يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاشتىكى 3 خىل مەقسەت

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

1)  نورمال قان ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلاش ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش:

نورمال يۈرەكنىڭ ناھايىتى ياخشى كومپېنساتسىيەسى ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى بولىدۇ، يۈرەك سوقۇش رىتىمى تېزلىشىپ مىنۇتىغا 180 قېتىمغا يەتكەندىمۇ يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق ئاشىدۇ. ئەگەر يۈرەكتە كېسەللىك كۆرۈلۈپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولمىغان ۋاقىتلاردا، كومپېنساتسىيە ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى يوقىلىپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئازلايدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ ۋە قان ئايلىنىش توسۇلىدۇ.
2) كېسەللىكنى تۈگىتىش ياكى يېنىكلىتىش:

يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەردە يۈرەك سېلىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، يۈرەكنىڭ ئالدى قىسمى بىئارام بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيقۇ، خىزمەت، ئارام ئېلىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 


3) تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش:

يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدۇ. يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغىنى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر