ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ساغلاملىققا كەلتۈرىدىغان زىيىنى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى تەكرار قوزغىلىدىغان، قوزغالغاندا بىماردا يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ۋە دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ دەسلىپىدە بىمارنىڭ دېمى سىقىلمىغاچقا، بىپەرۋالىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ تاماكا چېكىدىغان بىمارلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك ئالامىتىنى تاماكا چېكىشتىن بولغان ئالامەتلەر دەپ قاراپ، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنى باشلىنىشىدىلا ئۈزۈل- كېسىل داۋالاتمايدۇ.

 

ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا ساقىيىپ كېتىدۇ ياكى بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كىلىنىكىدىكى ئىپادىسى، بىمارنىڭ ساغلاملىق كۆز قارىشى، تۇرمۇش شارائىتى، تازىلىق ئادىتى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى، « ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى» تەرەققىي قىلىپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا ئۆزگەرگەن. بۇ چاغدا كېسەللىكنى داۋالاش بىرقەدەر قىيىن بولۇپ، پەقەت دورا ئارقىلىق بىمارنىڭ يۆتىلىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكىلا بولىدۇ. ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى كېسەللىكى ئېنىقلانغانلىقىغا 15 ~ 10 يىلغىچە بولغان بىمارنىڭ %50 نىڭ كېسىلى تەرەققىي قىلىپ ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، ھەتتا ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە ئۆزگەرگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا بىمارنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلاشقانلىقتىن داۋاملىق بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشمىگەن شارائىتتا، شەھەردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى زور كۆپچىلىك دېھقانلار ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا قايتا- قايتا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. نەپەس يولى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ بالنىستتا قايتا- قايتا داۋالىنىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازابلاپلا قالماي، دوختۇرلارنى ئۆكۈندۈرىدۇ. بۇ چاغدا، بىمارنىڭ ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاچقا، بىمارغا نىسبەتەن كەسىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق، ئائىلىگە بولغان مەجبۇرىيەت دېگەنلەردىن سۆز ئېچىشنىڭ ئاللىبۇرۇن زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر