ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

ئادەم ئورگانىزمىدىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى كۆپ. ئادەتتە ئۇ دانچىلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە زىچلىقىغا ئاساسەن خىلۇس مىكرو دانچىلىرى ( CM)، زىيادە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى (VLDL )، ئوتتۇرھال زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( IDL)، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( LDL)، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( HDL) قاتارلىق بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ.

 

بۇلار رەت تەرتىپى بويىچە، دانچىلىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ، زىچلىقى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بارىدۇ. بۇ بەش خىل ياغ ئاقسىلى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، خىلۇس مىكرو دانچىلىرى تەركىبىدە ئاساسلىقى ترى گىلىتسېرىد بولىدۇ، ئۇنىڭ دانچىلىرى چوڭراق بولۇپ، ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئىچىگە ئاسانلىقچە كىرەلمىگەچكە، ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىدىكى خەتەرلىك ئامىل ھېسابلانمايدۇ. بىراق، ئۇ ئاسانلا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇڭلاشقا، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. نورمال تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلىنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش رولى بولمايدۇ، بىراق قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى، دىيابېت كېسەللىكى، شۇنداقلا جەمەت خاراكتېرلىك ئارىلاشما تىپلىق قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكلىرىدە ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى پەيدا قىلىش تەسىرى بولىدۇ.

 

ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( LDL) نىڭ بارلىق ياغ ئاقسىللىرى ئىچىدە ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياغ ئاقسىلى، يەنى بىر خىل « يامان » ياغ ئاقسىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يۇقىرىقى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( HDL) ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسمان قېتىشىغا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇنداقلا ئۇ تاجىسىمان باكتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئامىل، يەنى« ياخشى » ياغ ئاقسىلىدۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىجىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى يامراش خارا
  • ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتىئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. يۆتەل: يۆتىلىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت بولۇپ، دەسلەپتە بىمار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئارىلاپ يېنىك يۆتىلىدۇ. يۆتەل ئا
  • سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكىسېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 14- دۇنيا دىيابېت كېسەللىكى كۈنى بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى دىيابېت كېسەللىكى ۋە سېمىزلىك ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى
  • ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتىياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئادەم ئورگانىزمىدىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى كۆپ. ئادەتتە ئۇ دانچىلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە زىچلىقىغا ئاساسەن خىلۇس مىكرو دانچىلىرى ( CM)، زىيادە تۆۋەن
  • دېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرىدېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1 . قېرىلىق دېۋەڭلىكى: بۇ ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى مېڭىنىڭ قېرىشى، مېڭە يىگلەش، ھەتتا پۈتۈن مېڭە ي