دېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
1. قېرىلىق دېۋەڭلىكى: بۇ ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى مېڭىنىڭ قېرىشى، مېڭە يىگلەش، ھەتتا پۈتۈن مېڭە يىگلەش ( ماڭلاي، چېكە، تۆپە، گەجگە بۆلىكى قاتارلىقلار ) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا سىممېتىرىك بولمىغان يىگلەش بىلەنمۇ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن، ئايرىملىرى چەكلىك ئوچاقلىق يىگلەش، يەنى ماڭلاي، چېكە بۆلىكىدە مېڭە ھەجمى كىچىكلەش، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، مېڭە قان ئېقىمىمۇ روشەن ئازىيىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بولۇپمۇ 60 ياشتىن ئاشقانلاردا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېڭىدىكى يىگلەش تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى تەبىئىي ھالدا زەئىپلىشىپ، مىقدارى ئازىيىدۇ. مېڭە يىگلەش ھەم مېڭە قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىش دەرىجىسى دېۋەڭلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ مېڭىسىنى پاتو-ھىستوگىيەلىك تەكشۈرگەندە ئىككى ئالاھىدە ئۆزگىرىش، يەنى قېرىلىق دېغى ۋە نېۋرون تالالىق تۈگۈنىدىن سىرت، يەنە دانىچىلىك ( بوش پۈۋەكچە ) ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، تەكشىلىك تەنچىسى، نېۋرونلار ئازىيىدۇ، نېرۋا ھۈجەيرە ئوقى تۇتامى ھەم ئۆسۈكچىلەر تېگىشمىسى نورمالسىزلىشىدۇ. قېرىلىق دېغى ئەمەلىيەتتە بىر خىل بىنورمال ئاقسىلنىڭ نېۋرون ئەتراپىغا چۆكۈپ، نېرۋا ياللۇغى دېغىنى شەكىللەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. نېرۋا مەنبەلىك تالالىق تۈگۈن بولسا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇششاق تۈزۈلمىلەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن تىزىلىش ھالىتىدىكى نورمالسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. نېرۋا ياللۇغى دېغى نېرۋا مەنبەلىك تالالىق تۈگۈننىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نېۋرون ئازىيىش، خولىن ئىقتىدارلىق قوبۇل قىلغۇچى تەنچە كەمتۈكلۈكى، زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا، مەركىزىي نېرۋا خولىن ئىقتىدارلىق سىستېمىسى ئۆگىنىش، ئەستە تۇتۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاتسېتىل خولىن ئۆگىنىش، ئەستە تۇتۇشلارنى ئىلگىرى سۈرگۈچى نېرۋا توشۇغۇچى ماددىسى ھېسابلىنىدۇ، بىراق دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولغان بىمارلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە، نېرۋا ئىمپۇلسى يەتكۈزۈش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاتسېتىل خولىن ئىقتىدارلىق نېرۋا سىستېمىسىدا چېكىنىش پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئاتسېتىل خولىن ئىقتىدارلىق نېۋروننىڭ چېكىنىشى دېۋەڭلىكنىڭ مۇھىم پاتولوگىيەلىك ئامىلىدۇر.


2. قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىك:  ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى مېڭە توسۇلۇش، مېڭە سەكتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ، مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە نوكچىسى، مېڭە قاناش، ئۆمۈچۈكسىمان تور پەردە ئاستى قاناش قاتارلىق مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان مېڭە زەخىملىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىنىكىدا مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە نوكچىسى تومتاقلا مېڭە تىقىلمىسى ياكى مېڭە نوكچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەل يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم بىمارلاردا مېڭە زەخىملىنىش ئېغىر بولۇش تۈپەيلىدىن دېۋەڭلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل دېۋەڭلىك يەنە مېڭە سەكتىسىدىن كېيىنكى دېۋەڭلىك ياكى مېڭە توسۇلۇش خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈرلۈك دېۋەڭلىكتۇر. ئەمما، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېۋەڭلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ناتايىن. ئومۇمەن، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى كۆپ تەكرارلىنىپ، مېڭىنىڭ بىرقانچە رايونلىرىدىكى مېڭە توقۇلمىسى زەخىملەنگەندىن كېيىنلا دېۋەڭلىك كېلىپ چىقىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپ ئورۇندا توسۇلۇش ۋە بوشلۇق خاراكتېرىدىكى توسۇلۇش يۈز بەرگەن بىمارلاردا دېۋەڭلىك ئوڭاي پەيدا بولىدۇ. ۋاھالەنكى، ئاز ساندىكى كىشىلەردە مېڭە تىقىلمىسى بىر قېتىملا يۈز بەرگەندىن كېيىن دېۋەڭلىك پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ بىر قېتىملىق مېڭە تىقىلمىسى تونۇش-بىلىش فۇنكسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆڭچە مېڭە، مۈڭگۈز بۈدۈرىسى، قۇيرۇقسىمان يادرو ھەمدە چېكە بۆلىكى ئىچكى يۈزى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئاشۇ جايلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ئىچكى ئالاھىدە نېرۋا ئالاقە يولى زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، دۆڭچە مېڭە بىلەن پوستلاق ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق پەيدا بولۇپ، دېۋەڭلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئاشۇ خىل بىر قېتىملىق مېڭە سەيلىسىدە مۇھىم مېڭە قۇرۇلمىسى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان دېۋەڭلىكنىڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى « جانغا زامىن تىقىلما » دەپ ئاتايدۇ. ئومۇمەن، دېۋەڭلىكنىڭ پەيدا بولۇشى قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىمگە ئۇچرىغان مېڭە ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زەخىملىنىش ھەجمى مېڭىنىڭ كومپېنساتسىيەلىك ( ئورۇن بېسىش ) ئىقتىدارىدىن زور مىقداردا ئېشىپ كەتكەندە، چوڭ مېڭە فۇنكسىيەسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىك ئالامەتلىرىدىن بىلىش-تونۇش فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش، ھاڭۋاقتىلىق، خامۇشلۇق، چىرايى سۆرۈن بولۇش ۋە مىجەز-خۇلقى ئۆزگىرىش، ھەرىكىتى ئاستا بولۇش قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ.


3. پىك كېسەللىكى: ئاساسلىقى ماڭلاي، چېكە بۆلىكى سىممېتىرىك بولمىغان ھالدا يىگلەيدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئالاقە قىلىش تەس بولۇش، خۇشاللىنىش ياكى ھەسرەتلىنىش، چىراي ئىپادىسى سۇس بولۇش، تەشۋىشلىنىش، ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق تەرەققىي قىلىشچان دېۋەڭلىكنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، مەزكۇر كېسەل ماڭلاي، چېكە خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن قېرىلىق دېۋەڭلىكى دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ، بىراق ئۇنىڭدا قېرىلىق دېغى ۋە نېرۋا مەنبەلىك تالالىق تۈگۈنى قاتارلىق پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ.


4.  پاركىنسون كېسەللىكىدىن بولغان دېۋەڭلىك: بۇ ئاساسلىقى پوستلاق سىزىقسىمان تەنچىنىڭ ئۆزگىرىشى، پىرامىدا سىرتقى سىستېمىسىنىڭ قېرىشى، مېڭە يىگلەش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىزىقسىمان تەنچە، قارا ماددا، كۆك داغ، ئاداشقان نېرۋا دۈمبە يادورسى قاتارلىق جايلاردىكى نېۋرونلار ئازىيىپ، ماڭلاي، چېكە قىسمى بىلەن سىزىقسىمان تەنچە ئارىلىقىدىكى يەتكۈزگۈچى يول زەخىملىنىدۇ. كىلىنىكىدا ئىختىيارسىز تىترەش، مۇسكۇللار قېتىپ قېلىش، ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش كۆرۈلگەندىن سىرت، دائىم ئەقلىي ئىقتىدارى ئۆزگىرىش ۋە ئەستە تۇتۇشى ناچارلىشىش، سۆزلىمەسلىك، ھاڭۋاقتىلىق، تەپەككۇرى قىيىنلىشىش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ئېغىرلاردا ئادەم تونۇماسلىق، ئىشلەتكەن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۇقماسلىق، جىمىغۇرلۇق قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.


5. پوستلاق ئاستى ئارتېرىيە قېتىش مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكى: مەزكۇر كېسەللىك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە ئاتېرىيەسى قېتىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە پوستلاق ئاستى ئاق ماددىسى ئۇششاق قان تومۇرلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۇلۇن غىلىپى ئاجراپ كېتىش خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ ئېغىرلىشىدۇ. CT ياكى MRI  دا تەكشۈرگەندە، مېڭە قېرىنچە ئەتراپىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى ئاق ماددا چوڭ ياپىلاقسىمان بىنورمال سىگنال بېرىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، مېڭە قېرىنچىسى كېڭىيىش ھەم مېڭە يىگلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ھەمىشە مېڭە بوشلۇقى مەنبەلىك تىقىلما قوشۇلۇپ كېلىدۇ.


6. ئىسپىرت مەنبەلىك دېۋەڭلىك: ئۇزاق ۋاقىت ھاراق ئىچىش ياكى ھاراقكەشلىك تارىخى بولىدۇ، بولۇپمۇ كۆپ مىقداردا يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن پەيدىنپەي مېڭە يىگلەش، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە يىگلەش، قاداق تەنچە ئۆزگىرىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. كىلىنىكىدا قوزغىلىش، تىترەش، ئاقساپ مېڭىش، ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش، گەپ-سۆزى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلاردىن سىرت، يەنە تونۇش-بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، خاتىرىسى چېكىنىش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ھاڭۋاقتىلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئىسپىرت مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكى ياكى ئىسپىرت مەنبەلىك دېۋەڭلىك دەپ ئاتىلىدۇ.


7.  تاشقى زەخىملىنىش مەنبەلىك دېۋەڭلىك: بۇنىڭدا مېڭە ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، باش سۆڭىكى ئىچىدىكى قانلىق ئىششىق ياكى قاتتىق پەردە سىرتى، قاتتىق پەردە ئاستى قانلىق ئىششىقى قاتارلىق مېڭىنىڭ بىر قېتىملىق تاشقى زەخىملىنىشىدىن كېيىن دېۋەڭلىك ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ، مېڭىنىڭ كۆپ قېتىم تاشقى زەخىملىنىشى ياكى مېڭە سىلكىنىشىدىن كېيىنمۇ تاشقى زەخىملىنىش مەنبەلىك دېۋەڭلىك كۆرۈلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر