جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:


جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى

جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى يامراش خاراكتېرلىكمۇ، قىسمەن خاراكتېرلىكىمۇ بولىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ؛ قاسراقسىمان سىرغىما ماددا ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاپلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ شىللىق پەردە قاتلاقلىرىدا قانلىق چېكىت ۋە شەلۋەرەش كۆرۈلىدۇ. شەلۋەرەش ئېغىر بولغاندا بەز يېنىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئەمما، شىللىق پەردە مۇسكۇل قاتلىمىدىن ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. شىللىق پەردىنىڭ ياللۇغلىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. سىرتقى يۈزىدىكى ئۈستۈنكى پوستلاق ھۈجەيرە تۆۋەنرەك بولىدۇ. خاس پەردىدىكى نېيترال دانچە ھۈجەيرە، لىمفا ھۈجەيرىسى، پىلازما ھۈجەيرىسى ۋە ئاز مىقداردىكى كىسلاتا خۇمار دانچە ھۈجەيرە تەدرىجىي نەملىشىدۇ ھەمدە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. بەز تېنى ھۈجەيرىسى، بولۇپمۇ بەزنىڭ بويۇن قىسمىدىكى ھۈجەيرە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىدۇ ۋە نىكروزلىنىدۇ. شىللىق پەردە قان تومۇرىغا قان تولىدۇ، تاسادىپىي ھاللاردا ئارىلىق ماددا قانايدۇ. ئېغىر بولغاندا شىللىق پەردىنىڭ ئاستى قەۋىتىدە سۇلۇق ئىششىق پەردە بولىدۇ ۋە قان تولىدۇ.


جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قانداق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بار؟
كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى جىددىي، تېز بولىدۇ. بىمارلار كۆپىنچە تۇنجى قېتىملىق كېسەل يۈز بەرگەن ياكى كېسەللىك باشلانغان ۋاقىت ۋە يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئېنىق دىيەلەيدۇ. بەزىدە بىر قانچە مىنۇت، ھەتتا بىر قانچە سائەتكە سوزۇلىدۇ. كېسەل پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئادەتتە ئېنىق دېيەلەيدۇ. مەسىلەن، كەچتە سالقىنداش، كاۋاپ يېيىش، بەزى دورىلارنى ئىچىش ياكى قورساق كۆپۈش قاتارلىقلار. ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بىرقانچە سائەتتىن ئون نەچچە سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئۈستۈنكى قورساق قىسمۇ ئوتتا كۆيگەندەك، كۆپكەندەك بىئارام بولىدۇ. كېسەللىكنىڭ ھېچقانداق دەسلەپكى ئالامىتى بولمايدۇ. تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ. قورساق ئاغرىقى كۆپىنچە ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدا ياكى كىندىك ئەتراپىدا بولىدۇ. تولغاپ، كۆپۈپ ياكى كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىش ئادەتتە چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق بولىدۇ، يېنىكمۇ بولىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بىمارلىرىدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئالامەت بولۇپ، دائىم كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن دوختۇرلارغا كېسىلى توغرىسىدا ۋايساپ بېرىدۇ. بەزىدە كۆڭلى قاتتىق ئېلىشىدۇ. ئەمما، كۆپ قۇسمايدۇ. كىسلاتا پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى ياندۇرىدۇ. قۇسۇش جىددىي بولغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقى يېنىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياكى ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردە يىرتىلىدۇ. قۇسۇق قېنىق قىزىل كېلىدۇ ياكى قەھۋە رەڭلىك كېلىدۇ. يېگەن مىكروب ۋە ئۇنىڭ توكسىنلىرى دائىم يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ بىرقانچە سائەتتىن 24 سائەتكىچە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. كۆپىنچە قىزىش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي ياللۇغى ئالامەتلىرى بىللە كېلىدۇ، ھەتتا سۇسىزلىنىش، كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ياكى شوك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار بىللە يۈز بېرىدۇ. ئۈستۈنكى قورساق ياكى كىندىك ئەتراپىنى باسقاندا بوش ئاغرىيدۇ، ئۈچەينىڭ غولدۇرلىشى كۈچىيىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك جەريانى قىسقا بولۇپ، 5 ~ 3 كۈن ئىچىدىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر