندا ئاسان قېتىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇش چوقۇم تەرتىپلىك بولۇش، سىڭىشلىك تاماقلارنى يېيىش، تاماكا چېكىشنى تاشلاش، ھاراقنى چەكلىك ئىچىش، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىشلەشنىمۇ، ئارام ئېلىشنىمۇ بىلىش كېرەك.
2) ھاياتلىق ھەرىكەتتە
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئادەم ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن چىرايىغا قىزىللىق يۈگۈرىدۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قان ئايلىنىشنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. قان ئايلىنىش كۈچەيسە خولېستېرىن تۆۋەنلەيدۇ. داۋاملىق چېنىقسا، قان تومۇر خۇددى گىمناستىكا ئوينىغاندەك ئېلاستىكلىقى ئېشىپ، قېرىشى ئاستىلايدۇ. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، چېنىقىشتىكى مەقسەت ئارتۇقچە ياغنى خورىتىپ، قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيە بىلەن سەرپىيات مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئورۇقلىتىش چېيى ئىچىشنى ھەرىكەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. ئورۇقلاش بىلەن چېنىقىشنىڭ نەتىجىسى قارىماققا ئوخشاشتەك قىلسىمۇ، ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرسىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىق ئەھمىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ھاياتلىق ھەرىكەتكە باغلىق، ئەجىر قىلماي ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
چېنىقىشنىڭ ئۇسۇلى جەھەتتە ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق، ۋېلسىپىت مىنىش، بىناغا چىقىش، مېڭىش، تەيجىچۈەن ئويناش، گۇمپا مەشىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پايدىلىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ چېنىقسا، جىسمانىي ساپاسى ياخشىلار ھەرىكەت مىقدارى يۇقىرىراق تۈرلەرنى تاللىسا بولىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئەھۋالىغا قاراپ چېنىقىشى، بەك زورۇقۇپ كەتمەسلىكى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
3) يېمەك- ئىچمەك سىڭىشلىك بولۇشى كېرەك
گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۈنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى تاماملىغان، گېرمانىيە ئاياللىرىنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 200 نەپەر ئايالنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن 200 نەپەر ساغلام ئايالنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىلغان. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسسىنىڭ دېگۈدەك ھايۋانات مېيى، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، گۆش، كولباسا، تاتلىق بولكا قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتەك ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بار ئىكەن، ساغلام ئاياللار بولسا ئادەتتە كۆكتات، مېۋە- چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىكەن ھەم داۋاملىق سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. دوكلاتتا قارىلىشىچە، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قارىغىلى بولمايدىكەن، ناۋادا كۈنىگە 200 گىرام مېۋە- كۆكتات ئاز ئىستېمال قىلىنسا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %60 ئاشىدىكەن؛ ئەگەر كۈنىگە 100 گىرام گۆشلۈك يېمەكلىك ئاز ئىستېمال قىلىنسا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %150 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇلاردىن سىرت، ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرنى دورىغا تايىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن. دوكلاتتا مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مېۋە- چىۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، داۋاملىق سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكى تەۋسىيە قىلىنغان. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، زادى نېمىنىڭ ساغلاملىق يېمەك- ئىچمىكى ئىكەنلىكى بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە ئالدىنى ئېلىش قىسمىدا بايان قىلىنىدۇ.
4) كەڭ قورساقلىق، دوستلۇق ۋە ئىناقلىق ساغلاملىققا پايدىلىق
چېقىمچىلىق، كەڭ قورساقلىق، تۇرمۇشتىكى ئىناقلىق ۋە ئەپۇچانلىق تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا تاجىسىمان ئارتېرىيە سپازمىسىنڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. باشقىلارنى ئەپۇ قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن زىيادە ھېسابلىشىپ كېتىش كىشىنى ئۇزاقتىن- ئۇزاق بىئارام قىلىدۇ. ھەتتا يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. باشقىلار ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، دوستانە ھەرىكەت ساغلاملىققا ياكى كېسەللىكىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ. باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۆزىنى روھىي جىددىيلىكتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ھەممىمىزنىڭ تەسىراتىمىز شۇكى، باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن ياكى بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن چېغىمىزدا شۇنچە يېنىكلەپ خۇشال بولۇپ كېتىمىز، بۇ خىل خۇشاللىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدۇ، جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق.
5) ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك
روھىي ئامىللار ياكى زىيادە چارچاشمۇ تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش رولىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كىشى ئۇزاق مۇددەت تەشۋىشلەنسە، بىئارام بولسا، ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ھەم قان تومۇرلىرى جىددىيلىشىپ، خولېستېرىن بىلەن ياغلار قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىۋېلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇقەررەر ھالدا ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىگە ئارىلاشمايدىغان، ھەممىدىن نەپرەتلىنپلا تۇرىدىغان، خورلۇق تۇيغۇسىدا يۈرىدىغان، تۇرمۇشى روھىي بېسىم ئىچىدە ئۆتىدىغان كىشىلەر ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. بىر مۇنچە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى روھىي يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېرۋا ۋە روھىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك رېئاكسىيەسى ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، روھىي جىددىيلىك ياكى جىددىي ئەقلىي ئەمگەكتىن كېيىن چوقۇم مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، زىيادە چارچاشنىڭ يۈرەككە يەتكۈزىدىغان زىيىنىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت داۋامىدا ئىشلەش بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر