چىش مىلىكىنىڭ 4 خىل رولى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

چىش مىلىكى تۈزۈلۈشى

چىش مىلىكى چىش نېرۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ چىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، چىشنىڭ چىش مىلىك بوشلۇقىغا جايلىشىپ بىر ياكى بىرنەچچە تال ئىنچىكە يىلتىز ئۇچى تۆشۈكچىسى ئارقىلىق چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە تۇتىشىدۇ. چىش مىلىك توقۇلمىسىنىڭ چىشنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى چىشنىڭ سېزىمچانلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ چىش ئەھلىي ماددىسىنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە سېزىمى چىش مىلىكىگە تايىنىپ تەمىنلىنىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ. چىش مىلىكى بولمىسا، چىش يىلىكىمۇ بولمايدۇ-دە، يىلىك ناھايىتى چۈرۈك ھەم ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.

 

چىش مىلىكى ھۈجەيرە، قان تومۇر ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردىن تۈزۈلىدۇ. چىش مىلىكىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ماددا چىش مىلىكى ھۈجەيرىسىدىن ئىبارەت.

چىش مىلىكىنىڭ ئەتراپى ناھايىتى قاتتىق توقۇلما بولۇپ، چىش مىلىكى ياللۇغلانغاندا قان ئۇيىدۇ، ئىششىيدۇ، سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن چىش مىلىك بوشلۇقىنىڭ بېسىمى تېز ئارتىپ، چىش مىلىكى نېرۋىسى قاتتىق ئاغرىيدۇ.

 

چىش مىلىكىنىڭ قانداق رولى بار؟

چىش مىلىكىنىڭ رولى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. چىش مىلىكى چىشلارغا ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

چىش مىلىكى قان تومۇرى ئادەتتە چىشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە يېتىلىپ چوڭىيىشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

2. چىش مىلىكى چىش ماددىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سىرتتىن زەخىملىنىش ياكى چىرىتىش خاراكتېرلىك كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تەسىرىدىن چىشنى چىرىتىپ زەخىملەندۈرسە، بۇ چاغدا چىش مىلىكى ئاكتىپ رول ئويناپ، ئىككىلەمچى چىش ئەسلىي ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينايدۇ.

چىش مىلىكىنىڭ ئىچىدە باكتېرىيەلەردىن مۇداپىئەلىنىش ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇ باكتېرىيەلەرنى يۇتۇۋېلىش ئارقىلىق چىشنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە چىش ئارىلىقلىرىدىكى غەيرىي ماددىلارنى يوقىتىپ چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.

4. سېزىمچانلىققا ئىگە.

چىش مىلىكىنىڭ ئىچىدىكى نېرۋا تالالار ئۈچ ئاچىماق نېرۋىغا تەۋە بولۇپ، بۇ نېرۋا تالالىرىنىڭ ھەممىسى چىشقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولغاچقا، چىش زەخىمگە ئۇچرىسا، بۇنىڭغا قارىتا سېزىمچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر