سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

2004-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 14- « دۇنيا دىيابېت كېسەللىكى كۈنى » بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى « دىيابېت كېسەللىكى ۋە سېمىزلىك » ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، سېمىزلىك ياكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى. گەرچە سېمىزلىك دىيابېت كېسىلى بولۇش بىلەن باراۋەر بولمىسىمۇ، ئەمما سېمىز كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر زور بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ %80 ~ %60 ى كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. سېمىزلىك دەرىجىسى دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئومۇمىي قانۇنىيەت بولۇپ قالدى.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئادەم سەمرىگەن چاغدا بەدەندىكى ماي ھۈجەيرە پەردىسى ۋە مۇسكۇل ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ئىنسۇلىن ئاكسىپتورىنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىدۇ، بەدەننىڭ ئىنسۇلىن بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سېزىمچانلىقى ئاجىزلايدۇ. بۇلاردىن شېكەردىن پايدىلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىقىپ، قان شېكىرى ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
زىيادە سېمىزلىكنىڭ خەۋپى شۇ يەردىكى، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشقانسېرى بەدەن تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىننىڭ بەدەندىكى قان شېكىرىنىڭ نورمال سەۋىيەسىنى ساقلىشىغا موھتاج بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىننى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. مەركەز خاراكتېرلىك سەمرىشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، بۇ بەل ئايلانمىسى بىلەن ساغرا ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى 0.90 دىن چوڭ بولغان بىر خىل سېمىزلىكتۇر. بۇ خىل سېمىزلىكتە ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەستىن، ھەجمى يوغىنايدۇ. بۇ خىل يوغىنىغان ماي ھۈجەيرىسىدىكى ئىنسۇلىن ئاكسىپتورىنىڭ سانى ئازىيىپ، ئاسانلا ئىنسۇلىنغا قارشىلىق پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر.
ئاساسلىق تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، جىسمانىي پائالىيەت تەدرىجىي ئازايغان چاغدا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇل بىلەن ماينىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. 25 ياشتىن 75 ياشقىچە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى تەدرىجىي ئازىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %47 ىنى ئىگىلەشتىن %36 ىنى ئىگىلەشكە چۈشىدۇ. ماي بولسا %20 تىن ئېشىپ، %36 كە يېتىدۇ. مانا بۇ ياشانغانلار، بولۇپمۇ سېمىز تېنىدە ماي كۆپ ياشانغانلاردا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ روشەن ھالدا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئۆگىنىۋالدى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكىتىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشى، ئىسسىقلىق مىقدارى، ماي ۋە ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، تالا مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ يېيىشى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە سېمىزلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇۋەتتى. ۋەھالەنكى، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن سېمىزلىك بىر جۈپ « قوشكېزەك » بولۇپ، بۇ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى، يەنى Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ %90 ى سېمىزلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن روشەن يۇقىرى بولىدۇ.



ئۇنداق بولسا، قايسى خىل ناچار تۇرمۇش ئۇسۇللىرى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ؟
1) ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سېمىزلىك فىزىيولوگىيەلىك سېمىزلىكتىن باشقا، قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، ھەرىكەتنىڭ يېتەرسىز بولۇشى نەتىجىسىدە، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ماي ھۈجەيرىسى شەكلىدە تېرە ئاستى ماي قەۋىتىدە ساقلىنىپ تەدرىجىي توپلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇن نوقۇل سېمىزلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەك ئامىلى، بولۇپمۇ ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سېمىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي سەۋەبتۇر.
 زىيادە تېز يېيىش. يېيىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ، يېتەرلىك چاينىماي يۇتقاندا، يېمەكلىك تولۇق چاينالماي قېلىپ ئوزۇق بوتقىسىغا ئايلىنالمايدۇ-دە، ئاشقازان دىۋارىغا چاپلىشىپ قالىدۇ؛ شۇڭا، بەزىلەر بىرمۇنچە نەرسە يېسىمۇ يەنىلا ئاچلىق ھېس قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، چايناش ۋاقتى بەك قىسقا بولغانلىقتىن، ئاداشقان نېرۋىلار يەنىلا زىيادە قوزغىلىش ئىچىدە بولۇپ، ئىشتىھانىڭ يەنىمۇ ئېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، زىيادە تېز يېگەنلىكتىن قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆرلەپ، چوڭ مېڭىدىكى ئىشتىھا نېرۋا مەركىزى يېيىشنى توختىتىش سىگنالىنى چىقارغان چاغدا، كۆپ ھاللاردا زىيادە كۆپ يېمەكلىك يېيىلىپ بولغان بولىدۇ.
 ② ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. بەزى سېمىزلەر، بولۇپمۇ سېمىز بالىلار ۋە ياش سېمىز ئاياللار ئۈچ ۋاخلىق تاماقنى كۆپ يېمىسىمۇ، ئەمما دائىم ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ، ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان يېمەكلىكنىڭ ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى نورمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش نەتىجىسىدە سەمرىپ كېتىدۇ.
 ③ ناشتا قىلماسلىق. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۈنى ئالدىراش ئىشلەش بىلەن ئۆتىدۇ. بەزىلەر « ۋاقىتنى تېجەش » ئۈچۈن، ھەتتا ناشتا قىلىش ۋاقتىنىمۇ ئىقتىساد قىلىۋېتىدۇ؛ يەنە بەزى ئاياللار زىلۋا قامىتىنى ساقلاش ئۈچۈن « ئاچلىقتا ئورۇقلاش ئۇسۇلى » نى قوللىنىپ، ناشتا قىلماسلىق ياكى ناشتىدا ئاز يېيىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
ناشتا قىلماسلىقتىن ئىبارەت تۇرمۇش ئادىتىمۇ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ناشتا قىلمىغاندا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىكى ئاچ قورساقلىق سېزىمى كۈچىيىپ، يېمەكلىكنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى تېزلىشىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ناشتا قىلمىغان ياشلارنىڭ %14 ىدە چۈشتىن ئىلگىرى سائەت توققۇزدىن كېيىن ئاچلىق سېزىمى باشلىنىدۇ، %72.5 كىشىلەردە سائەت ئوندىن كېيىن ئاچلىق سېزىمى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ زور دەرىجىگە يېتىدۇ-دە، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلالمايدۇ. پۈتكۈل چۈشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا، بەدەننىڭ ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش مۇھاپىزەت فۇنكسىيەسى كۈچىيىپ، مول چۈشلۈك تاماق ناھايىتى تېز سۈمۈرۈلۈپ مايغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سەمرىپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىيىنى ناھايىتى كۆپ چەت ئەلدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا تەتقىقاتنى قوبۇل قىلغان 7000 نەپەر ئەر-ئايال ئوبيېكت ئىچىدە، ناشتا قىلماسلىققا ئادەتلەنگەن كىشىلەردىن ئۇزۇن ياشىغانلارنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ھالبۇكى، يەنە بىر ئۇنىۋېرسىتېت 90 ~ 80 ياشلىق ياشانغانلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا، ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئورتاق سەۋەبىنىڭ ھەر كۈنى بىر ۋاخ تولۇق ناشتا قىلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
„ ئىشتىھا قىسمەن تۇتۇلۇش، يەنى تاماق تاللاش. بۇ ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەڭپۇڭ بولماسلىققا ئېلىپ بېرىپ، بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار كەمچىل بولسا ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ. چۈنكى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ماينى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ. ۋەھالەنكى  گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب يېمەكلىكنى زىيادە جەۋھەرلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرى يەۋاتقان گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلار بارغانسېرى جەۋھەرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئادەتتىكى قارا ئاشلىقنى ناھايىتى ئاز يەيدۇ، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىمۇ يېتەرسىز.


2) يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى سېمىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىزنىڭ ئوزۇقلۇقىمىز ئاساسەن كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، ماي ۋە ئاقسىلدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ۋە تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنىڭ نىسبىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش بولۇپ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر يېمەكلىك قۇرۇلمىسى ئۇزاق مۇددەت نامۇۋاپىق بولسا، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىپ، دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان نامۇۋاپىق يېمەكلىك قۇرۇلمىسى كۆپىنچە تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
 ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلق تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولماقتا. پۇلى كۆپەيگەن كىشىلەر تېخىمۇ « ياخشى » يېيىشكە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، « مەززىلىك بولۇش، پەيزى قىلىش» نى قوغلىشىپ، ئۆسۈملۈك يېمەكلىكلىرىنى ئاساس قىلىشتىن بارا-بارا ھايۋانات يېمەكلىكلىرىنى ئاساس قىلىشقا ئۆتتى. يەيدىغان يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، كىشىلەر ھەر خىل تەملىك يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئارتۇقچە قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى ئوزۇقلۇقنىڭ، شۇنىڭدەك ئېشىپ كەتكەن ئوزۇقلۇقنىڭ دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ماي تەركىبى يۇقىرى، ئاقسىل كۆپ، يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلغان غەربلىكلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، تالاسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلغان ھەمدە جىسمانىي پائالىيىتى بىرقەدەر كۆپ بولغان مىللەتلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئېلىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نىڭ شيادا خۇيزۇلارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يەرلىك خەنزولارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەن. بۇ بەلكىم خۇيزۇلارنىڭ كالا، قوي گۆشى يېيىشنى ئاساس قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشقا بولغان تەسىرى ئىنتايىن روشەن بولىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يېمەكلىكى بارغانسېرى تۈجۈپىلەپ ئىشلىنىپ، يېمكلىكتىكى ماي تەركىبى يۇقىرىلاپ، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى ( گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلار ) ۋە تالا ( كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلار ) تەركىبى تۆۋەنلىمەكتە. يېمەكلىكنىڭ زىيادە جەۋھەرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىنىشى، تاماقتا تالانىڭ قوبۇل قىلىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سەۋەبتۇر.
② كەچلىك تاماقنىڭ بەك مول بولۇشى. نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتا ۋە چۈشلۈك تاماقنى ئاددىي يېيىشكە ئادەتلەنگەن، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، كەڭ-كۇشادە ئولتۇرۇپ، تاماق جوزىسىنى توخۇ، ئۆردەك. بېلىق گۆشلىرى ۋە تۇخۇم، ھەر خىل قورۇمىلار قاتارلىق رەڭگارەڭ-رەڭ، مول ۋە مەززىلىك تائاملار بىلەن توشقۇزۇۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەتلا ئىلمىي ئەمەس. چۈنكى، ئوزۇقلۇق بەدەندە ھەزىم بولغاندىن كېيىن، بىر قىسمى قانغا كىرىپ قاندىكى ماينى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، كەچقۇرۇنلۇقى قان تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن مىقدارى ئۆرلەپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئىنسۇلىن قان شېكىرىنى مايغا ئايلاندۇرۇپ، ئارتۇقچە ماي قان تومۇر دىۋارى ۋە قورساق تېرىسى ئاستىغا يىغىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئادەم مول كەچلىك تاماقنى يەۋېرىپ، تېنى بارغانسېرى « تولىدۇ ».
③ شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش. بۇرۇن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ماي سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسىي ئامىل، دەپ قارايتتى. ئەمەلىيەتتە، ماي تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەندە ماينىڭ بىرىكىپ ھاسىل بولۇشىنى ئۇنداق تېز ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى ماي پارچىلانغاندا پەيدا بولغان گىلىتسېرىن تېخى ماينىڭ زاپاس ساقلىنىپ يىغىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئەمما، شېكەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە ماينىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان فېرمېنتلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ۋە ماينىڭ بىرىكىپ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماي يىغىلىپ، ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ.
„ تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر. ئېلىمىزدە ئەزەلدىن تائامنىڭ « رەڭگى، پۇرىقى، تەمى تولۇق بولۇش » قا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بەزى تەمى خۇش پۇراق يېمەكلىكلەر كۆپىنچە بىر قەدەر تۇزلۇق كېلىدۇ. ئەگەر تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بەك كۆپ يېيىلسە، ئاسانلا بەدەندە سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ.
…مېۋىنى ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلىش. ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ياشلارنىڭ تولىسى ئۇزاق ۋاقىت جىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغانلىقتىن، ئادەتتە ھەزىم قىلىشنىڭ راۋان بولماسلىقى ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ، شۇڭا تەمى ياخشى مېۋىلەرنى تاللاپ يەيدۇ. بۇ خىل ئادەتمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. گەرچە مېۋىلەردە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە شېكەر بولسىمۇ، ئەمما ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئاقسىل ۋە بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولىدۇ. مېۋە ئۇزاققىچە ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلىنسا، ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار كەمچىل بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، نۇرغۇن مېۋىلەرنىڭ تەمى بەك تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، زىيادە كۆپ يېسە يەنىلا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.


3)ئۇزاققىچە بەك كۆپ يېيىش سېمىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلار مەلۇم بىر باسقۇچتا ئۇزاققىچە بەك كۆپ يەپ، ئاخىرىدا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شاڭخەي 1-ئاياللار-بوۋاقلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەك-ئىچمەك، سېمىزلىك ۋە خەتەرلىك ئامىللار قاتارلىق ئۇنىۋېرسال سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھامىلىدارلىقتىكى دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئون يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 1995-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1996-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان تاللاپ تەكشۈرۈشتە %2 بولغان بولسا، ھازىر %4.6 كە يېتىپ، بىر ھەسسىدىن كۆپ قاتلانغان.


4) ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى سېمىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
جىسمانىي پائالىيەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللانغاندا، سېمىزلىكنى يەڭگىللىتىپ ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنسۇلىننىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان پايدىلىنىدىغان قىلىنىدۇ-دە، دىيابېت كېسەللىكى پەيدا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، يەنى جىسمانىي پائالىيەت ئازايسا، ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىپ، توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، قان شېكىرىدىن پايدىلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ-دە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، ئىشىكتىن چىقسىلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان، بىناغا چىقىپ-چۈشۈشتە لىفىتقا چىقىدىغان، كىر يۇغاندا كىرئالغۇ ئىشلىتىدىغان بولدى. تېلېۋىزوردا 24 سائەت ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، قايسى قانالدىكى نومۇرنى كۆرمەكچى بولسا، ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپ قولىدىكى تىزگىنەكنى باسىدىغان بولدى؛ بەزىلەر ساپادا ئۇزاققىچە يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ئامراق كېلىدۇ، بەزىلەر ئۇزاق ئۇخلاپ، كارىۋاتتا ئېغىناپ يېتىشنى تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان خەۋپ-خەتەرنى بىلمەيدۇ.
يەنە ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئېغىر بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى دەرس ئاڭلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن ئۆتىدۇ. ئارام ئالغاندا ھامان تېلېۋىزور كۆرىدۇ، كومپيۇتېر ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمانىي پائالىيىتى بارغانسېرى ئازايغانلىقتىن، ھازىر مەكتەپلەردە نۇرغۇن « كىچىك دوغىلاقلار » پەيدا بولدى. مانا بۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە يامراۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
ھەرىكەت ئۇزاققىچە كەمچىل بولسا، مۇسكۇل ئاستا-ئاستا يىگىلەپ، جىسمانىي كۈچ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ روھسىزلىق، سېمىزلىك، ئەزالارنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئاسانلا دىيابېت كېسەللىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ كۆزىتىشىدىن ئىسپاتلاندىكى، ئەگەر ئادەم 20 كۈن مىدىرلىماي جىم تۇرسا، يۈرەك سوقۇشى ۋە ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، قان بىلەن تەمىنلىنىش ۋە ئوكسىگېن قوبۇل قىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىكەن. شۇڭا، ياپونىيە دىيابېت كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى ۋە بەل ئاغرىش قاتارلىقلارنى « ھەرىكەت يېتەرسىزلىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى » گە كىرگۈزۈپ، زۆرۈر ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب، دەپ قارىدى.
نۆۋەتتە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىدا ياشانغانلار ۋە ياشلار كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر ئاز بولماقتا. بولۇپمۇ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش جىددىي زۆرۈر بولغان ئوتتۇرا ياشلىق زىيالىيلاردىن يىل بويى تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار تېخىمۇ ئاز بولماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بىرى ئادەم ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرگە كىرگەندە ھەم كەسىپتىكى « تايانچ »، ھەم ئائىلىدىكى « تۈۋرۈك » بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، ئائىلە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ؛ يەنە بىرى، بەزى ئوتتۇرا ياشلىقلار ئادەتتە ئۆزىنى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان دەپ قاراپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار ساغلاملىقنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ. بەل ئايلانمىسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئېشىپ بېرىشىغا پەرۋا قىلمىغان چاغ، بەلكىم دىيابېت كېسەللىكى بەدەننى بىلىندۈرمەي چىرماۋاتقان چاغ بولۇشى مۇمكىن.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىجىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى يامراش خارا
  • ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتىئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. يۆتەل: يۆتىلىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت بولۇپ، دەسلەپتە بىمار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئارىلاپ يېنىك يۆتىلىدۇ. يۆتەل ئا
  • سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكىسېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 14- دۇنيا دىيابېت كېسەللىكى كۈنى بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى دىيابېت كېسەللىكى ۋە سېمىزلىك ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى
  • ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتىياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئادەم ئورگانىزمىدىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى كۆپ. ئادەتتە ئۇ دانچىلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە زىچلىقىغا ئاساسەن خىلۇس مىكرو دانچىلىرى ( CM)، زىيادە تۆۋەن
  • دېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرىدېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1 . قېرىلىق دېۋەڭلىكى: بۇ ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى مېڭىنىڭ قېرىشى، مېڭە يىگلەش، ھەتتا پۈتۈن مېڭە ي