جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بۇ 2 ئورۇندىكى ئاغرىقى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

  جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا نېمە ئۈچۈن جىگەر يوغىناش ۋە جىگەر ئورنى ئاغرىش پەيدا بولىدۇ
  نورمال جىگەرنىڭ نىسپىي بوغۇق تاۋۇش چىقىدىغان دائىرىسى، يۇقىرىدا ئوڭ تەرەپ ئوقۇرەك سۆڭەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بەشىنچى قوۋۇرغىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاستىدا ئاچبىقىنغىچە بولىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك ھالەتتە، ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ ياكى پەقەت گىرۋەكلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ھۈجەيرىلەر ئىششىپ ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە يوغىناپ كېتىدۇ، ئىششىغان جىگەر ھۈجەيرىلىرى شارغا ئوخشاش جىگەرنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىگەر ياللۇغى بولغان بىمارلارنىڭ جىگىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يوغىناپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. جىگەر ئورۇنلاشقان ئورۇننىڭ ئاغرىشىمۇ جىگەرنىڭ يوغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، جىگەرنىڭ قېپىغا سېزىش نېرۋىلىرى تارقالغان بولۇپ، جىگەر يوغىنىغاندا قاپتىكى نېرۋىلار سېلىش ياكى تارتىلىشتىن ئاغرىق پەيدا بولىدۇ، چىڭقىلىپ ياكى تېلىپ ئاغرىتىدۇ، ئادەتتە ئوڭ ئاچبېقىن ئاغرىيدۇ، بەزىدە توختىماي چىڭقىلىپ ئاغرىش ياكى سوزۇلۇش خاراكتېرلىك تېلىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئاساسەن جىگەرنىڭ جىددىي ئىششىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزىدە بېسىلغاندەك ياكى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. يەنە بەزى بىمارلارنىڭ جىگەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ئاغرىش بىلەن بىللە ئاغرىش ئوڭ مۈرىگىچە بارىدۇ. كۆپىنچىسى جىگەر يوغىناپ دىيافراگممىنىڭ نېرۋىلىرىنى غىدىقلىشىدىن ئاغرىتىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ تېلى يوغىناپ قالسا، سول تەرەپ ئاچبېقىن ياكى يۈرەك ئويمىنى تېلىپ ئاغرىتقاندەك بىلىنىدۇ.


جىگەرنىڭ يوغىناپ قېلىشى جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى ناتايىن
ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بولغان بىمارلارنىڭ جىگىرى ئىششىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، جىگىرى يوغىناپ قېلىش كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ ھەممىسى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن بولۇۋەرمەيدۇ. تەپسىلىي كىلىنىكىلىق ماتېرىياللار، ئىنچىكە قىلىنغان ئانالىزغا ئاساسەن، كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك. ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرمۇ جىگەرنى ئىششىتىپ قويىدۇ.
1. جىگەر، ئۆت سىستېمىسىنىڭ باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ:

① جىددىي خاراكتېرلىك يىرىڭلىق توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرلىك ئۆت يولى ياللۇغى: ئادەتتە جىگەرگە قان تولۇپ قېلىش ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىشتىن جىگەر يوغىناپ قالىدۇ. كىلىنىكىدا سوغۇقتىن قورقۇش ياكى تېنى جۇغۇلداش، قىزىش، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى ئاغرىش، توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرىدىكى سېرىق چۈشۈشنى يەنى « ئۈچ بىرلەشكەن ئالامەت » نى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارايدۇ. تەكشۈرۈشتە ئۆت خالتىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن بېسىلغاندا، نەپەس ئالغاندا روشەن ئاغرىتىدۇ. بۇ « مۇرفى ئالامىتى » مۇسبەت بولۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى، ئۆت يولى ياللۇغىدىنمۇ جىگەر يوغىناپ قېلىش ۋە ئوت تەرەپ ئاچبېقىن يوشۇرۇن ئاغرىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، ياغدىن سەسكىنىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنى يېتىشتۈرگەندە ئادەتتە مۇسبەت چىقىدۇ.

② باكتېرىيەلىنىشتىن جىگەر ئىششىپ قېلىش: بىماردا ئادەتتە تېنى جۇغۇلداش، قىزىتمىسى ئۆرلەش، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى مۈرىگىچە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قاندىكى ئاق ھۈجەيرىلەر كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلۈپ « يادرولۇق سولغا يۆتكىلىش » بىللە كېلىدۇ. قاننى يېتىلدۈرگەندە مۇسبەت چىقىدۇ.

③ جىگەر تۇبېركۇليۇزى : بىماردا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جىگەر يوغىناش بىلەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتەي تۇتۇلۇش، ئورۇقلاش، ئوغرى تەر، قان چۆكۈش تېزلىشىش قاتارلىق تۇبېركۇليۇزلۇق زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆپكىدە بىرلەمچى تۇبېركۇليۇزنىڭ كېسەللىك ئوچاقلىرى كۆرۈلىدۇ.

④ كېزىك خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى: كىلىنىكىدا توختىماي قىزىش، ھېچنېمە خۇشياقماسلىق ( سىرتقى غىدىقلىنىش، شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاس ئاستىلاپ كېتىش )، تېرە ھال رەڭ كېپەكلىشىش، تومۇر سوقۇش نىسپىي ئاستىلاپ قېلىش ( قىزىتمىسى يۇقىرىراق بولۇپ، تومۇر سوقۇشى بەكمۇ تېز بولمايدۇ ) ۋە جىگەر، تال يوغىناپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش بىللە كېلىدۇ. قان، يىلىك ياكى ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە تەرەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇلىدۇ.

⑤ بىروتسىليۇز باكتېرىيەسى خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى: ئادەتتە جىگەر يوغىناپ قالىدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپتا كۆرۈلىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى تىپىدىكىسى جىددىي خاراكتېرلىك سېرىق چۈشمەسلىك تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قىزىتىش دولقۇنسىمان بولۇپ كۆپ تەر چىقىدۇ، بوغۇملار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئىپادىسىنى تاپىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى تىپىدىكىسىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قىزىش، كېسەل ۋاقتى ئۇزاق بولىدۇ، بوغۇم ياللۇغى ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى ( ئاياللار تۇخۇمدان ياللۇغى، تۇخۇم يوللاش نەيچىسى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ) كۆرۈلىدۇ. جىگەر قېتىش تىپىدىكىسىدە قاپقا ۋېنانىڭ بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ھەرقايسى تىپ بىمارلىرىغا قان زەردابىدىكى بىروتسىليۇز تاياقچە باكتېرىيە ئۇيۇتۇش تەجرىبىسى، قان ياكى يىلىكنى يېيىشتۈرۈش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇلىدۇ.

⑥ يەنە ئىلمەك ئۇچلۇق سپروخىت كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق تاق يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى، جىگەر سىفلىسى، جىگەرنىڭ نۇر چاچقۇچى زەمبۇرۇغ كېسەللىكلىرىمۇ جىگەر يوغىناشنى پەيدا قىلىدۇ.


2.    پارازىت قۇرتلاردىن يۇقۇملىنىش :

① ئاميوبالىق جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى: جىگەر يوغىناپ قالىدۇ، ئوتتۇرھال قىزىش، جىگەر يوغىناپ باسسا ئاغرىتىدۇ، تېشىپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق يىرىڭ بولىدۇ ياكى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، ئەينەك بىلەن تەكشۈرگەندە توقۇلما ئېرىتكۈچى ئاميوبانى ئوزۇقلاندۇرغۇچى جىسىم كۆرۈنىدۇ.

② بەزگەك: بىمارنىڭ جىگىرى يوغىناپ ۋە دەۋرىيلىك تىترەپ، قىزىيدۇ، قاتتىق تەرلەيدۇ، بەزگەككە قارشى داۋالانغاندىن كېيىن جىگەر ئەسلىگە كېلىدۇ.

③ قان شورىغۇچى قۇرت كېسەللىكى: جىگەر شورىغۇچى قۇرت كېسەللىكى، جىگەر قاپلىق قۇرت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ جىگەر يوغىناپ قالىدۇ. بۇ كېسەللىكلەر يەرلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەردۇر.


3.    يۇقۇملانمىغان كېسەللىكلەر.

① جىگەردە قان ئۇيۇش: جىگەر يوغىناپ قېلىش، سوزۇلما ۋە قان تولۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى، جىگەرنىڭ ۋېنا قان تومۇرىدا قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش قاتارلىقلار.

② مېتابولىزم ( ماددا ئالمىشىش ) توسالغۇلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك كېسەللىك: جىگەر يوغىناش كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان جىگەرنى ماي قاپلاش، قان رەڭ كېسىلى، جىگەرنىڭ پۇرچاقسىمان يادرولۇق ئۆزگىرىشى، جىگەرنىڭ كىراخمالسىمان ئۆزگىرىشى، جىگەردە گىلىكوگېن يىغىلىش كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى، نېمانپىك كېسىلى قاتارلىقلار.

③ جىگەر ئۆسمىسى: مەسىلەن، بىرلەمچى خاراكتېرلىك راك، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق جىگەر كېسىلىدىمۇ جىگەر يوغىنايدۇ.

④ قان كېسىلى: ئاق قان كېسىلى، كۆپ قوزغىلىشچان يىلىك ئۆسمىسى، ئۇتتۇرايەر دېڭىزى خاراكتېرلىك قان ئازلىق، يامان سۈپەتلىك توقۇلما ھۈجەيرلىرى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار جىگەرنى يوغىنىتىپ قويىدۇ. ⑤ ئىممۇنىتېتلىق رېماتىزم كېسىلى: مەسىلەن، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرىچاقسىمۇ جىگەرنى يوغىنىتىپ قويىدۇ. ⑥ دورىدىن زەھەرلىنىش: ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دورا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىدىمۇ جىگەر يوغىناپ قالىدۇ.
    يىغىپ ئېيتقاندا، جىگەر يوغىناشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ، كېسەللىك سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ. جىگەر يوغىناپ قالسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر