ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
1. يۆتەل: يۆتىلىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت بولۇپ، دەسلەپتە بىمار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئارىلاپ يېنىك يۆتىلىدۇ. يۆتەل ئاۋازى ياڭراق، بەلغەم چىقىرىشى كۈچلۈك بولىدۇ. كۈندۈزدىكى يۆتەل كېچىدىكىدىن كۆپ بولۇپ، بارا- بارا كېچە- كۈندۈز يۆتىلىدىغان بولىدۇ. بىمار دائىم تاماكا چەككەندە، زۇكامدىغاندا، زەھەرلىك گاز، سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا يۆتەل كۆپىيىپ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھەر يىلى قىش پەسلىدە ياكى ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندا ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ. كېيىنچە يىل بويى يۆتىلىدىغان، قىشتا ئېغىرلىشىدىغان بولىدۇ. دېمەك، بىمارنىڭ يۆتىلى ئۇزاق يىللار تەكرار قوزغىلىپ، بارا- بارا ئېغىرلىشىش ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى.


2. بەلغەم: كاناي ياللۇغىنىڭ دەسلىپىدە بىمار يۆتەلگەندە ئاز مىقداردا ئاق يېپىشقاق ياكى ئاق ماغزاپ شەكلىدىكى خەپرۈك چىقىدۇ. ئادەتتە خەپرۈكنىڭ بىر كۈندىكى مىقدارى 60 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى جىددىي قوزغالغاندا خەپرۈك يېپىشقاق، يىرىڭسىمان بەلغەمگە ئۆزگىرىپ كۆپىيىپ كېتىدۇ. يۆتەل كۈچىيىپ كەتكەندە بەلغەمدە قان يېپچىلىرى پەيدا بولىدۇ.

3. دەم سىقىلىش: دەسلىپىدە بىمارنىڭ دېمى سىقىلمايدۇ. ئەمما، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ، دېمى سىقىلىدۇ. مەسىلەن، بىمار ھەرىكەت قىلسا دېمى سىقىلىپ، ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىدۇ. شۇڭا، بارا- بارا ھەرىكىتى ئازىيىپ، جىسمانىي ئەمگەكتىن قالىدۇ. ھەتتا ئولتۇرسىمۇ دېمى سىقىلىپ ھاسىرايدۇ.


4.ياللۇغ: قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كىشىلەردە ئوڭايلا كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ باشلىنىشىدا بىماردا قىزىش، تەرلەش، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپىيىش ۋە دېمى سىقىلىش ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىجىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى يامراش خارا
  • ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتىئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى 4 خىل ئالامىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. يۆتەل: يۆتىلىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت بولۇپ، دەسلەپتە بىمار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئارىلاپ يېنىك يۆتىلىدۇ. يۆتەل ئا
  • سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكىسېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 14- دۇنيا دىيابېت كېسەللىكى كۈنى بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى دىيابېت كېسەللىكى ۋە سېمىزلىك ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى
  • ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتىياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى ۋە ئەھمىيىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئادەم ئورگانىزمىدىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ تۈرى كۆپ. ئادەتتە ئۇ دانچىلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە زىچلىقىغا ئاساسەن خىلۇس مىكرو دانچىلىرى ( CM)، زىيادە تۆۋەن
  • دېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرىدېۋەڭلىكنىڭ 7 خىل تۈرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1 . قېرىلىق دېۋەڭلىكى: بۇ ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى مېڭىنىڭ قېرىشى، مېڭە يىگلەش، ھەتتا پۈتۈن مېڭە ي