راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى چوڭ بىر قانچە خىل كېسەللىك

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


1. تېرە ئۆزگىرىش. كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئايانكى، خالنىڭ ئۆزگىرىشى راكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا نورمال بولمىغان تېرە پىگمېنتاتسىيەگە دىققەت قىلىشى، تېرىدە تۇيۇقسىز قاناش ۋەياكى بېلىق قاسرىقى زىيادە كۆپ بولۇشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر قانچە ئۇزۇن داۋاملاشقاندا ئاندىن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ ؟ ئادەتتە بىر قانچە ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەندىلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

 

 

2.يېمەكلىكلەرنى يۇتۇش قىيىن بۇلۇش. پەقەت ئېقىشچان ياكى سۇيۇق-سەلەڭ تائاملارنى ئىستېمال قىلىدىغانلار، ھەزىم قىلىش يولى راكىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، كېكىردەك راكى، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.


 3.ئېغىز بوشلۇقى ئۆزگىرىشى. تاماكا چەككۈچىلەر ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئاق داغ ياكى تىلدىكى ئاق چېكىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇلار بەلكىم راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر بولىشى، بۇلار تەرەققىي قىلىپ ئېغىز بوشلۇقى راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

 

 

4.دائىرىلىك ئاغرىش. مەلۇم بىر ئورۇننىڭ داۋاملىق ئاغرىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرگىلى بولمىسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنىشى كېرەك.


5. لىمفا تۈگۈنى ئۆزگىرىشى. قولتۇق ئاستى ۋەياكى بويۇن قىسمىدا لىمفا تۈگۈنى ئىششىقى ئىششىپ چىقسا ياكى باشقا ئورۇنلاردا چىقىپ قالسا، دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇلۇپمۇ لىمفا تۈگۈنى ئۇدا بىر ئايدىن ئارتۇق ئىششىپ يوغىناپ كەتسە، ياللۇغلىنىش ياكى راك كېسىلىنى ساقىت قىلىش، سەۋەبىنى تاپالمىغاندا بىئوپسىيە قىلدۇرۇش كېرەك.

 6.ئورۇقلاش. ھازىرقى كىشىلەر ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما يېمەكلىك ئازايتماي ياكى تەنھەرىكەتنى كۈچەيتمەي تۇرۇپلا ئېغىرلىقى سەۋەبسىز تۆۋەنلىسە، بىر ئاي ئىچىدە 5 كىلوگرام ئۇرۇقلىسا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، دوختۇرغا كۆرۈنىشى لازىم. بەلكىم قالقان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلى بولىشى مۇمكىن، دوختۇر ئالدى بىلەن قالقان بەز ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر