سەكتىنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى

سەكتە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسەللىكى قاتارلىقلار بىلەن بىللە قوزغىلىدۇ ياكى يۇقىرىقى كېسەللىكلەردىن كېيىن قوزغىلىدۇ. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئىلمىي ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق سەكتە كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. سەكتە كېسەللىكىگە نىسبەتەن بىز يەنىلا ئاۋۋال ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ سەكتىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


سەكتىنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى
سەكتە كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل سوزۇلما پاتولوگىيەلىك جەريان بولغاچقا، ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى بىلەن پاتولوگىيەسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا ئىچكى ئامىلمۇ، تاشقى ئامىلمۇ بار. ئىچكى ئامىل ئادەم تېنىدە يۈز بەرگەن بەزى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەلۇم ئاساسلىق كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەكتىنىڭ ئىچكى ئامىلى ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچىسى، مېڭە قان تومۇر دىۋارىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈز بېرىشى، مەسىلەن، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى، ئارتېرىيە ياللۇغى، مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى قاتارلىقلار؛

ئىككىنچىسى، قان ئېقىنىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرى قان بېسىمى، تۆۋەن قان بېسىمى، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى؛

ئۈچىنچىسى، قان تەركىبىدىكى ئۆزگىرىش، مەسىلەن، ئاق قان كېسەللىكى، قاناشقا مايىللىق كېسەللىكى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان تەركىبنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىچكى ئامىل سەكتىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئامىلىدىن باشقا سەۋەبلەر بولۇپ، تاشقى جاراھەت، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللار، شۇنداقلا ياش، ئىرسىيەت ئامىلى، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى- تاشقى ئامىل تەل بولسىمۇ سەكتە يەنىلا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئۇنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار، يەنى زىيادە ھارغىنلىق، بەك كۈچەپ كېتىش، كەيپىياتى جىددىيلىشىش، بەك سەمرىپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولۇشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر