قانداق ئادەملەر سۈت بېزى راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


1. ھەيز ئەھۋالى- تۇنجى ھەيز بالدۇر كېلىپ، ھەيزنىڭ تەبىئىي كېسىلىشى كېيىنگە سۈرۈلگەن ئاياللار سۈت بېزى راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
نۇرغۇن تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تۇنجى ھەيز كېلىش يېشى كىچىك بولۇپ، ھەيزنىڭ تەبىئىي كېسىلىش ۋاقتى كېچىكىش، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ خەتەرلىك ئامىلى ئىكەن.
مەملىكىتىمىز ئاياللىرىنىڭ دەسلەپكى ھەيز كېلىش يېشى ياۋروپا ئاياللىرىغا قارىغاندا كېيىنرەك بولىدۇ. بۇرۇن مەملىكىتىمىزنىڭ يېزا ئاياللىرى 18 ~ 17 ياشلاردا تۇنجى ھەيز كۆرەتتى. ئامېرىكىدا 13 ~ 12 ياشتا كۆرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە، ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېتىلىشى تېزلىشىپ، تۇنجى ھەيز كۆرۈش يېشى 13 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 17 ياشتىن كېيىن تۇنجى ھەيز كۆرگەنلەرگە قارىغاندا 2.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش ھەيز كېسىلىش يېشىنىڭ كېيىن بولۇشى سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 55 ياشتىن كېيىن ھەيز كېسىلگەنلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى، 45 ياشتىن بۇرۇن ھەيز كېسىلگەنلەرگە قارىغاندا 2.5 ھەسسە؛ 35 ياشتىن ئىلگىرى ھەيز كېسىلگەنلەردىن 5 ~ 3 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن. 40 يىلدىن ئارتۇق ھەيز كۆرگەنلەرنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 30 يىلدىن تۆۋەن ھەيز كۆرگەنلەرگە قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئەمچەكنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئانىلىق ھورموننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ھەيزنىڭ دەۋرىيلىك ئارىلىقى قىسقا بولىدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ ئادەتتە دەۋرىيلىكى 28 كۈن، مەملىكىتىمىز ئاياللىرىنىڭ 30 كۈن بولىدۇ. بۇ ئىككى كۈن ئاساسەن ھەيز مەزگىلىدىكى تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك، ئەمچەكنىڭ ئانىلىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى ئازراق بولىدۇ.


2. تۇغۇت تارىخى- توي قىلمىغان، تۇغمىغان ۋە بىرىنچى تۇغۇتتىكى يېشى چوڭ بولۇش سۈت بېزى راكىنى ئاسان پەيدا قىلىدىغان ئامىلدۇر.
چەت ئەلنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، تۇغماسلىق ۋە تۇنجى تۇغۇتتىكى يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىشتىكى ئامىل ئىكەن. يۇقىرىدا مەن ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى ئۈستىدە توختالغاندا ھامىلىدار بولۇپ، بالا ئېمىتىش باسقۇچىغا يەتكەندە، ئەمچەكنىڭ ھەقىقىي تۈردە يېتىلىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەمچەك ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. تۇغمىغان ئاياللارنى تۇغقان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.4 بولسا، تۇنجى تۇغۇتى 35 ياشتىن كېيىن بولغانلارنىڭ خەۋپى تىللىغانلاردىن يۇقىرى بولۇپ، 19~18 ياشلىق، يەنى توققۇز ئاي تولۇق قورساق كۆتۈرگەن ئاياللاردىن ئىككى ~ بەش ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بالدۇر ھەمدە كۆپ تۇغسا ئەمچەكنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدىكەن. بۇ بەلكىم تۇنجى قېتىمدا توققۇز ئاي تولۇق قورساق كۆتۈرۈشنىڭ سۈت بېزى ھۈجەيرە ( سۈت نەيچىسى ئېپىتېلىيەسى بىلەن بەز پۈۋەكچىسى ئېپتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) لىرىنڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىدىك پارچىلىشىنى پەيدا قىلغانلىقىدىن راكنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئەمچەككە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.


3. بالا ئېمىتىش تارىخى - بالا ئېمىتمىگەن ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
ئېمىتىش بىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر ئېمىتىشنىڭ سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ، لېكىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، ئۇزۇن مۇددەت بالا ئېمىتىشنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بالا ئېمىتىش تۇغۇتتىن كېيىنكى ھەيزنى كېچىكتۈرىدۇ. ئىلگىرى ئاياللار ھەتتا بالا ئېمىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىناتتى، بۇ بەلكىم تۇغۇتتىن كېيىنكى بالا ئېمىتىشنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىش، ھەيز كۆرۈش دەۋرىنى كىچىكتۈرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ھەيز كەلمىگەن مەزگىلدىكى ھورمۇن ( بولۇپمۇ ئانىلىق ھورمۇن ) نىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، كىلىنىكىدا بالا ئېمىتمىگەن ئايالنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۆپ بولىدۇ.
بالا ئېمىتىش ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتى بالىنىڭ ئېسى يېمەكلىكى بولغاچقا، پەرزەنتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر