قان بېسىمى داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 4 خىل ئامىل

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى قان بېسىمىنىڭ زىيادە ئۆرلىشى ياكى تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ، ناچار ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ھەممەيلەن قان بېسىمى داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ۋاقتىنى بىلىشى لازىم.
(1) قان بېسىمىنىڭ ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغدىكى داۋالغۇشى:

ھەر قانداق ئادەم ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغىنپلا، قان بېسىمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە داۋالغۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي پائالىيىتىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ۋەھالەنكى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق كىشىلەر ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا ئورنىدىن تۇرۇشقا ئالدىرىماي، بەلكى بىرقانچە مىنۇت جىم ياتقاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ پائالىيەت قىلىشى لازىم.


(2) قان بېسىمىنىڭ ئورۇن خاراكتېرلىك داۋالغۇشى:

تۇرمۇشتا نۇرغۇن يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ھاجەتخانىدا قوزغىلىپ قېلىش ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ھالەتتىن تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا ئايلىنىپ يىقىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىدا تۇيۇقسىز كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىدىندۇر. 


(3) قان بېسىمىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تۈپەيلىدىن داۋالغۇشى:
ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېگەن يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە يۇقىرى بولسا، قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە روشەن بولىدۇ؛ تاماق يېيىش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى شۇنچە زور بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ئاچ قورساق چاغدا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. تۇرمۇشتا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىشكە تېگىشلىك ھەمدە ئامال قىلىپ قان بېسىمى داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئىشلاردۇر.


(4)  كەيپىيات قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:

خۇشاللىنىش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش، مەيۈسلىنىش، ھەسرەتلىنىش، قورقۇش، چۆچۈش جۇڭگو تېبابىتىدە « يەتتە كەيپىيات » دەپ ئاتىلىدۇ. يەتتە كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى قان بېسىمى داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. كۆپ ھاللاردا كىشىلەر ئاچچىقلىنىپ ئالدىرىغان چاغدا ياكى زىيادە ھاياجانلانغان چاغدا قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ئاسان يۈز بېرىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. قان بېسىمى داۋالغۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم تەرتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر