سەكتە بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:


ئادەتتە، بىز مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكى، ئارتېرىيە ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق سەكتە پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنى سەكتە يۈز بېرىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر دەپ ئاتايمىز، چۈنكى بۇنداق كىشىلەردە سەكتە ئاسانلا يۈز بېرىدۇ.
مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسمان قېتىش كېسەللىكىدە بىمارنىڭ قېلىنلىغان مېڭە ئارتېرىيە دىۋارىدا كۆپ مىقداردىكى مايلار دائىرىلىك توپلانغاندىن كېيىن « بوتقىسىمان داغ » نى شەكىللەندۈرىدۇ، نەتىجىدە قان تومۇر تارىيىدۇ ھەمدە يۈزى بۈدۈر- چوقۇر بولىدۇ. قاندىكى ماددىلار « بوتقىسىمان داغ » بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىشىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان نوكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ياكى قان تومۇر دىۋارىنى نېپىزلىتىپ ئاسانلا قان تومۇر يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكى كۆپ ساندىكى مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى پاتولوگىيەلىك ئاساستۇر.
ئارتېرىيە ياللۇغىنى كۆپىنچە باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئارتېرىيە ياللۇغىنى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلىرىدىن رېماتىزملىق ئارتېرىيە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇزلۇق ئارتېرىيە ياللۇغى، دىيابېتلىق ئارتېرىيە ياللۇغى، قان نۆكچىسى توسۇلۇشتىن بولغان ئارتېرىيە ياللۇغى، سىستېمىلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىقلار بار. ئارتېرىيە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرى ئوخشاش بولمىسا كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق، ھەرقانداق ئارتېرىيە ياللۇغى مېڭە ئارتېرىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ سەكتىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۆيگە تۇبېركۇليۇزى پەقەت ئۆپكىدىكى كېسەللىك بولسىمۇ، بىراق مېڭە قان تومۇرلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ تۇبېركۇليۇزلۇق مېڭە ئارتېرىيە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئارتېرىيە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغانلار چوقۇم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر داۋالىنىشى، سەكتە يۈز بېرىپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
يۇقىرى قان بېسىمى دەل سەكتىدىكى ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل بولۇپ، خەلقئارادا « شەپىسىز قاتىل » دەپ ئاتىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ سەكتە بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. مېڭىسىگە قان چۈشكەن بىمارلاردا ئارىسىدا كېسەللىك قوزغىلىشىن ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىمى بولغانلار %45 نى ئىگىلەيدىكەن؛ مېڭە تىقىلمىسى بىمارلىرى ئارىسىدىكى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 ئىكەن. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەمدە يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن سەكتە يۈز بېرىدىكەن. شۇڭلاشقا، دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 8-كۈنىنى « يۇقىرى قان بېسىمى كۈنى » قىلىپ بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرى قان بېسىمى تىزگىنلەنسىلا سەكتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى روشەن ھالدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ياپونىيەدە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەچكە ئەسلىدىكى سەكتە يۈز بېرىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇشتىن دۇنيا بويىچە 10- ئورۇنغا تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قاندىكى مايلار ناھايىتى ئاسانلا قان تومۇر دىۋارىغا كىرىۋېلىپ ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشنى ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن ئارتېرىيەنىڭ بوتقسىمان كېتىش كېسەللىك بىللە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.يۇقىرى قان بېسىمىنى سەكتە يۈز بېرىشتىكى مۇھىم خەتەرلىك ئامىل دەيمىز، لېكىن بۇ قان بېسىمى نورمال بولسىلا سەكتە يۈز بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. قېنىنىڭ ئۇيۇشچانلىقى يۇقىرى بولغانلار ئاخشىمى ئۇخلىغان ۋاقىتتا قېنىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ، نەتىجىدە قاندىكى قان پىلاستىنكلىرى ۋە تالالىق ئاقسىللار ئاسانلا چۆكمە بولۇۋالىدۇ، قان بېسىمىمۇ كۈندۈزىگە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قان بېسىمى يەنىلا نورمال دائىرە ئىچىدە تۇرسىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ياكى مېڭە تىقىلمىسى ياز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال « تۈن يېرىمىدا ئۆلۈپ كېتىش » دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولمىغانلارنىڭ يۈرىكى ئۈنۈملۈك ھالدا قاننى سىقىپ چىقىرالمىغانلىقتىن، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماي، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
يۈرەك كېسەللىكىمۇ مېڭە تىقىلمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبىدۇر. چەت ئەللەرنىڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەكتە بىمارلىرىنىڭ %75 ىدە يۈرەك كېسەللىكى تارىخى بار ئىكەن. چۈنكى، يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولماسلىق ۋە يۈرەك رىتىمسىزلىقى سەۋەبىدىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، قاننىڭ ئېقىمى ئاستىلاپ، مېڭە قان تومۇرلىرىدا قان يېتىشمەسلىك پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ دەل سۇ پومپىسىنىڭ توساتتىن ئىشلىمەسلىكى ياكى سۇ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن، تۇرۇبا يولىدىكى سۇنىڭ مۇناسىپ ھالدا ئازىيىشى ياكى توختاپ قېلىشىغا ئوخشايدۇ. يۈرەك رىتىمسىزلىقى يۈز بەرگەن چاغدىكى يۈرەك دالانچىسىنىڭ تىترىشى يەنە يۈرەك مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان ئېقىنىنى توختىتىپ قويۇشى ياكى يۈرەك دالانچە دىۋارىغا چاپلاشقان قان نۆكچىسىنىڭ ئاجرىلىپ چۈشۈپ قان تومۇر كەپلەشمىسى شەكىللەندۈرۈشى نەتىجىسىدە مېڭە تىقىلمىسىنىڭ خەۋپى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. مەملىكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ھەققىدىكى بەزى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىمۇ يۈرەك كېسەللىكى تارىخىنىڭ سەكتە يۈز بېرىشنىڭ خەۋپلىك ئامىلى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇڭلاشقا، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولمىغانلارنى ئاكتىپ داۋالاش ئارقىلىق يۈرەك مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


دىيابېت كېسەللىكى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، شېكەر مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىق كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، كۆپ سىيىش، سۈيدۈكتىكى ۋە قاندىكى شېكەر مىقدارى ئۆرلەپ كېتىشتۇر. قان شېكىرى زىيادە ئېشىپ، ماي ئارتۇقچە پارچىلىنىپ، مايسىمان ماددىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئېنزىمنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، ۋىتامىن كەملىك كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئالمىشىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، دىيابېت بىمارلىرىدا كۆپىنچە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكى قوشۇلۇپ كېلىدۇ ھەمدە كېسەللىك يۈز بېرىش يېشى بالدۇر بولۇپلا قالماي، بەلكى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكىمۇ نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت بىمارلىرىدا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىللە كۆرۈلگەندە يۈز بېرىدىغان ئاساسلىق ئالامەت مېڭە تىقىلمىسى ئىكەن، ئاز ساندىكىلىرىدە مېڭە قاناش يۈز بېرىدىكەن. باشقا ماتېرىياللاردا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تەخمىنەن %25 دىيابېت بىمارلىرىدا يۇقىرى قان بېسىمى بىللە كۆرۈلىدىكەن.
قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش تېببىي ئىلىمدا يۇقىرى ماي ئاقسىللىق قان كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. قان پىلازمىسىدا ماي، مەسىلەن،  ( تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى )، خولېستېرىن قاتارلىقلار زىيادە كۆپ بولۇپ، ئارتېرىيەنىڭ ئىچكى پەردىسىدە يىغىلىپ بوتقىسىمان مۈنەكچە ھاسىل قىلىپ، مېڭە ئارتېرىيەسىدە بوتقىسىمان قېتىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەكتىنىڭ قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ.
يۇقىرىدىكى بىرقانچە خىل كېسەللىك ئىپادىلىرى بارلار سەكتە بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم قاراتمىلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر