بوغۇم ئۆسۈكى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى قورۇلۇپ تارايغاچقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا، مەسىلەن، كىچىك بوغۇمدىكى بوغۇم خالتىلىرى، تىكەنلىك ئۈستۈنكى تارىمۇش، ئالدى تىك تارىمۇش، ئارقا تىك تارىمۇشتا ئومۇمەن ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
1) سېرىق تارىمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى: كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىكى ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقىنىڭ مۇقىملىقى كەمچىل بولغاچقا سېرىق تارىمۇشنىڭ يۈكى ئاشىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قېلىنلايدۇ. كالتىسيلىشىدۇ ياكى سۆڭەكلىشىدۇ.
2) كىچىك بوغۇم، ئىلمەكسىمان ئومۇرتقا بوغۇمى ۋە باشقا قۇرۇلمىلارنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
① ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىنىڭ ئۈستى-ئاستى دىيامېتىرى تارىيىدۇ: ئۈستى-ئاستى ئومۇرتقا تېنى يېقىنلايدۇ، شۇڭا ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىنىڭ ئۈستى-ئاستى دىيامېتىرى تارىيىدۇ.
② ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىنىڭ ئالدى-ئارقا ئارىلىقى كىچىكلەيدۇ: بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى كىچىك بوغۇملارنىڭ  يۈزى ئالدىدىن ئارقىسىغا يانتۇ بولغان ئاناتومىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۆزگەرگەندە ئۈستىدىكى ئومۇرتقا تېنى بۇ قىيپاش يۈزنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشۈپ يېرىم ئاجراب، ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىنىڭ ئالدى-ئارقا ئارىلىقىنى تارايتىش بىلەن نېرۋا يىلتىزىنىڭ بېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوڭ-سول، ئۈستى-ئاستى يىغىلىپ تارىيىش ۋە ياپىلاقلىشىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا ئومۇرتقا تېنى يانتۇراق چۆرگۈلەيدۇ. تىكەنلىك ئۆسۈكچە تومپىيىشمۇ مۇناسىپ ھالدا ئوڭ-سول تەرەپلەردە يانتۇلۇق پەيدا بولىدۇ.
③ بويۇن تارىمۇشنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى: بويۇن تارىمۇشى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ، مۇقىمسىز بۆلەكلەردە ئاستا زەخىملىنىپ ئۆزگىرىپ كۆمۈرچەكلىشىدۇ ۋە سۆڭەكلىشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر