دىيابېت كېسەللىكى ۋە ئىرسىيەت

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
ئالاقىدار تەتقىقات كۆزىتىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. تېببىي ساھەدىكىلەر شۇنىڭغا ئاساسەن، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئىرسىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. تەن تۈزۈلۈشى ئوخشاش ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدە، ئەگەر بىرەرى دىيابېت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بولسا، قالغانلىرىمۇ دىيابېت كېسەللىكىگە بىر قەدەر ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاتا-ئانىنىڭ ھەربىر پەرزەنتىنى دىيابېت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت دىيابېت كېسەللىكىنىڭ « ئائىلە يۈزلىنىشى » بار دېيىش مۇمكىن، ئادەتتە ئۇ ئىرسىيەت كېسەللىكى دەپمۇ ئاتالمايدۇ.


Ⅰ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەت خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
جۇڭگو ئاھالىسى ئىچىدە Ⅰ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەۋلاد ئارا ئىرسىيەت بولۇشمۇ ئانچە ئېنىق ئەمەس. ئەگەر ئانا Ⅰ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى %2 بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئەگەر ئاتا Ⅰ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارى بولسا، ئۇنىڭ ئىرسىيەت نىسبىتى %10 كە يېتىدۇ. ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ئارا دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى %10 كە يەتمەيدۇ، قوشكېزەك بولغان تەقدىردىمۇ نىسپىي خەۋپ پەقەت %50 لا بولىدۇ.

Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەتچانلىقى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ. ئەگەر ئانىدا Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بولسا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %20 بولىدۇ؛ ئەگەر ئاتىدا بۇ خىل كېسەللىك بولسا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدە كېسەل بولۇش پۇرسىتى %15 بولىدۇ. ئاتا ۋە ئانىنىڭ ئىككىسىدە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بولغان ئائىلىدە، پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %25 كە يېتىدۇ؛ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ئارا دىيابېت كېسىلى بولۇش پۇرسىتى %75 بولۇپ، قوشكېزەكلەردە بۇ خىل پۇرسەت يۈزدە يۈز پىرسەنت بولىدۇ.
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەت شەكلى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىدى. تېببىي ساھەدىكىلەر: بەلكىم بۇ ئادەم بەدىنىدىكى بەزى گېنلار دىيابېت كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، گەرچە دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەت يۈزلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما ئىرسىيەت بولىدىغىنى دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى دىيابېت كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشتىن ئىبارەت. يەنى « ئىرسىيەت ئامىلى » بار كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا دىيابېت كېسەللىكىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەمما دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى توپىنىڭ زور بىر قىسمى ئاساسلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر